ئامېرىكا تەيۋەنگە ھەربىي ياردەم بېرىشكە ۋەدە بەردى

ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى تەيۋەنگە بەرگەن ۋەدىسىنى داۋاملىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تەيۋەننىڭ ئۆزىنى قوغداش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشىگە ياردەم بېرىدىغانلىقىنى قايتا تەكىتلىگەن.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈشىچە، 1-ئۆكتەبىر ئامېرىكا ئەقىل ئامبىرى «ئىستراتېگىيە ۋە خەلقئارا تەتقىقات مەركىزى»دە ئۆتكۈزگەن سىنلىق سۆھبەتتە ئامېرىكا مۇئاۋىن دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى كەسلىن ھىكس (Kathleen Hicks) ئامېرىكىنىڭ خىتاينىڭ تېز سۈرئەتتە ئۇرۇش ئۈسكۈنىلىرىنى يېڭىلىشىغا دىققەت قىلىۋاتقانلىقىنى ۋە خىتاينىڭ رايون ۋە تەيۋەنگە قاراتقان ھەربىي تەھدىتىگە يېقىندىن كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئۇ يىغىندا رىياسەتچىنىڭ «تەيۋەن بوغۇزىدىكى جىددىي ۋەزىيەتتە خىتاي تەيۋەنگە ھەربىي تەھدىت سېلىۋاتىدۇ، خىتاي تەيۋەنگە تاجاۋۇز قىلىشى مۇمكىن. ئامېرىكا بۇنىڭغا قانداق ئىنكاس قايتۇرىدۇ؟» دېگەن سوئالىغا جاۋاب بېرىپ: «ئامېرىكا تەيۋەن بوغۇزى ۋەزىيىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يېقىندىن دىققەت قىلىۋاتىدۇ، ھاۋايدىكى ھىندى-تىنچ ئوكيان قوماندانلىق ئورگىنى ھەر كۈنى ۋەزىيەتنى كۆزىتىۋاتىدۇ. ئامېرىكىنىڭ بۇ رايوندىكى يوشۇرۇن تەھدىتلەرنى كۈچلۈك كونترول قىلىش ئىقتىدارى بار» دېگەن.

ئۇ يەنە ئامېرىكا بىلەن تەيۋەننىڭ مۇناسىۋىتىنىڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى، 70-يىللاردىن باشلاپ تەيۋەنگە بەرگەن ۋەدىسىنى ساقلاپ كەلگەنلىكىنى، بۇنىڭ يادروسى تەيۋەن خەلقىنىڭ ئۆزىنى قوغداش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشىگە ياردەم بېرىش ئىكەنلىكىنى، بۇنىڭ خىتاينىڭ تەيۋەنگە قىلىۋاتقان تەھدىتىنى ئۆزگەرتەلەيدىغانلىقىنى، شۇنداقلا ئامېرىكىنىڭ مەنپەئەتىگىمۇ ئۇيغۇن ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن ۋە ئامېرىكىنىڭ بۇ مەسىلىدە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى شېرىكلىرى بىلەن زىچ ھەمكارلىشىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

يېقىنقى بىر مەزگىلدىن بۇيان خىتاي تەيۋەنگە قاراتقان ھەربىي تەھدىتىنى كۈچەيتكەن بولۇپ، ھەربىي ئايروپىلان ۋە ئۇرۇش پاراخوتلىرى تەيۋەننى ئايلىنىپ، تەيۋەنگە قارشى ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزگەن. 1-ئۆكتەبىر خىتاي ئارمىيەسى يەنە تەيۋەننىڭ غەربىي جەنۇب ھاۋا مۇداپىئە پەرقلەندۈرۈش رايونىغا تۈرلۈك كۈرەشچى ۋە بومباردىمانچى ئايروپىلانلىرىدىن بولۇپ جەمئىي 38 ھەربىي ئايروپىلان ئەۋەتكەن. ئامېرىكىمۇ خىتاينىڭ تەيۋەنگە قاراتقان ھەربىي تەھدىتىگە قارىتا تەيۋەن بوغۇزىغا ئاۋىياماتكا ئەۋەتكەن.

بۇ خەۋەر 564 قېتىم كۆرۈلدى
04/10/2021 14:27:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق