ياپونىيە يېڭى باش ۋەزىرى: ئامېرىكا قوغداش ۋەدىسىنى قايتا تەكىتلىدى

ياپونىيەنىڭ يېڭى باش ۋەزىرى كىشىدا فۇمىئو ئامېرىكا پىرېزىدېنتى بايدېننىڭ خىتاي ۋە شىمالى كورىيەنىڭ بىخەتەرلىك خىرىسلىرىغا قارشى، ياپونىيە بىلەن ئامېرىكىنىڭ ئىتتىپاقداشلىق مۇناسىۋىتى ۋە رايون ھەمكارلىقىنى قايتا تەكىتلىگەنلىكىنى بىلدۈردى.

گېرمانىيە ئاۋازىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، يېڭىدىن ياپونىيە باش ۋەزىرلىكىگە سايلىنىپ، دۈشەنبە قەسەم بېرىپ ۋەزىپىگە ئولتۇرغان كىشىدا فۇمىئو 5-ئۆكتەبىر ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جوۋ بايدېن بىلەن تۇنجى قېتىم تېلېفون سۆھبىتى ئۆتكۈزگەن. ئۇ مۇخبىرلارغا بايدېننىڭ تېلېفون سۆھبىتىدە ئامېرىكىنىڭ سېنكاكۇ ئارىلىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ياپونىيەنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكىنى قوغداش ۋەدىسىنى قايتا تەكىتلىگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

كىشىدا فۇمىئو ۋەزىپە تاپشۇرۇۋېلىش مۇراسىمىدا قىلغان سۆزىدە تېخىمۇ كۈچلۈك ياپونىيە-ئامېرىكا بىخەتەرلىك سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى ۋە باشقا ئاسىيا، ياۋروپا ئىتتىپاقى دۆلەتلىرى ۋە ئەنگلىيە بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىشنى خالايدىغانلىقىنى، بۇنىڭ سەۋەبلىرىدىن بىرىنىڭ يادرو قورالىغا ئىگە خىتاي ۋە شىمالى كورىيەگە قارشى تۇرۇش ئىكەنلىكىنى بايان قىلغان، شۇنداقلا ياپونىيەنىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە دېڭىز-ئوكيان مۇداپىئە ئىقتىدارىنى كۈچەيتىدىغانلىقى ھەققىدە ۋەدە بەرگەن.

كىشىدا يەنە مۇھىم قوشنىسى ۋە سودا ھەمراھى بولغان خىتاي بىلەن داۋاملىق سۆھبەتلىشىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى ئوتتۇرىغا قويغان بولسىمۇ، ئەمما ياپونىيەنىڭ ئورنىدىن دەست تۇرۇپ، خىتاينىڭ شەرقىي دېڭىز ۋە جەنۇبىي دېڭىزنىڭ ھازىرقى ھالىتىنى ئۆزگەرتىشكە ئۇرۇنۇشىغا قارشى تۇرۇش كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن.

باش ۋەزىر كىشىدانىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ بايدېن بىلەن بىرلىكتە تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، رايون دېموكراتىك دۆلەتلىرىدە ئەركىن ۋە ئوچۇق ھىندى-تىنچ ئوكيان شېرىكلىك مۇناسىۋىتى تەسەۋۋۇرىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، خىتاينىڭ كۈنسېرى ئېشىۋاتقان زوراۋانلىق ھەرىكەتلىرىگە قارشى تۇرىدىكەن.

ياپونىيە تاشقى ئىشلار ۋازارىتىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، شۇ كۈنى كەچتە كىشىدا فۇمىئو يەنە ئاۋسترالىيە باش مىنىستىرى مورىسون بىلەن سىنلىق سۆھبەت ئۆتكۈزگەن. ئىككى تەرەپ رايون تىنچلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن «تۆت ئىتتىپاق»نىڭ ئەزاسى سۈپىتىدە ياپونىيە-ئاۋسترالىيەنىڭ بىخەتەرلىك ۋە ئىقتىسادىي مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىشكە قوشۇلغان. كىشىدا فۇمىئو سىن يىغىنىدا يەنە ئاۋسترالىيە، ئەنگلىيە ۋە ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدا يېڭىدىن قۇرۇلغان «AUKUS» بىخەتەرلىك ھەمكارلىقىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. كىشىدا بىلەن مورىسون خىتاينىڭ ئىقتىسادىي زومىگەرلىكىگە ۋە بىر تەرەپلىمە ھالدا دېڭىزنىڭ ھازىرقى ھالىتىنى ئۆزگەرتىش ئۇرۇنۇشىغا قەتئىي قارشى تۇرىدىغانلىقىنى قايتا تەكىتلىگەن.

بۇ خەۋەر 636 قېتىم كۆرۈلدى
06/10/2021 11:54:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق