بالقان دۆلىتى بوسنىيەدە شەرقىي تۈركىستان سۈرەت كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزۈلدى

بۈگۈن بالقان دۆلىتى بوسنىيە-گېرتسېگوۋىنانىڭ پايتەختى سارايېۋودا شەرقىي تۈركىستان ۋەزىيىتى ۋە خىتاينىڭ جىنايەتلىرى تونۇشتۇرۇلغان سۈرەت كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزۈلدى.

شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ تەشكىللىشى بىلەن ھەر يىلى داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان «شەرقىي تۈركىستانلىقلار قېرىنداشلىق ئۇچرىشىشى»نىڭ 13-نۆۋەتلىكى ۋە «شەرقىي تۈركىستان مىللىي بىرلىك شۇراسى»نىڭ 4-نۆۋەتلىكى بۇ يىل بوسنىيە پايتەختى سارايېۋودا ئۆتكۈزۈلىدىغان بولۇپ، ھەرقايسى دۆلەتتىن كەلگەن تەشكىلات ۋەكىللىرى، ئاكادېمىكلار ۋە جامائەت ئەربابلىرى 7-ئۆكتەبىر سارايېۋوغا جەم بولدى.

خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى رەئىسى، مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان باشچىلىقىدىكى ھەيئەت 7-ئۆكتەبىر ئەتىگەن دەسلەپكى تۈركۈمدە سارايېۋوغا يېتىپ بارغان بولۇپ، ئۇلار ئالدى بىلەن مۇستەقىل بوسنىيە دۆلىتىنىڭ قۇرغۇچىسى، قوماندان، پەيلاسوپ ئەلى ئىززەت بېگوۋىچ ۋە مۇستەقىللىق ئۇرۇشىدا شېھىت بولغان بوسنىيە جەڭچىلىرىنىڭ قەبرىسىنى زىيارەت قىلىپ، مەرھۇم قوماندان ۋە سارايېۋو خەلقىنىڭ بوسنىيەنىڭ مۇستەقىللىقى يولىدا قىلغان پىداكارلىقلىرى ۋە زۇلۇمغا قارشى تارىخىي ئىش-ئىزلىرىنى قايتىدىن ئەسلەپ ئۆتتى.

شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان ئەپەندى ۋە باشقا تەشكىلات يېتەكچىلىرى بۇ قېتىملىق يىغىلىشقا قاتنىشىش ئۈچۈن كەلگەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بىلەن جەم بولۇپ، شەرقىي تۈركىستاننىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى، مۇھاجىرەتتىكى شەرقىي تۈركىستان داۋاسى، تەشكىلاتلار ئارا ھەمكارلىق قاتارلىق مەسىلىلەردە پىكىر ئالماشتۇردى.


دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بۇندىن بۇرۇن شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى ساھىبخانلىقىدا داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان «دۇنيا شەرقىي تۈركىستانلىقلار قېرىنداشلىق ئۇچرىشىشى» ۋە «شەرقىي تۈركىستان مىللىي بىرلىك شۇراسى»غا ۋەكىل ئەۋەتىپ كەلگەن. ئەمما بۇ دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنىڭ مەزكۇر يىغىلىشقا تۇنجى قېتىم بىۋاسىتە ئىشتىراك قىلىشى ھېسابلىنىدۇ.

تەشكىلات ۋەكىللىرى 7-ئۆكتەبىر كەچتە يەنە تۈركىيەنىڭ 22-نۆۋەتلىك پارلامېنت ئەزاسى سۇلايمان گۈندۈز ئەپەندى بىلەن كۆرۈشۈپ سۆھبەت ئۆتكۈزدى. سۇلايمان گۈندۈز ئەپەندى ئىلگىرى خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا جىنايەتلىرى ھەققىدە بايانات ئېلان قىلغان بولۇپ، ئەينى ۋاقىتتا خىتاي تۈركىيە ھۆكۈمىتىگە دىپلوماتىك نوتا تاپشۇرغان بولسىمۇ، بىراق ئۇ يەنىلا شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى قوللاش ئىرادىسىدىن يانمىغان.


خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن، بۈگۈن پىلان بويىچە سارايېۋونىڭ باشچارشى رايونىدا شەرقىي تۈركىستاننىڭ تارىخى، نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى، خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايەتلىرى تونۇشتۇرۇلغان سۈرەت كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزۈلدى. كۆرگەزمىنى كۆپلىگەن يەرلىك خەلق زىيارەت قىلغان بولۇپ، بوسنىيەنىڭ تارىخىغا كۆپ جەھەتلەردىن ئوخشىشىپ كېتىدىغان، ئەمما ئۇنىڭدىن ھەسسىلەپ ئېغىر بولغان شەرقىي تۈركىستاندىكى پاجىئەلىك ۋەزىيەتتىن خەۋەردار بولدى.

ئىستىقلال تېلېۋىزىيەمىز بۈگۈن مەزكۇر كۆرگەزمىنى نەق مەيداندىن تارقىتىش بىلەن بىرگە، ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان ئەپەندى، دولقۇن ئەيسا ئەپەندى، مۇنەۋۋەر ئۆز ئۇيغۇر خانىم قاتارلىق بىر قىسىم تەشكىلات مەسئۇللىرىنى زىيارەت قىلدۇق. ئۇلار بۇ نۆۋەتلىك قېرىنداشلىق ئۇچرىشىشى ۋە مىللىي بىرلىك شۇراسىنىڭ، شۇنداقلا بۈگۈنكى سۈرەت كۆرگەزمىسىنىڭ زۆرۈرىيىتى، بوسنىيەدە ئۆتكۈزۈلۈشىنىڭ ئەھمىيىتى قاتارلىق نۇقتىلار ئاساسىدا كۆز قاراشلىرىنى ۋە ھېس-تۇيغۇلىرىنى سۆزلەپ ئۆتتى.

بۈگۈن ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان ئەپەندى، دولقۇن ئەيسا ئەپەندى، دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى قاتارلىق بىر قىسىم تەشكىلات مەسئۇللىرى ۋە ئۆلىمالاردىن تەشكىللەنگەن ھەيئەت بوسنىيەنىڭ مۇستەقىللىق كۈرىشىدە باشلامچىلىق رولىنى ئوينىغان «مىلادى مۇسۇلمان ھەرىكىتى»نىڭ نۆۋەتتىكى رەئىسى ئەدھەم باكسىج ئەپەندىنى ئىشخانىسىدا زىيارەت قىلدى ۋە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتتى. ئەدھەم باكسىج ئەپەندىمۇ ھەرۋاقىت شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنى قوللايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

«13-نۆۋەتلىك شەرقىي تۈركىستانلىقلار قېرىنداشلىق ئۇچرىشىشى» ۋە «4-نۆۋەتلىك شەرقىي تۈركىستان مىللىي بىرلىك شۇراسى» ئەتە رەسمىي باشلىنىدىغان بولۇپ، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەقىللىقى ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتقان تەشكىلاتلارنىڭ مەسئۇللىرى ۋە جامائەت ئەربابلىرى يىغىنغا قاتنىشىدۇ ۋە تۈرلۈك تېمىلار مۇھاكىمە قىلىنىدۇ.

بۇ خەۋەر 1406 قېتىم كۆرۈلدى
08/10/2021 16:59:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق