شىۋېتسىيەدىكى خىتاي باش كونسۇلخانىسى ئالدىدا نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

شىۋېتسىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى 72 يىللىق ئىشغالىيىتىگە قارشى پايتەخت ئىستوكھولمدىكى خىتاي باش ئەلچىخانىسى ئالدىدا نامايىش ۋە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى.

2-ئۆكتەبىر ئۆتكۈزۈلگەن مەزكۇر نامايىشنى شىۋېتسىيە ئۇيغۇر مائارىپ جەمئىيىتى تەشكىللىگەن بولۇپ، نامايىشقا شىۋېتسىيەدە ياشاۋاتقان كۆپ سانلىق ئۇيغۇرلار ئىشتىراك قىلغان. پائالىيەت شەرقىي تۈركىستان دۆلەت مارشىنى ئوقۇش بىلەن باشلانغان بولۇپ، قوللىرىدا شەرقىي تۈركىستان بايرىقى ۋە شىۋېتسىيە بايرىقىنى، «خىتاي، شەرقىي تۈركىستاندىن چىقىپ كەت» دېگەندەك شوئارلار يېزىلغان پىلاكاتلارنى، شۇنداقلا جازا لاگېرىدا شېھىت قىلىنغان ياكى ئىز-دېرەكسىز يوقاپ كەتكەن ئۇيغۇرلارنىڭ سۈرىتىنى كۆتۈرگەن نامايىشچىلار خىتاينىڭ جىنايەتلىرىگە قارشى شوئارلارنى توۋلىغان.

نامايىش جەريانىدا شىۋېتسىيە ئۇيغۇر مائارىپ جەمئىيىتى ياشلار بۆلۈمىنىڭ رەئىسى ئادەم غالىب ئەپەندى بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ 72 يىلدىن بېرى شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى باستۇرۇش، ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش سىياسىتىنى توختاتمىغانلىقىنى، يېقىندىن بېرى شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى پۈتۈنلەي يوقىتىشتەك مەقسىتىدە، جازا لاگېرى ۋە تۈرمىلەرگە  سەككىز مىليوندىن ئارتۇق شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى قاماپ زىيانكەشلىك قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان شىۋېتسىيە مائارىپ جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئەھمەدجان ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ قېتىمقى نامايىش ۋە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى خىتايغا قارشى جانلىق كەيپىيات ئىچىدە ئۆتكۈزۈلگەن. نامايىشقا قاتناشقان ئۇيغۇرلارنىڭ سانىمۇ ئىلگىرىكى نامايىشلارغا قارىغاندا كۆپ بولغان. خىتايغا قارشى ئېلان قىلىنغان باياناتتا خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان تېررور سىياسىتى دەلىل-ئىسپاتلىق ھالدا تونۇشتۇرۇلغان.

پائالىيەت شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ شىۋېتسىيەدىكى ۋەكىلى ئۆمەر مەخسۇمنىڭ خىتاي رېجىمىنىڭ ھالاكىتى، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ خىتاينىڭ مۇستەملىكىسىدىن قۇتۇلۇشى ئۈچۈن قىلىنغان تەسىرلىك دۇئاسى بىلەن ئاخىرلاشقان.

 

بۇ خەۋەر 810 قېتىم كۆرۈلدى
04/10/2021 19:38:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق