خىتاي تۈرلۈك باھانىلەر بىلەن ئائىلىلەرنى نازارەت قىلىشنى داۋاملاشتۇرماقتا

خىتاي رېجىمىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئائىلىلەرنى نازارەت قىلىش جىنايىتى خەلقئارانىڭ دىققىتىنى تارتىپ كېلىۋاتقان بولۇپ، خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەرلىرى بۇ سىياسەتنىڭ داۋاملىق قاتتىق ئىجرا قىلىنىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ بەرمەكتە.

تەڭرىتاغ تورىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، شەرقىي تۈركىستاننىڭ سانجى ئوبلاستىدا  50 مىڭدىن ئارتۇق كومپارتىيە ئەزاسى ئاتالمىش «ئىككىنى تولۇق قاپلاش»، «ئەل رايىنى بىلىش»، «چىن قەلب، چىن ھېسسىيات بىلەن ئەمەلىي خىزمەت قىلىش» دېگەندەك ناملاردا، يەرلىك خەلقنىڭ ئۆيلىرىگە جەمئىي 400 مىڭ 500 ئائىلە قېتىم كىرىپ، نازارەت قىلىشقا تەشكىللەنگەن.

سانجى ئوبلاستىدىكى ھەرقايسى شەھەر، ناھىيەلەردىكى ئىدارە-ئورگانلار خىتاي كوممۇنىستلىرىنى تەشكىللەپ، ئاساسىي قاتلامدىكى خەلق ئاممىسىنىڭ ئائىلە ئەزالىرىنى، ئومۇمىي ئەھۋالىنى نازارەت قىلغان. پۈتۈن ئوبلاستتىكى 598 كەنت (مەھەللە)نىڭ پارتىيە ئورگانلىرى يەنە «كەنت ئاھالىلىرى ئەھۋال ئىنكاس قىلىش كۈنى» پائالىيىتىنى تەشكىللەپ، ئاتالمىش «بىخەتەرلىك يوشۇرۇن خەۋپى» مەسىلىسىدىن جەمئىي 8837 دىن ئارتۇقنى رەتكە تۇرغۇزغان.

خىتاي خەۋەر مەنبەلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، سانجى ئوبلاستىدىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە ئەزالىرى يەنە ئاتالمىش «ئىككى بىلەن ئالاقىلىشىش، ئىككىنى ئاشكارىلاش، ئىككىنى بايان قىلىش، بىردە مۇلازىمەت قىلىش» دېگەندەك ناملاردا گۇرۇپپا تەشكىللەپ، خەلقنىڭ ئۆيلىرىگە ئۈسۈپ كىرىپ ئەھۋال ئىگىلىگەن.

كۆزەتكۈچىلەر خىتاينىڭ يېقىنقى يىللاردىن بېرى شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا تۈرلۈك ناملاردا خەلقنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالىنى ئىگىلەپ، گۇمانلىق دەپ قارىغان كىشىلەرنى ھەرخىل باھانىلەر بىلەن جازا لاگېرى ياكى تۈرمىگە قامىغانلىقىنى، يېقىنقى كۈنلەردە يەنە ئاتالمىش «كەنت ئاھالىلىرى ئەھۋال ئىنكاس قىلىش كۈنى» دېگەنگە ئوخشاش ناملار بىلەن، خەلق ئاممىسىنى بىر-بىرىنى پاش قىلىشقا مەجبۇرلىغانلىقىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

بۇ خەۋەر 1170 قېتىم كۆرۈلدى
09/10/2021 18:46:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق