غەرب ئەمەلدارلىرى خىتاينىڭ قارشىلىقىغا قارىماي تەيۋەننى زىيارەت قىلدى

خىتاي بىلەن تەيۋەننىڭ مۇناسىۋىتى كۈنسېرى جىددىيلىشىۋاتقان بىر پەيتتە، فىرانسىيە ۋە ئاۋسترالىيەنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى خىتاينىڭ نارازىلىقىغا پىسەنت قىلماي تەيۋەننى زىيارەت قىلدى.

گېرمانىيە ئاۋازىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، فىرانسىيەنىڭ سابىق دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ئالىن رىچاردنى ئۆز ئىچىگە ئالغان فىرانسىيە كېڭەش پالاتاسى ئەزالىرىدىن تەشكىللەنگەن بىر ھەيئەت 6-ئۆكتەبىر تەيۋەنگە يېتىپ بېرىپ، بىر ھەپتىلىك زىيارىتىنى باشلىغان.

تەيۋەن تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، بۇ يىل 6-ماي ئالىن رىچارد فىرانسىيە كېڭەش پالاتاسىنى تەيۋەننىڭ خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ خىزمەتلىرىگە قاتنىشىشىنى قوللايدىغان قارارنى ماقۇللاشقا چاقىرغان. مەزكۇر قارار يۇقىرى ئاۋاز بىلەن ماقۇللانغان بولۇپ، بۇ فىرانسىيە كېڭەش پالاتاسىنىڭ تۇنجى قېتىم تەيۋەننى قوللاپ قارار چىقىرىش ئارقىلىق دوستلۇق ئىزھار قىلىشى ئىكەن.

تەيۋەن تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ باياناتچىسى ئوۋ جياڭئەن بۇ ھەقتە توختىلىپ: «گەرچە خىتاينىڭ فىرانسىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى لۇ شايې يىل بېشىدا بىر قانچە قېتىم ئىغۋاگەرچىلىك قىلىپ، رىچارد ئەپەندىنىڭ تەيۋەننى زىيارەت قىلىش پىلانىغا توسقۇنلۇق قىلماقچى بولدى. بىراق رىچارد ئەپەندى خىتاينىڭ تەھدىتىگە قارىماي، يەنىلا ئىرادىسىدە مۇستەھكەم تۇرۇپ، زىيارەت قىلىشنى قارار قىلدى» دېگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، بۇ ھەيئەت تەيۋەندىكى زىيارىتى جەريانىدا تەيۋەن پىرېزىدېنتى سەي يىڭۋېن ۋە تەيۋەننىڭ باشقا ھاكىمىيەت ئورگانلىرى بىلەن كۆرۈشۈپ، يۇقۇمدىن كېيىنكى ئىقتىسادنىڭ ئەسلىگە كېلىشى، رايون بىخەتەرلىك ۋەزىيىتى ۋە تەيۋەن بىلەن فىرانسىيە ئوتتۇرىسىدىكى ئالاقە ۋە ھەمكارلىقنى مۇزاكىرە قىلىدىكەن. فىرانسىيەنىڭ تەيۋەن بىلەن رەسمىي دىپلوماتىك مۇناسىۋىتى يوق بولسىمۇ، فىرانسىيە ئىلگىرى تەيۋەنگە قورال-ياراغ سېتىپ بەرگەن. يەنى 1991-يىلى ئالتە قوغدىغۇچى پاراخوت، 1992-يىلى 60 دانە كۈرەشچى ئايروپىلان سېتىپ بەرگەن.

ئۇندىن باشقا ئاۋسترالىيەنىڭ سابىق باش مىنىستىرى تونىي ئابوتمۇ 5-ئۆكتەبىر تەيۋەنگە زىيارەت ئۈچۈن كەلگەن بولۇپ، 8-ئۆكتەبىر ئەتىگەندە يۈشەن مۇنبىرىدە نۇتۇق سۆزلەيدىكەن. ئاۋسترالىيە ھۆكۈمىتى بولسا ئابوتنىڭ تەيۋەن ئاسىيا ئالاقە فوندى جەمئىيىتى ئۇيۇشتۇرغان ئاسىيا رايونلۇق سۆھبەت يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن شەخسىي سالاھىيەت بىلەن تەيۋەنگە كەتكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. ئۇ سەي يىڭۋېن ۋە تەيۋەننىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرى، دۆلەت بىخەتەرلىك كېڭىشىنىڭ باش كاتىپى قاتارلىقلار ئەمەلدارلار بىلەن كۆرۈشىدىكەن.

نۆۋەتتە خىتاي بىلەن تەيۋەننىڭ مۇناسىۋىتىدە جىددىي ۋەزىيەت شەكىللەنگەن بولۇپ، خىتاي تەرەپ 1-ئۆكتەبىردىن تارتىپ ھازىرغىچە تەيۋەن ھاۋا تەۋەلىكىگە 149 ھەربىي ئايروپىلان ئەۋەتكەن.

بۇ خەۋەر 1021 قېتىم كۆرۈلدى
06/10/2021 15:55:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق