خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى: ئامېرىكا تەيۋەننى قوللاشنى توختىتىشى كېرەك

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى دۈشەنبە ئامېرىكىنىڭ «تەيۋەن مۇستەقىللىق كۈچلىرى»نى قوللاشنى توختىتىشى كېرەكلىكى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇپ، بارلىق تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، تەيۋەن مۇستەقىللىق كۈچلىرىنى يوقىتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ 4-ئۆكتەبىردىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى باياناتچىسى خۇا چۈنيىڭ بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، خىتاينىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قوغداش ئىرادىسىنىڭ تەۋرەنمەيدىغانلىقىنى جار سالغان. ئالدىنقى كۈنى ئامېرىكا خىتاينى تەيۋەن ئەتراپىدىكى ھەربىي ئىغۋاگەرچىلىكنى توختىتىشقا چاقىرغان ۋە خىتاينىڭ تەيۋەن ئەتراپىغا يېقىن ئورۇنلاردا قىلغان ھەربىي ھەرىكەتلىرىنىڭ رايوندا مۇقىمسىزلىق ۋە خاتا ھۆكۈم چىقىرىش خەۋپىنى ئاشۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى.

ئامېرىكا مۇئاۋىن دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى كەسلىن ھىكس 1-ئۆكتەبىر ئامېرىكىنىڭ خىتاينىڭ تېز سۈرئەتتە ئۇرۇش ئۈسكۈنىلىرىنى يېڭىلىشىغا دىققەت قىلىۋاتقانلىقىنى ۋە خىتاينىڭ رايون ۋە تەيۋەنگە قاراتقان ھەربىي تەھدىتىگە يېقىندىن كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ھەمدە تەيۋەنگە بەرگەن ۋەدىسىنى داۋاملىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تەيۋەننىڭ ئۆزىنى قوغداش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشىگە ياردەم بېرىدىغانلىقىنى قايتا تەكىتلىگەن.

تەيۋەن دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكى دۈشەنبە خىتاينىڭ ھەرخىل تىپتىكى 52 كۈرەشچى ئايروپىلانىنىڭ تەيۋەننىڭ غەربىي جەنۇب ھاۋا مۇداپىئە پەرقلەندۈرۈش رايونىغا كىرگەنلىكىنى، بۇنىڭ تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى رېكورتنى ياراتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

بۇ خەۋەر 1030 قېتىم كۆرۈلدى
05/10/2021 15:40:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق