مالايشىيا خىتاي باش ئەلچىسىنى چاقىرىپ نارازىلىق بىلدۈردى

مالايشىيا ھۆكۈمىتى 4-ئۆكتەبىر خىتاينىڭ مالايشىيادا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسىنى چاقىرىپ، خىتاينىڭ بىر نەچچە پاراخوتىنىڭ ساباھ ۋە ساراۋاك قاتارلىق مالايشىياغا تەۋە دېڭىز ئىقتىسادىي رايونىغا بۆسۈپ كىرگەنلىكىگە نارازىلىق بىلدۈردى.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، مالايشىيا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى بايانات ئېلان قىلىپ، يۇقىرىقى ئەھۋالنى ئاشكارىلىغان ۋە: «مالايشىيانىڭ ئىزچىل مەيدانى ۋە ھەرىكىتى خەلقئارا قانۇننى ئاساس قىلىپ، دېڭىز تەۋەلىكىمىز ۋە ئىگىلىك ھوقۇقىمىزنى قوغداش» دېگەن.

فىرانسىيە ئاگېنتلىقى قاتارلىق ئاخبارات ئورگانلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، مالايشىيا ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ كۇئالالۇمپۇردا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ئوۋياڭ يۈجىڭنى چاقىرىپ، مالايشىيانىڭ بۇ ھەقتىكى مەيدانىنى بىلدۈرگەن ۋە خىتاي پاراخوتلىرىنىڭ مالايشىيانىڭ ئالاھىدە ئىقتىسادىي رايونىدىكى ھەرىكىتىگە نارازىلىق بىلدۈرگەن.

مالايشىيا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى باياناتىدا خىتاي پاراخوتلىرىنىڭ مالايشىيانىڭ بورنېئو ئارىلىنىڭ ساباھ ۋە ساراۋاك دېڭىز قىرغىقىدا پەيدا بولغانلىقىنى، خىتاينىڭ بۇ ھەرىكىتىنىڭ رايون ۋە خەلقئارا قانۇنلارغا خىلاپ ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن.

بىلدۈرۈلۈشىچە، بۇ مالايشىيانىڭ بۇ يىل ئىككىنچى قېتىم خىتاي باش ئەلچىسىنى چاقىرىپ، خىتاي پاراخوتلىرىنىڭ تالاش-تارتىش قىلىۋاتقان رايوندىكى ھەرىكىتىگە ئېتىراز بىلدۈرۈشى ئىكەن. بۇ يىل 6-ئايدا مالايشىيا ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنى جىددىي قوزغىتىپ، بورنېئو ئارىلى ئەتراپىدىكى جەنۇبىي دېڭىزدا پەيدا بولغان 16 خىتاي ھەربىي ئايروپىلانىنى توسۇۋالغان. مالايشىيا بىلەن خىتاي ئارىسىدا جەنۇبىي دېڭىزنىڭ قىسمەن جايلىرىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى مەسىلىسىدە ئىختىلاپ بار بولۇپ، مالايشىيا خىتاينى ئىگىلىك ھوقۇقىغا دەخلى-تەرۇز قىلدى، دەپ ئەيىبلىگەن. خىتاي بولسا بۇ ھەربىي ئايروپىلانلارنىڭ نورمال مەشىق قىلىۋاتقانلىقىنى ئېيتقان.

مەلۇم بولۇشىچە، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان خىتاي جەنۇبىي دېڭىزنىڭ تالاش-تارتىشتىكى رايونىنى ھەربىيلەشتۈرۈش ھەرىكىتىنى كۈچەيتىپ، سۈنئىي ئاراللارنى قۇرۇپ، ھەربىي ئايروپىلانلارنىڭ ئۇچۇشى ۋە قونۇشى ئۈچۈن ئايرودۇرۇم ياسىغان ھەمدە خادا تاشلارغا ھەربىي پونكىتلارنى، ھەربىي ئەسلىھەلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، تالاش-تارتىشتىكى دېڭىز رايونىغا توختىماي غايەت زور بېلىقچىلىق ئەترىتى ۋە تەكشۈرۈش پاراخوتى ئەۋەتكەن.

نۆۋەتتە مالايشىيا، فىلىپپىن، ۋىيېتنام، بىرۇنېي ۋە تەيۋەن قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ھەممىسى جەنۇبىي دېڭىزنىڭ قىسمەن جايلىرىدا ئىگىلىك ھوقۇقى تەلەپ قىلىۋاتقان بولۇپ، خىتاي بولسا پۈتكۈل جەنۇبىي دېڭىزنىڭ ھەممىسىدە ئىگىلىك ھوقۇقى بارلىقىنى دەۋا قىلىپ كەلمەكتە.

بۇ خەۋەر 625 قېتىم كۆرۈلدى
07/10/2021 10:08:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق