ئامېرىكا دۆلەت بىخەتەرلىك مەسلىھەتچىسى ئۇيغۇر مەسىلىسىنى تىلغا ئالدى

ئامېرىكا پىرېزىدېنتنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىك ئىشلىرى مەسلىھەتچىسى جېك سۇلىۋان شىۋېيتسارىيەدە خىتاينىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى بىلەن بولغان ئۇچرىشىشىدا ئۇيغۇر مەسىلىسىنى تىلغا ئالدى.

ئامېرىكا پىرېزىدېنتنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىك ئىشلىرى مەسلىھەتچىسى جېك سۇلىۋان 6-ئۆكتەبىر شىۋېيتسارىيەنىڭ زۈرىك شەھىرىدە خىتاي كومپارتىيەسى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، خىتاي تاشقى ئىشلار ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى ياڭ جيېچى بىلەن سۆھبەتلەشكەن بولۇپ، سۆھبەتتە ئۇيغۇر مەسىلىسىنىمۇ تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن.

گېرمانىيە ئاۋازىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئىككىيلەننىڭ سۆھبىتى ئالتە سائەت داۋاملاشقان. سۆھبەتتىن كېيىن ئامېرىكىنىڭ بىر يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى ئامېرىكا پىرېزىدېنتى بايدېن بىلەن شى جىنپىڭنىڭ يىل ئاخىرىدىن بۇرۇن تور ئارقىلىق باشلىقلار يىغىنى ئۆتكۈزۈشكە پىرىنسىپ جەھەتتىن كېلىشكەنلىكىنى بايان قىلغان. سۆھبەتتىن كېيىن خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى سۆھبەتنىڭ بۆسۈش خاراكتېرلىك، ئىجابىي ۋە ئوچۇق-ئاشكارا بولغانلىقىنى ئېيتقان.

رويتېرس ئاگېنتلىقى ئامېرىكىنىڭ بىر يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارىنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ، بۇ ئۇچرىشىشنىڭ بايدېن ھۆكۈمىتى بىلەن خىتاينىڭ ئەڭ چوڭقۇر سۆھبىتى بولغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

جېك سۇلىۋان سۆھبەتتە ئامېرىكىنىڭ خىتاي بىلەن ھەمكارلىشىپ، چېگرا ھالقىغان زور خىرىس ۋە ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋىتىدىكى خەتەرنى كونترول قىلىش يوللىرىنى ھەل قىلىشقا قىزىقىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇ يەنە شەرقىي تۈركىستان، خوڭكوڭدىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى، جەنۇبىي خىتاي دېڭىزى ۋە تەيۋەنگە مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەرگە قارىتا ئەندىشىسىنى بىلدۈرگەن.

ياڭ جيېچى سۆھبەتتە خىتاينىڭ ئامېرىكا بىلەن ئىستراتېگىيەلىك ئالاقىنى كۈچەيتىپ، ئىختىلاپنى كونترول قىلىش ئارقىلىق توقۇنۇش ۋە قارشىلىشىشتىن ساقلىنىپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ۋە تەڭ پايدا ئېلىشنى قولغا كەلتۈرىدىغانلىقىنى، خىتاي-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنى رىقابەتكە باغلاپ چۈشىنىشكە قارشى تۇرىدىغانلىقىنى، ئامېرىكىنىڭ تەيۋەن، خوڭكوڭ، شەرقىي تۈركىستان، تىبەت، دېڭىز مەسىلىسى ۋە كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە خىتاينىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىشنى توختىتىشىنى تەلەپ قىلغان.

بۇ خەۋەر 760 قېتىم كۆرۈلدى
07/10/2021 16:46:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق