موسكۋا: رۇسىيە دىپلوماتلىرى قوغلاپ چىقىرىلسا، ئامېرىكا ئەلچىخانىسى تاقىلىشى مۇمكىن

رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى زور تۈركۈمدىكى رۇسىيە دىپلوماتلىرى ئامېرىكىدىن قوغلاپ چىقىرىلغان تەقدىردە، ئامېرىكىنىڭ رۇسىيەدىكى دىپلوماتىك ئورگانلىرىنىڭ تاقىلىشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈردى.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، 6-ئۆكتەبىر رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى بايانات ئېلان قىلىپ، ئامېرىكا پارلامېنتىدا 300 رۇسىيە دىپلوماتنى ئامېرىكىدىن قوغلاپ چىقىرىش تەكلىپى سۇنۇلغانلىقىنى، بۇ تەكلىپنىڭ ئەمەلىيلىشىشى ئامېرىكىنىڭ رۇسىيەدىكى دىپلوماتىك ئورگانلىرىنىڭ تاقىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈرگەن.

جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسى ۋە دېموكراتچىلار پارتىيەسىنىڭ كېڭەش پالاتاسى ئەزالىرى سەيشەنبە ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جوۋ بايدېنغا مەكتۇپ يوللاپ، ئەگەر موسكۋا ئامېرىكىلىق دىپلوماتلارغا تېخىمۇ كۆپ ۋىزا بەرمىگەن تەقدىردە، ئامېرىكىدىكى 300 رۇسىيە دىپلوماتىنى قوغلاپ چىقىرىشنى تەلەپ قىلغان.

ئامېرىكىنىڭ 17 كېڭەش پالاتا ئەزاسى بايدېنغا يازغان مەكتۇپىدا، رۇسىيەنىڭ ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان ئامېرىكا ئەلچىخانىلىرىدا ئىشلەۋاتقان يەرلىك خىزمەتچىلەرنىمۇ ئامېرىكىنىڭ دىپلوماتىيە خادىملىرى دەپ ھېسابلىغانلىقىنى، بۇنىڭ نەتىجىسىدە نۆۋەتتە ئامېرىكىدا تەخمىنەن 400 رۇسىيە دىپلوماتى بار ئىكەنلىكىنى، رۇسىيەدەدە بولسا ئاران 100 ئامېرىكىلىق دىپلومات بارلىقىنى بىلدۈرگەن.

شششبوب مېنېندېز، ماركو رۇبىيو قاتارلىق تەسىرى كۈچلۈك كېڭەش پالاتاسى ئەزالىرى مەزكۇر بىرلەشمە مەكتۇپنى تەييارلاشقا قاتناشقان بولۇپ، ئۇلار ئىككى تەرەپنىڭ دىپلوماتلىرىنىڭ سانى ھەققىدە توختىلىپ: «دىپلوماتىك ساھەسىدىكى بۇ پەرقنى قوبۇل قىلغىلى بولمايدۇ» دېگەن.

رۇسىيە تەرەپ سەيشەنبە كەچتە ئىپادە بىلدۈرۈپ، موسكۋانىڭ ۋاشىنگتوندا ئۇنچە كۆپ دىپلوماتىيە خادىملىرىنىڭ يوقلۇقىنى ۋە بۇ تەكلىپتە رۇسىيەنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدىكى خىزمەتچىلىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغانلىقىنى ئەسكەرتكەن.

بىلدۈرۈلۈشىچە، كېڭەش پالاتاسى تاشقى ئىشلار كومىتېتى ۋە ئىستىخبارات كومىتېتىنىڭ رەئىسلىرى ئوتتۇرىغا قويغان بۇ تەكلىپ موسكۋا بىلەن ۋاشىنگتون ئوتتۇرىسىدا دىپلوماتلارنىڭ سانى سەۋەبلىك ئۇزۇندىن بۇيان داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان جىددىي ۋەزىيەتنى نامايان قىلىدىكەن.

موسكۋا بۇ يىل 8-ئايدا ئامېرىكا ئەلچىخانىلىرىنىڭ رۇسىيە پۇقرالىرىنى ياكى ئۈچىنچى دۆلەت پۇقرالىرىنى ئىشلىتىشىنى چەكلىگەن بولۇپ، بۇ سەۋەبلىك ئامېرىكا رۇسىيەدىكى 200 گە يېقىن خىزمەتچىسىنى ئىشتىن بوشىتىشقا مەجبۇر بولغانىدى.

بايدېن ھۆكۈمىتىمۇ بۇ يىل 4-ئايدا موسكۋانى ئامېرىكا سايلىمىغا ئارىلاشتى ۋە تور ھۇجۇمىنى ئاسترىتتىن پىلانلىدى، دەپ ئەيىبلەپ رۇسىيەنىڭ ئون دىپلوماتىنى قوغلاپ چىقارغانىدى.

ئىككى دۆلەتنىڭ مۇناسىۋىتى يېقىنقى بىر نەچچە يىل ئىچىدە جىددىيلىشىشكە باشلىغان بولسىمۇ، بايدېن 6-ئايدا رۇسىيە پىرېزىدېنتى پۇتىن بىلەن جەنۋەدە كۆرۈشكەندىن كېيىن ۋەزىيەت بىرقەدەر مۇقىملاشقان. ئۇلار بۇ جەرياندا قورال كونترول قىلىش سۆھبىتىنى داۋاملاشتۇرۇشقا ۋە ئۇلار ئوتتۇرىسىدىكى چۈشىنىشمەسلىكتىن ساقلىنىشقا قوشۇلغان.

بۇ خەۋەر 638 قېتىم كۆرۈلدى
07/10/2021 10:14:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق