ئامېرىكا شىركىتى خىتايدىكى زاۋۇتىدا ئۇيغۇرلارنى ئىشلىتىۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلىدى

ئامېرىكىنىڭ تىزگىنەك ئىشلەپچىقىرىش شىركىتى «ئۇنىۋېرسال ئېلېكتىرون» گۇاڭشى ئۆلكىسىنىڭ چىنجوۋ شەھىرىدىكى زاۋۇتىدا نەچچە يۈزلىگەن ئۇيغۇر ئىشچىنى ئىشلىتىۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلىدى.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، «ئۇنىۋېرسال ئېلېكتىرون شىركىتى» (UEI) نۆۋەتتە كەم دېگەندە 400 ئۇيغۇرنى ئىشلىتىۋاتقان بولۇپ، ئۇلار خوتەن ۋىلايىتىدىن ئېلىپ كېلىنگەن. مەزكۇر ئۇيغۇرلار ساقچىلارنىڭ نازارىتىدە مەخسۇس ئايروپىلان بىلەن شەرقىي تۈركىستاندىن چىنجوۋ شەھىرىدىكى زاۋۇتقا يۆتكەپ كېلىنگەن. مەلۇم بولۇشىچە، 2019-يىلى 5-ئايدىن 2020-يىلى 2-ئايغىچە بولغان ئارىلىقتا، خوتەن ۋىلايىتىدىن مەزكۇر زاۋۇتقا ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ ئالتە قېتىم ئادەم يۆتكەپ كېلىنگەن. مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنغان ئۇيغۇرلار ھەتتا زاۋۇتقا كەلگەندىن كېيىنمۇ، تۇرمۇشى ۋە يېمەك-ئىچمەكلىرى ساقچىلارنىڭ نازارىتىدە بولغان.

ئەمما «ئۇنىۋېرسال ئېلېكتىرون شىركىتى» زاۋۇتىدىكى ئىش تۈزۈمىنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك ئىكەنلىكىنى رەت قىلىپ، ئۇيغۇر ئىشچىلىرىغا قىلىنغان مۇئامىلىنىڭ باشقا خىتاي ئىشچىلىرىغا قىلىنغان مۇئامىلىنىڭ ئوخشاش ئىكەنلىكىنى دەۋا قىلغان.

شىركەت باياناتچىسىنىڭ كۆرسىتىشىچە، ئۇيغۇرلار بىلەن شىركەت ئوتتۇرىسىدا ئۈچىنچى تەرەپ ۋاسىتىچى بار بولۇپ، شىركەت 2019-يىلى شەرقىي تۈركىستاندىكى خىتاي دائىرىلىرى بىلەن كېلىشىم تۈزگەن. ۋاسىتىچى تەرەپ ئۇيغۇرلارنى يۆتكەپ كېلىش ۋە ئىش ھەققى بېرىشكە مەسئۇل بولغان. شىركەت ئۇيغۇر ئىشچىلار بىلەن بىۋاسىتە توختام ئىمزالىمىغان. پەقەت ئۇيغۇرلارنى ئايروپىلان ياكى پويىز ئارقىلىق چىنجوۋ شەھىرىگە ئېلىپ كېلىش خىراجىتىنى تۆلىگەن.

شىركەت تەرەپ يەنە ئۇيغۇرلارنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا قانداق تەربىيەلەنگەنلىكىنى ياكى ئۇلارنى گۇاڭشىغا كىملەرنىڭ يۆتكەپ كەلگەنلىكىنى، كىملەرنىڭ پۇل تۆلىگەنلىكىنى بىلمەيدىغانلىقىنى ئېيتقان. نۆۋەتتە شىركەتنىڭ چىنجوۋدىكى زاۋۇتىدا 365 ئۇيغۇر بار بولۇپ، زاۋۇت ئۇلارنىڭ قانچىلىك ئىش ھەققى ئالىدىغانلىقىنى ئاشكارىلاشنى رەت قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئەڭ تۆۋەن ئىش ھەققىنىڭ زاۋۇتتىكى باشقا ئىشچىلارغا ئوخشاش ئىكەنلىكىنى، شىركەتنىڭ ئۇلارنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىندى، دەپ قارىمايدىغانلىقىنى، بارلىق ئىشچىلارغا باراۋەر مۇئامىلە قىلىدىغانلىقىنى دەۋا قىلغان.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى «ئۇنىۋېرسال ئېلېكتىرون شىركىتى» چېتىلغان مەجبۇرىي ئەمگەك ۋەقەسىگە ئىپادە بىلدۈرۈشتىن ئۆزىنى قاچۇرغان ۋە داۋاملىق جار سېلىپ كېلىۋاتقىنىدەك: «مەجبۇرىي ئەمگەك مەۋجۇت ئەمەس، شىنجاڭدىن كەلگەن ئىشچىلار بارلىق ئىشچىلارغا ئوخشاش قانۇن بويىچە ئىشلەش ھوقۇقىدىن بەھرىمەن بولىدۇ» دەپ بىلجىرلىغان.

بۇ خەۋەر 784 قېتىم كۆرۈلدى
09/10/2021 10:30:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق