خىتاي توك يېتىشمەسلىك سەۋەبىدىن قازاقىستاندىن كۆمۈر ئىمپورت قىلماقتا

خىتاينىڭ نۇرغۇن جايلىرىدا توك يېتىشمەسلىك ۋە كۆمۈر يېتىشمەسلىك كۆرۈلگەن بىر ۋەزىيەتتە، خىتاينىڭ جېجياڭ ئۆلكىسى تۇنجى قېتىم قازاقىستاندىن زور مىقداردا كۆمۈر سېتىۋالغان.

فىرانسىيە خەلقئارا رادىيوسىنىڭ جېجياڭ ئېنېرگىيە گۇرۇھىنىڭ خەۋىرىنى نەقىل كەلتۈرۈپ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ تۈركۈمدىكى كۆمۈر ئىسسىقلىق قىممىتى يۇقىرى، گۈڭگۈرت تەركىبى ۋە كۈل تەركىبى تۆۋەن، سۈپەتلىك كۆمۈر ئىكەن. كۆمۈرنى جېجياڭ ئېنېرگىيە گۇرۇھى قارمىقىدىكى فۇشىڭ يېقىلغۇ شىركىتى سېتىۋالغان بولۇپ، دېڭىزدىن توشۇش ئۈچۈن 30 كۈن كېتىدىكەن. تۇنجى تۈركۈمدە سېتىۋالغان 136 مىڭ توننا كۆمۈر 4-ئۆكتەبىر جۇشەن پورتىغا يېتىپ كەلگەن بولۇپ، بۇ ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا تاموژنىدىن ئۆتۈش تاماملىنىدىكەن.

بىلدۈرۈلۈشىچە، جېجياڭ ئۆلكىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان خىتاينىڭ نۇرغۇن جايلىرىدا سېنتەبىر ئېيىدىن باشلاپ توك قىسقارتىلىشقا باشلىغان، ئەمما كۆمۈر باھاسىنىڭ ئۆسۈشى ۋە توك ۋە كۆمۈر كەمچىللىكى داۋاملاشقىلى خېلى ئۇزۇن بولغان. فۇشىڭ يېقىلغۇ شىركىتى بۇ يىل يېڭى كۆمۈر بىلەن تەمىنلەش يولىنى كېڭەيتكەن بولۇپ، 6-، 7-ئايلاردا ئىسسىقلىق قىممىتى يۇقىرى بولغان ئامېرىكىنىڭ كۆمۈرىدىن130 مىڭ توننا سېتىۋالغان.

ئىگىلىنىشىچە، بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا جېجياڭنىڭ ئىقتىسادى ئەسلىگە كەلگەن بولسىمۇ، ھەر قايسى رايونلارنىڭ ئېنېرگىيە سەرپىياتى تېزلىكتە ئاشقان. بولۇپمۇ ئېنېرگىيە سەرپىياتى يۇقىرى سەككىز تۈرلۈك سانائەتتە ئېنېرگىيە ئىستېمالىنى قوش كونترول قىلىش ۋەزىيىتى ئېغىر مەسىلە پەيدا قىلغان.

بۇ خەۋەر 670 قېتىم كۆرۈلدى
06/10/2021 17:00:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق