خىتاي ئېنېرگىيە كىرىزىسىنى شەرقىي تۈركىستان ئارقىلىق ھەل قىلماقتا

بۇ يىل ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدە شەرقىي تۈركىستاندىن بۇلاڭ-تالاڭ قىلىنغان توك مىقدارى 93 مىليارد 500 مىليون كىلوۋات سائەتكە يەتكەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 22.4 ئاشقان.

خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى تەشۋىقات ئورگىنى تەڭرىتاغ تورىنىڭ 4-ئۆكتەبىردىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، بۇ يىل 9-ئايدىن بۇيان توك ئىشلىتىش ئېھتىياجىنىڭ تېز ئېشىشى، توك چىقىرىشقا ئىشلىتىلىدىغان كۆمۈرنىڭ قىس بولۇشى قاتارلىق ئامىللارنىڭ تەسىرىدە، بىر قىسىم خىتاي ئۆلكىلىرىدە ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى يېتىشمەسلىك ئەھۋالى كۆرۈلگەن، ھەتتا قىسمەن ئىشلەپچىقىرىش ئورۇنلىرى پالەچ ھالغا كېلىپ قالغان. بۇ سەۋەبلىك خىتاي دائىرىلىرى شەرقىي تۈركىستاننىڭ توكىنى خىتاي ئۆلكىلىرىگە توشۇش مىقدارىنى ۋە قېتىم سانىنى كۆپەيتكەن بولۇپ، بۇلاڭ-تالاڭ قىلىنىۋاتقان توك مىقدارى تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيە يەتكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، شەرقىي تۈركىستاندىن توشۇلغان توك ئېنېرگىيەسى خىتاينىڭ شەرقىي ۋە ئوتتۇرا رايونلاردىكى توك يېتىشمىگەن ئۆلكىلەرگە توشۇلغان. بۇ يىل 3-پەسىلدە ئۇدا ئۈچ ئاي شەرقىي تۈركىستاندىن بۇلاڭ-تالاڭ قىلىنغان توك مىقدارى 10 مىليارد كىلوۋات سائەتتىن ئاشقان.

مەلۇم بولۇشىچە، 93 مىليارد 500 مىليون كىلوۋات سائەت ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى 28 مىليون 500 مىڭ توننا ئۆلچەملىك كۆمۈر كۆيگەندە ھاسىل بولىدىغان ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسىگە تەڭ كېلىدىكەن.

نۆۋەتتە خىتاي توك يېتىشمەسلىك كىرىزىسىگە دۇچ كېلىۋاتقان بولۇپ، ئالدىنقى ھەپتىدىن باشلاپ خىتايدىكى ئېلېكتىرونلۇق زاپچاس ئىشلەپچىقارغۇچىلاردىن تارتىپ كانچىلىق شىركەتلىرىگە بولغان يۈزدىن ئارتۇق شىركەت توك يېتىشمەسلىك سەۋەبلىك ئىشلەپچىقىرىشنى توختاتقان. ئۇندىن باشقا بارغانسېرى يېقىنلىشىۋاتقان قىش پەسلىدە ئېھتىياج تېخىمۇ ئېشىپ، خىتايدىكى توك يېتىشمەسلىك كىرىزىسى يەنە داۋاملىشىدىكەن.

بۇ خەۋەر 691 قېتىم كۆرۈلدى
06/10/2021 13:19:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق