خىتاي ئۇيغۇر نانلىرىنى باشقا دۆلەتلەرگە ئېكسپورت قىلىشقا باشلىدى

يېقىندا قەشقەر ۋىلايىتىدىكى ئاتالمىش «نانچىلىق كەسپى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى»نىڭ پىلانلىشى بىلەن، ئۇيغۇر نانلىرى پاكىستان ۋە تاجىكىستانغا ئېكسپورت قىلىنىشقا باشلىغان.

خىتاي كۈندىلىك گېزىتىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، شېنجېن خېجېڭيۈەن گۇرۇھى ئېكسپورت قىلغان تۇنجى تۈركۈمدىكى سۈتلۈك نان 7-ئۆكتەبىر قونجىراپ ئېغىزدىن چىقىپ، پاكىستاننىڭ گىلگىت-بالتىستان رايونىغا يېتىپ بارغان. ئېيتىلىشىچە، بۇ بىر تۈركۈم سۈتلۈك نان «قەشقەر نەندا يېڭى دېھقانچىلىق چەكلىك شىركىتى»دە ئىشلەپچىقىرىلغان بولۇپ، بۇ ئۇيغۇر نېنىنىڭ جەنۇبىي ئاسىيادىكى چوڭ دۆلەتلەرگە تۇنجى قېتىم ئېكسپورت قىلىنىشى ئىكەن.

ئۇندىن باشقا قەشقەر چىلۇ خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتىمۇ 100 يەشىككە قاچىلانغان سۈتلۈك نان، ئەتىرگۈل نان، ياڭاق مېغىزلىق نان، ئاچچىق-چۈچۈك نان قاتارلىق تۈرلۈك نانلارنى تۇنجى تۈركۈمدە تاجىكىستانغا ئېكسپورت قىلىنغان.

خىتاي يېقىنقى يىللاردىن بېرى ئۇيغۇرلارنىڭ كىملىكىنىڭ نامايەندىسى بولغان ئەنئەنىۋى ھۈنەر-سەنئەتلىرىنى ھەرخىل باھانىلەر بىلەن چەكلەپ، ھۈنەرۋەنلەرنى ھەرخىل تۆھمەتلەر بىلەن لاگېر ۋە تۈرمىلەرگە قاماش بىلەن بىرگە، ئاتالمىش «ھۈنەر-سەنئەتنى كۆلەملەشتۈرۈش»نامىدا زاۋۇتلارنى قۇرماقتا ۋە مەزكۇر زاۋۇت-كارخانىلاردا ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سالماقتا.

كۆزەتكۈچىلەر خىتاينىڭ بىر تەرەپتىن شەرقىي تۈركىستاننى خىتايلاشتۇرۇشتەك رەزىل پىلانى بويىچە بىر تەرەپتىن ئۇيغۇرلارنىڭ ھۈنەر-كەسىپ ساھەسىنى ۋەيران قىلىشقا ۋە ئىگىلىۋېلىشقا ئۇرۇنسا،  يەنە بىر تەرەپتىن زاۋۇت-كارخانىلاردا ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش ئارقىلىق ئىشلەپچىقارغان مەھسۇلاتلىرىنى خەلقئاراغىچە كېڭەيتىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

 

بۇ خەۋەر 1260 قېتىم كۆرۈلدى
09/10/2021 12:18:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق