ئامېرىكا تەيۋەنگە ئالاھىدە قىسىم ئەۋەتتى

خىتاي بىلەن تەيۋەننىڭ ۋەزىيىتى ئالاھىدە جىددىيلەشكەن بىر پەيتتە، ئامېرىكا تەيۋەن ئارمىيەسىنى مەشىقلەندۈرۈش ئۈچۈن، بىر تۈركۈم ئالاھىدە قىسمىنى تەيۋەنگە ئەۋەتكەن.

7-ئۆكتەبىر روريتېرس ئاگېنتلىقى ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان ئىككى خەۋەردار كىشىنىڭ سۆزىنى نەقىل ئېلىپ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكىنىڭ ئاز بىر تۈركۈم ئالاھىدە ھەرىكەت قىسىمى خادىملىرى تەيۋەنگە ۋاقىتلىق ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، ئۇلار تەيۋەن ئارمىيەسىنى مەشىقلەندۈرىدىكەن.

ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكى بۇ خەۋەرنى ئېنىق دەلىللىمىگەن. مەلۇم بولۇشىچە، ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكى تارىختىن بېرى ئامېرىكىنىڭ تەيۋەن ئارمىيەسىنى مەشىقلەندۈرۈش ياكى مەسلىھەت بېرىش ھەققىدىكى تەپسىلاتلارنى ئاشكارىلىماي كەلگەن.

ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكىنىڭ باياناتچىسى جون سۇپېل بۇ ھەقتە توختىلىپ: «مەن كونكرېت ھەرىكەت، مەشغۇلات ۋە مەشىقلەندۈرۈش ھەققىدە ھېچنېمە دېيەلمەيمەن. ئەمما شۇنى تەكىتلىمەكچىمەنكى، بىزنىڭ تەيۋەننى قوللىشىمىز ۋە تەيۋەن بىلەن بولغان مۇداپىئە مۇناسىۋىتىمىز نۆۋەتتە خىتاي ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتقان تەھدىت بىلەن مۇناسىۋەتلىك» دېگەن.

تەيۋەن دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكىمۇ مەزكۇر خەۋەرنىڭ مەزمۇنىغا ھېچقانداق باھا بەرمىگەن بولۇپ، پەقەتلا: «بارلىق ھەربىي ئالاقە يىللىق پىلان بويىچە داۋاملاشماقتا» دەپ كۆرسەتكەن.

بۇ ئەھۋالدىن خەۋەردار كىشىمۇ بۇ مەشىقلەندۈرۈشنىڭ قانچىلىك داۋاملاشقانلىقىنى ئاشكارىلاشنى رەت قىلغان. ئەمما ئۇ بۇ ھەرىكەتنىڭ بۇ يىل 1-ئايدا بايدېن ھۆكۈمىتىنىڭ ئالمىشىشىدىن ئىلگىرى باشلانغانلىقىنى ئېيتقان.

بۇ خەۋەر 882 قېتىم كۆرۈلدى
08/10/2021 11:32:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
1 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق
ئالى ئوسمان
قانچىلىك ئىش قىلىۋىتە