شەرقىي تۈركىستاندا بىر قىسىم جايلار قامال قىلىندى

يېقىنقى بىر ھەپتە ئىچىدە شەرقىي تۈركىستاندا خىتاي ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلاردىن بىر نەچچىسى بايقالغان بولۇپ، بىر قىسىم جايلار پۈتۈنلەي قامال قىلىنغان.

ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق» سەھىيە ساقلىقنى ساقلاش كومىتېتى ئاخبارات بۆلۈمى 6-ئۆكتەبىر بايانات ئېلان قىلىپ، ئالدىنقى بىر كۈن ئىچىدە يېڭىدىن ئىككى يۇقۇملانغۇچىنىڭ بايقالغانلىقىنى، بۇلارنىڭ ئالامەتسىز يۇقۇملانغۇچىلار ئىكەنلىكىنى، ھەر ئىككىسىنىڭ ئىلى ۋىلايىتىگە جايلاشقان 4-دىۋىزىيەدىكى كۆكدالا شەھىرى تەۋەلىكىدە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، نۆۋەتتە شەرقىي تۈركىستاندىكى دىۋىزىيەلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق رايونلاردا خىتاي ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملاندى، دەپ دىياگنوز قويۇلغان بىماردىن بىرسى بار بايقالغان. ئۇندىن باشقا ئىلى ۋىلايىتىدە ئالامەتسىز يۇقۇملانغۇچىدىن تۆتى بار بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىككىسى قورغاس شەھىرىدە، ئىككىسى كۆكدالا شەھىرىدە ئىكەن.

ئالاقىدار خىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، شەرقىي تۈركىستاندىكى ۋىرۇس بايقالغان شەھەرلەردە كىشىلەرنىڭ شەھەردىن چىقىشى چەكلەنگەن بولۇپ، قاچان نورمال ھالەتكە قايتىدىغانلىقى ئېنىق ئەمەس ئىكەن. يەرلىك خەلقتىن باشقا، مەزكۇر رايونلارغا ساياھەت ئۈچۈن كەلگەن خىتايلارمۇ قامىلىپ قالغان. بۇلاردىن سىرت، غۇلجا ئايرودۇرۇمى 4-ئۆكتەبىر كۆپىنچە ئۇچۇشنى ئەمەلدىن قالدۇرغان. غۇلجا تۆمۈر يول دائىرىلىرىمۇ 10-ئۆكتەبىرگىچە قاتناشنى توختاتقان.

كۆزەتكۈچىلەر ئالدىنقى يىللىرى خىتاي ۋىرۇسى تارقالغاندا، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئۆيلىرىگە قامىلىش سەۋەبلىك ئاچ قېلىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلگەنلىكىنى، بۇ قېتىم خىتاينىڭ يەنە ۋىرۇسنى باھانە قىلىپ، شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە قاراتقان قامال قىلىش، ھەرخىل شەكلى ئۆزگەرگەن باستۇرۇش جىنايەتلىرىنى كۈچەيتىشىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

بۇ خەۋەر 846 قېتىم كۆرۈلدى
07/10/2021 11:35:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق