ئامېرىكا خىتاينى تەيۋەنگە قاراتقان ئىغۋاگەرچىلىكنى توختىتىشقا چاقىردى

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بىلىنكېن خىتاينى تەيۋەنگە قاراتقان ئىغۋاگەرچىلىك ھەرىكىتىنى توختىتىشقا ۋە كىرىزىسىنى مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن بىرتەرەپ قىلىشقا چاقىردى.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، پارىژدا زىيارەتتە بولۇۋاتقان ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بىلىنكېن  6-ئۆكتەبىر تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ: «بىز خىتاينىڭ ھەرىكىتىنىڭ ئىغۋاگەرچىلىك تۈسىنى ئالغانلىقىنى ۋە مۇقىملىققا يوشۇرۇن خەۋپ بولۇۋاتقانلىقىنى كۆردۇق. خىتاينىڭ بۇ ھەرىكەتلىرىنى توختىتىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. چۈنكى خىتاينىڭ ھەرىكىتىنىڭ خاتا ھۆكۈم چىقىرىش ۋە ئالاقە راۋانلىقىنى بۇزۇش خەۋپى بار. بۇ ھەقىقەتەن خەتەرلىك» دېگەن.

بىلىنكېن يەنە: «ھەممىدىن مۇھىمى، ھېچكىم قورال كۈچى ئىشلىتىپ، ھازىرقى ھالەتنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن بىر تەرەپلىمە ھەرىكەت قوللانماسلىقى كېرەك. بىز خىتاينىڭ بۇنداق ھەرىكەتلەرنى توختاتقانلىقىنى كۆرۈشىمىز كېرەك» دەپ تەكىتلىگەن.

خىتاي ئارمىيەسى بىر نەچچە كۈندىن بۇيان زور ساندىكى ھەربىي ئايروپىلانلار بىلەن تەيۋەننىڭ غەربىي جەنۇب ھاۋا مۇداپىئە پەرقلەندۈرۈش رايونىغا بۆسۈپ قىلىپ كىرگەن. جۈملىدىن 1-ئۆكتەبىر ۋە 2-ئۆكتەبىر خىتاي ھاۋا ئارمىيەسى ئايرىم-ئايرىم ھالدا 38 ۋە 39 دانە ھەربىي ئايروپىلان ئەۋەتىپ، تەيۋەننىڭ غەربىي جەنۇب ھاۋا مۇداپىئە پەرقلەندۈرۈش رايونىغا بېسىپ كىرىپ، ئۇدا ئىككى كۈن تەيۋەننىڭ ھەربىي ئايروپىلانىنىڭ كۈندىلىك ئۇچۇش تەرتىپىنى بۇزغان. گەرچە پاراكەندىچىلىك سالغان ھەربىي ئايروپىلانلارنىڭ سانى 3-ئۆكتەبىر 16 گە چۈشكەن بولسىمۇ، 4-ئۆكتەبىردە ئەۋەتىلگەن ھەربىي ئايروپىلانلارنىڭ سانى يەنە تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى رېكورتنى ياراتقان.

بىلدۈرۈلۈشىچە، ئاقساراي ۋە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى ئايرىم-ئايرىم ھالدا خىتاينىڭ تەيۋەنگە قاراتقان ھەربىي تەھدىتى ۋە ئىغۋاگەرچىلىكىنى، شۇنداقلا رايوننىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىغا تەھدىت سالغانلىقىنى ئەيىبلىگەن ھەمدە تەيۋەنگە بەرگەن ياردەم بېرىش ۋەدىسى ۋە قوللىشىنىڭ مۇستەھكەم ئىكەنلىكىنى، تەيۋەننى داۋاملىق كېرەكلىك قورال ۋە ئەسلىھەلەر بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

بۇ ھەقتە ئەنگلىيە، ياپونىيە ۋە ئاۋسترالىيەمۇ بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ تەيۋەنگە ھەربىي بېسىم ئىشلەتكەنلىكىنى تەنقىد قىلغان. ئۇندىن باشقا، ئامېرىكا، ئەنگلىيە ۋە ياپونىيەنىڭ دېڭىز ئارمىيەسى يېقىندا تەيۋەنگە يېقىن دېڭىز تەۋەلىكىدە ئۈچ ئاۋىياماتكىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۇرۇش ئەسلىھەلىرىنى ئىشقا سېلىپ، چوڭ تىپتىكى بىرلەشمە مانېۋىر ئۆتكۈزگەن.

تەيۋەن دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى چيۇ گوجېڭ تۈنۈگۈنكى باياناتىدا تەيۋەن بوغۇزىدا يۈز بېرىۋاتقان نۆۋەتتىكى جىددىيچىلىكنىڭ ئۇ ئارمىيەگە قاتناشقاندىن بۇيانقى ئەڭ ناچار ۋەزىيەت ئىكەنلىكىنى، خىتاي ئارمىيەسىنىڭ 2025-يىلى تەيۋەنگە كەڭ كۆلەمدە تاجاۋۇز قىلىش ئىقتىدارىغا ئىگە بولىدىغانلىقىنى قەيت قىلىپ ئۆتكەنىدى.

بۇ خەۋەر 613 قېتىم كۆرۈلدى
08/10/2021 10:35:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق