شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرىنىڭ بوسنىيەدىكى پائالىيەتلىرى خىتاينى بىئارام قىلدى

شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى تەرىپىدىن ئورۇنلاشتۇرۇلغان 13-قېتىملىق دۇنيا شەرقىي تۈركىستانلىقلار قېرىنداشلىق ئۇچرىشىشى ۋە 4-قېتىملىق مىللىي بىرلىك شۇراسى ئېچىلىشقا ساناقلىق كۈنلەر قالغاندا، خىتاينىڭ بوسنىيەدىكى باش ئەلچىسى جى پىڭ بوسنىيەدە چىقىدىغان «ئازادلىق گېزىتى»دە ماقالە ئېلان قىلىپ، شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان جىنايەتلىرىنى ئاقلاشقا ۋە پۈتۈن تارىخچىلار تەرىپىدىن ئېنىق تونۇلغان، ھەتتا خىتاي تارىخچىلىرىنىڭ كىتابلىرىدىمۇ تىلغا ئېلىنغان شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى بۇرمىلاشقا ئۇرۇندى.

خىتاي باش ئەلچى جى پىڭ ماقالىسىدە كوممۇنىست رېجىمى ئىزچىل تەكرارلاپ كېلىۋاتقان ئوخشاش جۈملىلەر بىلەن، يەنى «شىنجاڭ پۇقرالىرى بەختلىك ۋە تىنچ تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتىدۇ» دېگەن ماۋزۇ بىلەن سەپسەتە سېتىشقا تىرىشقان.

ئۇ ماقالىسىنى «2014-يىلدىن 2019-يىلغىچە شىنجاڭدا 1588 زوراۋانلىق ۋە تېررورلۇق شايكىسى ئاشكارىلاندى ۋە باستۇرۇلدى، 12995 تېررورچى قولغا ئېلىندى، 2052 پارتلاتقۇچ دورا قولغا چۈشۈرۈلدى، 30 مىڭ 645 ئادەم جازالاندۇرۇلدى» دەپ باشلىغان بولۇپ: «مەن بوسنىيە گېرتسېگوۋىنادىكى نۇرغۇن دوستلىرىمنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى شىنجاڭغا قىزىقىدىغانلىقىنى بىلىمەن، شۇڭا مەن ۋەزىپە ئۆتىگەن ۋاقتىمدىن باشلاپلا بوسنىيە پۇقرالىرىنى شىنجاڭنىڭ ھەقىقىي يۈزى بىلەن تونۇشتۇرۇشۇم كېرەك، بۇ مېنىڭ خىزمىتىمنىڭ ئىنتايىن مۇھىم بىر قىسمى» دەپ جار سالغان.

ئۇ ئارقىدىنلا تارىخنى پۈتۈنلەي بۇرمىلىغان ھالدا: «خىتاي مىلادىدىن ئىلگىرىكى 3-ئەسىردىن باشلاپ بىر دۆلەت ئىدى. خىتاينىڭ غەربىي شىمالىغا جايلاشقان شىنجاڭ خەن سۇلالىسى دەۋرىدە مەمۇرىي جەھەتتىن خىتاينىڭ بىر قىسمى بولۇپ قالدى، شۇڭا مىلادىدىن ئىلگىرىكى 2-ئەسىردىن باشلاپ خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتى شىنجاڭنى باشقۇرۇپ كەلدى... تارىختىن بۇيان شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كىشىلىرى، خىتايدىكى باشقا خەلقلەر بىلەن بىللە خىتاينىڭ كۆپ مەنبەلىك ۋە ئۆزگىچە ئائىلىسىنى بارلىققا كەلتۈردى. ئەمما 20-ئەسىرنىڭ بېشىدا، خىتاي ئىچى ۋە چەتئەلدىكى بۆلگۈنچىلەر ۋە دىنىي ئاشقۇنلار توقۇلما «شەرقىي تۈركىستان» دۆلىتىنىڭ قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تۈركلەردىن باشقا بارلىق مىللەتلەرگە قارشى تۇرۇش ۋە بۇتپەرەسلەرنى يوقىتىشنى تەشەببۇس قىلدى» دېگەندەك سەپسەتىلەر بىلەن جۆيلۈگەن.

ئۇ ماقالىسىدە يەنە «ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 90-يىللىرىدىن باشلاپ، بولۇپمۇ 11-سېنتەبىر ئامېرىكىدا يۈز بەرگەن ھۇجۇمدىن كېيىن، خىتاينىڭ ئىچى ۋە سىرتىدىكى شەرقىي تۈركىستان گۇرۇپپىلىرى ئالاقىنى كۈچەيتىپ، جىھادنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تېررورلۇق ۋە ئاشقۇنلۇقنىڭ دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا تارقىلىشىغا ئەگىشىپ، شەرقىي تۈركىستان دەپ ئاتىلىدىغان دۆلەت قۇرۇشقا ئۇرۇندى. ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى رەسمىي ھالدا "شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى" (شەرقىي تۈركىستان ئىسلام پارتىيەسى دەپمۇ ئاتىلىدۇ) نى تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى تىزىملىكىگە كىرگۈزدى» دېگەن سۆزلەرنى تىلغا ئالغان بولسىمۇ، مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ ئاللىبۇرۇن ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ تېررورلۇق تىزىملىكىدىن چىقىرىۋېتىلگەنلىكىنى تىلغا ئېلىشتىن ئۆزىنى قاچۇرغان.

ئۇ ماقالىسىدە يەنە: «شىنجاڭ خىتاي تارىخىدا ئەزەلدىن شەرقىي تۈركىستان دەپ ئاتالمىغان، ئەزەلدىن شەرقىي تۈركىستان دەپ ئاتىلىدىغان دۆلەت بولۇپ باقمىغان. ئۇيغۇرلارنىڭ ئاساسلىق ئەجدادلىرى ئالتىنچى ئەسىردىن 9-ئەسىرگىچە سۈي ۋە تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە ياشىغان ئۇيغۇر خەلقى بولۇپ، ئۇلار ئەزەلدىن تۈرك دەپ ئاتالمىغان. شەرقىي تۈركىستانچىلارنى قوللاش بۆلگۈنچىلەر ۋە تاشقى كۈچلەرنىڭ خىتاينى پارچىلاشقا ئۇرۇنۇۋاتقان سىياسىي مەقسەتلىرىگە خىزمەت قىلىشتىن باشقا نەرسە ئەمەس» دەپ بىلجىرلاش ئارقىلىق، بوسنىيە ھۆكۈمىتىگە يوشۇرۇن ھۇجۇم قىلغان.

جى پىڭ ماقالىسىدە يەنە نومۇس، دىپلوماتىيە ئەخلاقىنى پۈتۈنلەي قايرىپ قويغان ھالدا، قولىدا تۆمۈرنىڭ سۇنۇقى بولمىغان مىليونلىغان كىشىلەر تۇتقۇن قىلىنغان ۋەزىيەتتىكى ئۇيغۇر خەلقىنى زوراۋانلىق ۋە تېررورلۇق پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىش بىلەن ئەيىبلەپ، خىتاي رېجىمىنىڭ جىنايەتلەرنى «مىڭلىغان بىگۇناھ پۇقرالارنىڭ ياشاش ھوقۇقى، مال-مۈلۈك ۋە دىنى ئەركىنلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن» دەپ بىلجىرلىغان.

ئۇ ماقالىسىنىڭ ئاخىرىدا يەنە: «بوسنىيە گېرتسېگوۋىنادىكى ئورگانلار ۋە دىنىي جامائەتلەر جەمئىيەتنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە مۇقىملىقىنى قوغداش ئۈچۈن غايەت زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، قانائەتلىنەرلىك نەتىجىگە ئېرىشتى. بوسنىيە گېرتسېگوۋىنا 2001-يىلى تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش بىرلەشمىسىنىڭ ئەزاسى بولدى ۋە تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋە ئالدىنى ئېلىش ئىستراتېگىيەسى ۋە ھەرىكەت پىلانىنى تۈزدى ۋە نۇرغۇن نەتىجىلەرگە ئېرىشتى» دېگەنلەرنى تىلغا ئالغان ۋە: «بىز قۇياش ئاستىدا تۇرغاندا، قاراڭغۇلۇقنى ئۇنتۇپ قالماسلىقىمىز كېرەك، چۈنكى دۇنيا ئۇنچە تىنچ ئەمەس. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان شەرقىي تۈركىستانچى پائالىيەتچىلەر مەيلى دىنىي كىملىك بىلەن بولسۇن، ياكى ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار كىملىكى ئاستىدا بولسۇن، ئۈزلۈكسىز تاكتىكا ئۆزگەرتىش ئارقىلىق خەلقئارا جەمئىيەتنى ئالدىماقتا ۋە ئۆزلىرىنىڭ يوشۇرۇن مەقسىتىگە يېتىش ئۈچۈن سۆھبەتداشلىرىنىڭ سەمىمىيلىكىنى سۇيئىستېمال قىلماقتا» دەپ ئەزۋەيلىگەن.

ئۇ ماقالىسىدە شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ يېقىنقى مەزگىللەردە بوسنىيەدە داۋاملاشتۇرۇۋاتقان پائالىيەتلىرىگە ئىشارەت قىلىپ: «ھەتتا بەزى شەرقىي تۈركىستانچى كۈچلەر بوسنىيە گېرتسېگوۋىنادا ھەرىكەتلىرىنى باشلاپ بولدى. بوسنىيەدىكى دوستلارنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئىشلارنى ياخشى ئىگىلەپ، ياخشى-ياماننى پەرقلەندۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن، شۇنداق بولغاندىلا ئالدانمايدۇ ۋە باشقىلار تەرىپىدىن ئىشلىتىلمەيدۇ» دېگەندەك نومۇسسىز سۆزلىرى بىلەن ئىغۋاگەرچىلىك قىلغان.

بوسنىيە ئىزچىل ھالدا ب د ت دا خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى باستۇرۇش سىياسىتىنى ئەيىبلىگەن دۆلەتلەر قاتارىدىن ئورۇن ئېلىپ كەلگەن بولۇپ، كۆزەتكۈچىلەر خىتاينىڭ بۇ ئۇرۇنۇشلىرىنىڭ كۈتكىنىدەك ئۈنۈم بەرمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

بۇ خەۋەر 849 قېتىم كۆرۈلدى
05/10/2021 17:50:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق