ئامېرىكا ئىستىخبارات ئورگىنىدا خىتاي ۋەزىپە مەركىزى قۇرۇلدى

ئامېرىكا مەركىزىي ئىستىخبارات ئىدارىسى كۈنسېرى قارشىلىشىش ھالىتىگە ئۆتۈۋاتقان خىتاي رېجىمىگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، «خىتاي ۋەزىپە مەركىزى» قۇرۇلغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا مەركىزىي ئىستىخبارات ئىدارىسى باشلىقى ۋىليام بۇرنسWilliam Burns7-ئۆكتەبىر بايانات ئېلان قىلىپ، «خىتاي ۋەزىپە مەركىزى»نىڭ قۇرۇلغانلىقىنى، بۇ ئارقىلىق ئىستىخبارات ئىدارىسىنىڭ كۈچىنى كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان خىتاي تەھدىتىگە تاقابىل تۇرۇشقا مەركەزلەشتۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ باياناتىدا: «خىتاي رېجىمى بىز 21-ئەسىردە دۇچ كەلگەن ئەڭ مۇھىم گېئوپولىتىلىق تەھدىت» دېگەن.

خىتاينىڭ ھەرىكەتلىرىگە بولغان ئەندىشە بۇندىن ئىلگىرىمۇ مەۋجۇت بولۇپ، بۇرنس بۇ يىل 2-ئايدىكى نامزاتلارنى سايلاش يىغىنىدا پارلامېنت ئەزالىرىغا: «كەلگۈسى نەچچە ئون يىلدا خىتاي بىلەن رىقابەتلىشىش دۆلىتىمىز بىخەتەرلىكىنىڭ ئاچقۇچى بولىدۇ» دەپ ئوتتۇرىغا قويغان.

بۇرنس يەنە بۇ يىل 4-ئايدا پارلامېنتتا ئۆتكۈزۈلگەن يەر شارى خاراكتېرلىك تەھدىت ھەققىدىكى ئىسپات ئاڭلاش يىغىنىدا ئاگاھلاندۇرۇش بېرىپ، ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى رىقابەتنىڭ كۈنسېرى تېخنىكا ساھەسىگە مەركەزلىشىۋاتقانلىقىنى، مەركىزىي ئىستىخبارات ئىدارىسىدىكى ئۈچتىن بىر قىسىم خادىملارنىڭ ئاللىبۇرۇن تېخنىكا ۋە تور خىزمىتى بىلەن مەشغۇل بولۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئامېرىكا مەركىزىي ئىستىخبارات ئىدارىسى يەنە «دۆلەت ھالقىغان ۋە تېخنىكا ۋەزىپە مەركىزى» قۇرۇلغانلىقىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان تېخنىكا، ئىقتىسادىي بىخەتەرلىك، سەھىيە ۋە كىلېمات ئۆزگىرىشى قاتارلىق دۇنياۋى رىقابەت كۈچىنى تېخىمۇ ياخشى بىر تەرەپ قىلىش ئۈچۈن، «باش تېخنىكا ئەمەلدارى»دىن ئىبارەت يېڭى ۋەزىپە ئورنىنى تەسىس قىلغان.

مەركىزىي ئىستىخبارات ئىدارىسى يەنە «تېخنىكا ۋە تەتقىقاتچىلار تۈرى»نىڭ يولغا قويۇلغانلىقىنى، بۇ ئارقىلىق مۇتەخەسسىسلەرنى مەركىزىي ئىستىخبارات ئىدارىسى بىلەن بىر يىلدىن ئىككى يىلغىچە ھەمكارلىشىشقا تەكلىپ قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

بۇ خەۋەر 874 قېتىم كۆرۈلدى
09/10/2021 11:22:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق