ياۋروپادىكى ئۇيغۇرلار پارىژغا يىغىلىپ 72 يىللىق ئاسارەتكە قارشى نامايىش ئۆتكۈزدى

ياۋروپانىڭ ھەرقايسى دۆلەتلىرىدىن كەلگەن ئۇيغۇرلار فىرانسىيە پايتەختى پارىژغا يىغىلىپ، خىتاينىڭ 72 يىلدىن بېرى شەرقىي تۈركىستاندا يۈرگۈزۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىگە قارشى نامايىش ۋە بايانات ئېلان قىلىش يىغىلىشى ئۆتكۈزدى.

2-ئۆكتەبىر ياۋروپادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەردىن كەلگەن ئۇيغۇرلار خىتاي كوممۇنىست رېجىمىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىشغالىيىتىنىڭ 72 يىللىقى ۋە يېقىنقى يىللاردىن بېرى شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىگە قارشى نامايىش ئۆتكۈزگەن. نامايىشنى فىرانسىيەدە پائالىيەت قىلىۋاتقان ياۋروپا ئۇيغۇر ئىنستىتۇتى تەشكىللىگەن بولۇپ، گوللاندىيە ۋە بېلگىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىكى شەرقىي تۈركىستان خەلقى، سىياسىي پائالىيەتچىلەر ۋە جازا لاگېرى شاھىتلىرىمۇ نامايىشقا قاتنىشىش ئۈچۈن مەخسۇس پارىژغا يىغىلغان. نامايىشقا يەنە ئۇيغۇرلارنى قوللايدىغان ياۋروپا ۋە فىرانسىيەنىڭ پارلامېنت ئەزالىرى، شۇنداقلا زور ساندىكى يەرلىك فىرانسۇزلار قاتناشقان.

نامايىشچىلار خىتايغا قارشى تۈرلۈك پىلاكاتلارنى، شەرقىي تۈركىستان بايرىقىنى كۆتۈرۈپ،  جاراڭلىق شوئارلىرىنى توۋلىغىنىچە زور كۆلەملىك يۈرۈش قىلغاندىن سىرت، ئۇيغۇرلار تەييارلىغان شەرقىي تۈركىستاندىكى خىتاينىڭ زۇلۇمى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن قىسقا دىراما ئورۇنلىنىپ، خەلقنى تەسىرلەندۈرگەن. ئارقىدىن نامايىشچىلار جۇمھۇرىيەت مەيدانىدا خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان 72 يىللىق تېررور سىياسىتى ۋە جىنايەتلىرى ھەققىدە بايانات ئېلان قىلغان. ئۇندىن باشقا ياۋروپا ۋە فىرانسىيە پارلامېنت ئەزالىرىمۇ سۆز قىلىپ، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى باستۇرۇش سىياسەتلىرىنى ئەيىبلىگەن.

ياۋروپا ئۇيغۇر ئىنستىتۇتىنىڭ رەئىسى دىلنۇر خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ قېتىم پارىژغا يىغىلىپ، بىرلەشمە نامايىش ئۆتكۈزۈشنىڭ سەۋەبلىرىدىن بىرى فىرانسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر قاتارلىق مىللەتلەرگە ئىجرا قىلغان جىنايەتلىرىنى ئىرقىي قىرغىنچىلىق دەپ بېكىتىشىگە تۈرتكە بولۇش ئىكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، بۇ قېتىم ياۋروپادىكى ئۇيغۇرلار بىرلىكتە پائالىيەت قىلغان بولغاچقا، شۇنداقلا يەرلىك خەلقنىڭمۇ قوللىشىغا ئېرىشكەچكە، نامايىشقا ئىككى مىڭغا يېقىن ئادەم قاتناشقان. گوللاندىيە ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتى رەئىسى ئابدۇراھمان ئابدۇللاھ ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، جەمئىيەت نامايىشقا گوللاندىيەدىن مەخسۇس ئادەم تەشكىللەپ ئەۋەتكەن.

خىتايغا قارشى نامايىش يەنە شىۋېتسىيە پايتەختى ئىستوكھولمدىكى خىتاينىڭ باش ئەلچىخانىسى ئالدىدىمۇ ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، نامايىشتا خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى قاتتىق ئەيىبلەنگەن، شۇنداقلا خىتايدىن شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە قاراتقان تېررور سىياسىتىنى توختىتىش تەلەپ قىلىنغان.

ئۇندىن باشقا ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇرلار 1-ئۆكتەبىر ۋاشىنگتوندىكى لىنكولىن خاتىرە سارىيى ئالدىدا خىتاينىڭ باستۇرۇش سىياسىتىگە قارشى نامايىش ئۆتكۈزگەن. نامايىشنى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى ۋە ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى تەشكىللىگەن بولۇپ، بىر قىسىم پارلامېنت ئەزالىرىمۇ قاتناشقان. نامايىشتا خىتايغا قارشى بايانات ئېلان قىلىنغاندىن سىرت، جازا لاگېرى شاھىتلىرى ئۆزلىرى باشتىن كەچۈرگەن دەھشەتلىك كەچۈرمىشلىرىنى سۆزلەپ ئۆتكەن.

1-ئۆكتەبىر يەنە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى تىبەت، موڭغۇل قاتارلىق خىتاينىڭ ئىشغالىيىتى ئاستىدىكى مىللەتلەرمۇ ئوخشىمىغان تەرىقىدە خىتايغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزگەن.

بۇ خەۋەر 818 قېتىم كۆرۈلدى
03/10/2021 23:46:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق