خىتاي دائىرىلىرى 27-سېنتەبىر يېڭى ئون يىللىق «بالىلار تەرەققىيات تېزىسى»نى ئېلان قىلغان بولۇپ، ئاتالمىش «ئاز سانلىق مىللەتلەر»نىڭ تىل-يېزىق ھوقۇقىغا ئالاقىدار ماددىنى ئۆزگەرتىشى دىققەت قوزغىدى.
خىتاي دائىرىلىرى ھەر ئون يىلدا «ئاياللار تەرەققىيات تېزىسى»، «بالىلار تەرەققىيات تېزىسى» قاتارلىق ھۆججەتلەرنى ئېلان قىلىپ كەلگەن بولۇپ، ئالدىنقى ئون يىللىق «بالىلار تەرەققىيات تېزىسى»نىڭ 3-بابى 4-ماددىسىدا «ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئۆز ئانا تىلىدا تەربىيەلىنىش ھوقۇقى ھۆرمەت قىلىنىدۇ ۋە كاپالەتكە ئىگە قىلىنىدۇ» دېگەن جۈملىلەر ئورۇن ئالغانىدى.
ھالبۇكى، خىتاي دائىرىلىرى ئالدىنقى ھەپتە ئېلان قىلغان يېڭى ئون يىللىق (2030-2021) «بالىلار تەرەققىيات تېزىسى»دا ئوخشاش ماددىدىكى يۇقىرىقى جۈملىلەر چىقىرىۋېتىلگەن بولۇپ، ئۇنىڭ ئورنىغا «(خىتاي) ئورتاق تىل-يېزىقىنى ئومۇملاشتۇرۇشنى تېخىمۇ كۈچەيتىش» دېگەن جۈملىلەر ئالماشتۇرۇلغان. خىتاينىڭ بۇ ھەرىكىتى خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى سىياسىتىنى يېقىندىن كۆزىتىۋاتقان خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان.
خىتاي يېقىنقى بىر نەچچە يىلدىن بېرى شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى پۈتۈنلەي خىتايلاشتۇرۇش، ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش مەقسىتىدە، تۈرلۈك سىياسەت ۋە تەشۋىقاتلىرىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتكەن. بولۇپمۇ مەكتەپلەردە ئومۇميۈزلۈك خىتايچە ئوقۇتۇشنى تېخىمۇ كېڭەيتىپ، ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۇيغۇرچە سۆزلىشىنى چەكلىگەن. خىتاي دائىرىلىرى يەنە زور تۈركۈمدىكى ئۇيغۇر بالىلارنى بالىلار لاگېرىغا قاماپ، ئۇلارنى ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ۋە ئۇيغۇر تىلى مۇھىتىدىن ئايرىغان بولۇپ، كۆپلىگەن ئۇيغۇر بالىلارنىڭ ئانا تىلىدا سۆزلىيەلمەيدىغان ھالەتكە كېلىپ قالغانلىقى ئاشكارىلانماقتا. شۇنداقتىمۇ خىتاي دائىرىلىرى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ تىل-يېزىقىنى چەكلەش جىنايىتى ھەققىدىكى ئەيىبلەشلىرىگە قارىتا «ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئۆز ئانا تىلىدا تەربىيەلىنىش ھوقۇقى ھۆرمەت قىلىنىدۇ ۋە كاپالەتكە ئىگە قىلىنىدۇ» دېگەن ماددىلارنى كوزىر قىلىپ، خەلقئارانىڭ كۆزىنى بوياشقا ئۇرۇنماقتا، شۇنداقلا ئۆزلىرىنىڭ ئاتالمىش «ئاز سانلىق مىللەتلەر»نىڭ تىل-يېزىقىنى قوغداۋاتقانلىقىنى جار سېلىپ كەلمەكتە.
كۆزەتكۈچىلەر خىتاينىڭ ئاتالمىش «ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ تىل-يېزىقىنى ھۆرمەت قىلىش»تەك بۇرۇنقى تىل-يېزىق سىياسىتىنىڭمۇ ئەمەلىيەتتە قەغەز يۈزىدىلا ساقلىنىپ قالغانلىقىنى، ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتىنىڭ بۇرۇندىن تارتىپلا ئىجرا قىلىنىپ كەلگەنلىكىنى، شەرقىي تۈركىستاندا ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈشكە ئۆتكەن خىتاينىڭ نۆۋەتتە تىل-يېزىق جەھەتتىكى باستۇرۇش سىياسىتىنى قىلچە يوشۇرۇپ ئولتۇرماستىن كۈچەيتىپ ئىجرا قىلىشقا باشلىغانلىقىنى، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئەيىبلەشلىرىگىمۇ پىسەنت قىلمايۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈشمەكتە.