2015-يىلى شەرقىي تۈركىستاندىكى ساقچى قىسىمدا ئون نەچچە يىل ئىشلىگەن بىر سابىق خىتاي ساقچىسى خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى جازا لاگېرى ۋە تۈرمىلەرگە قامالغان تۇتقۇنلارنى ئىنسان قېلىپىدىن چىققان قىيىن-قىستاقلارغا ئالىدىغانلىقىنى ئاشكارىلىدى.
نۆۋەتتە ياۋروپادا سۈرگۈندە ياشاۋاتقان جياڭ فامىلىلىك مەزكۇر خىتاي ساقچى CNN مۇخبىرىغا ئۆزىنىڭ بۇرۇنقى خىزمەت كىنىشكىسىنى كۆرسىتىپ، نامسىز ھالدا خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە ئىجرا قىلىۋاتقان تېررور سىياسىتىنىڭ تەپسىلاتلىرىنى ئاشكارىلىغان. ئۇ بايان قىلغان تەپسىلاتلار جازا لاگېرى شاھىتلىرى گۇۋاھلىق بەرگەن خىتاينىڭ جىنايەتلىرى بىلەن ئوخشاش بولۇپ چىققان.
سابىق خىتاي ساقچىنىڭ ئېيتىشىچە، ئەينى ۋاقىتتا شى جىنپىڭ ئاتالمىش «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش خىزمىتى» دوكلاتىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن جىددىي بۇيرۇق چۈشۈرگەن. خىتاي رېجىمى بارلىق خىتاي ئۆلكىلىرىدىن 150 مىڭ ياردەمچى ساقچى قوبۇل قىلىشنى پىلانلىغان ھەمدە بارلىق خىتاي ئۆلكىلىرىنى ئاتالمىش «شىنجاڭنىڭ ئاممىۋى بىخەتەرلىكنى ساقلاشقا ياردەم بېرىش» نامىدا تەشكىللەنگەن ئاتالمىش «تېررورلۇققا زەربە بېرىش» سېپىگە قوشۇلۇشقا بۇيرۇغان.
ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، باشلىقى ئۇنىڭدىن مەزكۇر ھەرىكەتكە قاتنىشىشنى تەلەپ قىلىپ، ئۇنىڭغا: «بۆلگۈنچى كۈچلەر ۋەتەننى پارچىلاشقا ئۇرۇنۇۋاتىدۇ، بىز ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى يوقىتىشىمىز كېرەك» دېگەن. ساقچى دۆلەت بىخەتەرلىك تەھدىتىگە قارشى تۇرۇشتىن باشقا، ئۆزىنىڭ دەرىجىسىنىڭ ئۆستۈرۈلۈشنى ئارزۇ قىلغان بولغاچقا، تەشكىللەنگەن ياردەمچى ساقچىلار بىلەن بىرلىكتە شەرقىي تۈركىستانغا بارغان. شەرقىي تۈركىستانغا كىرگەندىن كېيىن، رەسمىي تۈرمىدە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ سانى چوقۇم ۋەزىپە قىلىپ چۈشۈرۈلگەن مەلۇم سانغا يېتىشى كېرەك، دەپ بەلگىلەنگەنلىكىنى بىلگەن. خىتاي ئۆلكىلىرىدىن چاقىرىلغان ساقچىلار شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا يۇقىرىدىن چۈشۈرۈلگەن بۇيرۇققا ئاساسەن تۇتقۇن قىلىش ھەرىكىتىنى ئىجرا قىلغان.
ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاينىڭ بۇ خىل تۇتقۇن قىلىش ھەرىكىتىنىڭ ھەممىسى پىلانلىق، سىستېمىلىق داۋاملاشقان بولۇپ، ھەربىر ئادەم بىر نىشانغا زەربە بېرىشى كېرەك ئىكەن. ئەگەر بىرەر كىشى قولغا ئېلىشقا قارشى چىقسا، ساقچىلارغا قورالىنى ئۇ كىشىنىڭ بېشىغا تىرەپ تۇرۇپ مىدىرلىماسلىققا ئاگاھلاندۇرۇش، ئاگاھلاندۇرۇشقا بويسۇنماي ھەرىكەت قىلغان ھامان ئېتىپ تاشلاش بۇيرۇقى چۈشۈرۈلگەن.
سابىق ساقچىنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى مەزگىلنى «ئۇرۇش دەۋرى» دەپ ئاتىغان. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاي ئەمەلدارلىرى شەرقىي تۈركىستاننى «ئۇرۇش رايونى» دەپ قارىغان. ساقچى باشلىقلىرى مەزكۇر ياردەمچى ساقچىلارغا ئۇيغۇرلارنىڭ «خىتاي دۆلىتى»نىڭ دۈشمىنى ئىكەنلىكىنى ئېيتقان. ساقچىلارنىڭ ھەممىسى بىر يىل ئىچىدىلا ئۇيغۇر ۋە باشقا مىللەتلەردىن 900 مىڭ كىشىنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى، ئەگەر بۇ ھەرىكەتلەرگە قارشىلىق قىلسا، ساقچىلارنىڭمۇ قولغا ئېلىنىدىغانلىقىنى بىلىدىكەن.
سابىق ساقچى مۇخبىرغا يەنە: «مەلۇم رايوندا ياكى بىر ناھىيەدە تۇتقۇن قىلىش ۋەزىپىسى چۈشۈرۈلگەن نەچچە يۈز ئادەم بولسا، ئۇلارنىڭ ھەممىسى بىرلا ۋاقىتتا قولغا ئېلىنىدۇ» دېگەن.
خىتاينىڭ ئاتالمىش «تېررورلۇققا زەربە بېرىش ھەرىكىتى» يۇقىرى پەللىگە چىققان دەۋرلەردە، سابىق ساقچى شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئوخشىمىغان رايونلىرىغا تۆت قېتىم ئادەم تۇتۇشقا تەقسىم قىلىنغان. ئەمما ئۇ ئاستا-ئاستا قىلىۋاتقان يېڭى خىزمىتىنىڭ باستۇرۇشنى مەقسەت قىلغانلىقى سەۋەبلىك گاڭگىراشقا باشلىغان. ئۇ سوراق جەريانىدا ھەر بىر يېڭى تۇتقۇننىڭ ئەر ياكى ئايال بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ئۇرۇپ خورلانغانلىقىنى، ھەتتا ئاياللار ۋە 14 ياشتىن كىچىك بالىلارنىڭمۇ بۇ خىل ئىنسان قېلىپىدىن چىققان مۇئامىلىگە ئۇچرىغانلىقىنى، تۇتقۇنلارنىڭ ھەممىسىنىڭ بىردەك «يولۋاس ئورۇندۇق»قا ئولتۇرغۇزۇش، تاختايغا ئېسىپ قويۇش، توك كالتىكى يېقىش، سۇ تۈرمىسىدە قىيناش، ئاچ قويۇپ قىيناش، نەچچە كۈن ئۇخلاتماسلىق قاتارلىق قىيناش ۋاسىتىلىرىنى باشتىن كەچۈرىدىغانلىقىنى كۆرگەن، شۇنداقلا ساقچىلارنىڭ تۇتقۇنلارنىڭ يۈزىگە دەسسەپ تۇرۇپ، جىنايىتىنى ئىقرار قىلىشقا مەجبۇرلىغانلىقىغا شاھىت بولغان.
ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، بىر قىسىم خىتاي ساقچىلار ئۇيغۇر تۇتقۇنلارنى ئۆز ۋەزىپىسى سەۋەبلىك قىيىن-قىستاققا ئالغان بولسىمۇ، يەنە بىر قىسىم خىتاي ساقچىلار ناھايىتى ۋەھشىي ئىكەن ۋە بۇ قىيىن-قىستاق ۋە خورلاشلاردىن ھۇزۇر ئالىدىكەن.
سابىق خىتاي ساقچىسى مۇخبىرغا يەنە تۇتقۇن قىلىنغانلارنىڭ تېررورلۇق جىنايىتى بىلەن ئەيىبلەنگەنلىكىنى، ئەمما قولغا ئېلىنغان نەچچە يۈزلىگەن تۇتقۇننىڭ ئىچىدە بىرەر كىشىنىڭمۇ جىنايەت سادىر قىلمىغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئادەتتىكى كىشىلەر ئىكەنلىكىنى ئېيتقان.
ئۇ شەرقىي تۈركىستانغا كىرىشتىن بۇرۇنلا خىتاي كومپارتىيەسى ئىچىدىكى چىرىكلىكنىڭ كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقانلىقىدىن ئۈمىدسىزلەنگەنلىكىنى، خىتاي كوممۇنىستلىرى مۇستەبىت ھاكىمىيەت بولغانلىقى سەۋەبلىك، ئۆزىنىڭ خەلق تەرەپتە تۇرۇشنى خالىغانلىقىنى ئېيتقان. شۇ سەۋەبلىك ئۇ خىتايدىن قېچىپ چىقىپ، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى جىنايەتلىرىنىڭ ھەممىسىنى ئاشكارىلاشنى قارار قىلغان، ئەمما ئۇنىڭ ئائىلىسى يەنىلا خىتايدا قالغان.
سابىق ساقچى ئاخىرىدا مۇخبىرغا ئەمدى خىتايغا ھەرگىز قايتالمايدىغانلىقىنى، ئەگەر قايتىدىغان بولسا، ئۇنى ئۆلگۈدەك قىينىشى، توپىلاڭچى، خىيانەتچى، مەخپىيەتلىكنى ئاشكارىلاش، ئاغدۇرمىچىلىق جىنايىتى، تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنى قوللاش جىنايىتى قاتارلىق بارلىق تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولىدىغان جىنايەتلەر بىلەن ئەيىبلىشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈرگەن.
مەزكۇر خىتاي ساقچى نۆۋەتتە ياۋروپادا سۈرگۈندە ياشاۋاتقان بولۇپ، ئۇيقۇسىزلىق كېسىلىگە گىرىپتار بولغان. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ئەينى ۋاقىتتا قىيىن-قىستاققا ئېلىنغانلار ھەققىدىكى قورقۇنچلۇق ئەسلىمىلەر ھەرۋاقىت ئۇنىڭ كۆز ئالدىدىن كەتمەي، ئۇنى روھىي جەھەتتىن تۈگەشتۈرۈۋەتكەن.
بۇندىن بۇرۇنمۇ كۆپلىگەن شاھىتلار جازا لاگېرى ۋە تۈرمىلەردىكى دەھشەتلىك قىيىن-قىستاقلار، خورلۇقلار ھەققىدە گۇۋاھلىق بەرگەن بولۇپ، خەلقئارادا كۈچلۈك غۇلغۇلا قوزغىغانىدى. خىتاي رېجىمى ھازىرغا قەدەر بۇ ھەقتىكى گۇۋاھلىقلارنى پۈتۈنلەي ئىنكار قىلماقتا ۋە شاھىتلارغا تۈرلۈك تۆھمەتلەرنى چاپلاپ، شەخسىيىتىگە ھۇجۇم قىلىپ كەلمەكتە.