ياۋروپا ئىتتىپاقى ئەمەلدارى: خىتايغا قارىتا پاراسەتلىك بولۇشىمىز كېرەك

ياۋروپا ئىتتىپاقى كېڭىشىنىڭ رەئىسى چارلىز مىشېل خىتاينىڭ باش كۆتۈرۈشى، ئافغانىستان كىرىزىسى ۋە ياۋروپانىڭ ئىچكى مەسىلىلىرىگە ئالاقىدار ئىستراتېگىيەدە، ياۋروپا ئىتتىپاقى رەھبەرلىرىنىڭ ئورتاق ئەقىل-پاراسەتنى جارى قىلدۇرۇش كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ياۋروپا ئىتتىپاقى كېڭىشىنىڭ رەئىسى چارلىز مىشېل 5-ئۆكتەبىر سىلوۋېنىيەدە قىلغان سۆزىدە، ئافغانىستان كىرىزىسىنى، ھىندى-تىنچ ئوكياندا يۈز بېرىۋاتقان ئىشلارنى ۋە خىتاينىڭ ۋەزىيىتىنى كۆزىتىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ سۆزىدە يەنە: «ياۋروپانىڭ كىرىزىسقا تاقابىل تۇرۇش ئىستراتېگىيەسى مەسىلىسىدە ياۋروپا ئىتتىپاقى چوقۇم ئورتاق ئەقىل-پاراسىتىنى جارى قىلدۇرۇشى كېرەك» دېگەنلەرنى قەيت قىلىپ ئۆتكەن.

ئۇ كەچلىك ئۇچرىشىشتا قىلغان سۆزىدە يەنە: «بىزنىڭ ئىتتىپاقلىقىمىز ئىنتايىن زور بايلىق، كۆپ تەرەپلىمىلىك بولسا ياۋروپانىڭ DNA سى» دېگەن.

بۇ خەۋەر 635 قېتىم كۆرۈلدى
06/10/2021 14:00:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق