ئاۋسترالىيە سابىق باش مىنىستىرى: تەيۋەننىڭ خەلقئارادىكى يالغۇزلۇقىنى ئاخىرلاشتۇرۇشىغا ياردەم بېرىمەن

ئاۋسترالىيەنىڭ سابىق باش مىنىستىرى تونىي ئابوت تەيۋەننىڭ خەلقئارادا يالغۇز قېلىش مەسىلىسىنى ئاخىرلاشتۇرۇش ئۈچۈن ياردەم قىلىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئاۋسترالىيەنىڭ سابىق باش مىنىستىرى تونىي ئابوت تەيۋەنگە كېلىپ زىيارىتىنى باشلىغان بولۇپ، ئۇ بۈگۈنكى سۆزىدە تەيۋەننىڭ خەلقئارادىكى يالغۇزلۇق ھالىتىنى تۈگىتىشكە ياردەم قىلىدىغانلىقىنى، خىتايدىن كېلىۋاتقان خىرىس ئالدىدا تەيۋەننى قوللايدىغانلىقىنى ئېيتقان.

بىلدۈرۈلۈشىچە، ئابوت بۇ سۆزلەرنى پىرېزىدېنت سەي يىڭۋېننىڭ ئىشخانىسىدا قىلغان. ئاۋسترالىيە ھۆكۈمىتى ئۇنىڭ بۇ قېتىم تەيۋەننى ھېچقانداق رەسمىي سالاھىيەت بىلەن زىيارەت قىلمىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئابوت سۆزىدە يەنە تەيۋەننىڭ دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى ۋە باشقا خەلقئارالىق تەشكىلاتلىرىغا ئەزا بولمىسىمۇ، بىراق خىتاي ۋىرۇس يۇقۇمىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك كونترول قىلغانلىقىنى ماختىغان.

ئابوتنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ بۇ قېتىم تەيۋەننىڭ نەچچە ئون يىل داۋاملىشىۋاتقان خەلقئارادىكى يالغۇزلۇقى ۋە چەتكە قېقىلىشنى تۈگىتىشكە ياردەم بېرىش ئۈچۈن كەلگەن بولۇپ، ئۇ بۇ قېتىمقى زىيارەتنىڭ داۋاملىشىدىغان زىيارەتلىرى ئىچىدىكى تۇنجى قېتىملىقى بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ ئۆتكەن.

بۇ خەۋەر 669 قېتىم كۆرۈلدى
07/10/2021 12:33:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق