خىتايدىكى توك يېتىشمەسلىك كىرىزىسى داۋاملاشماقتا

خىتاي يېقىنقى مەزگىللەردە توك يېتىشمەسلىك كىرىزىسىغا قارشى خىتاي زاۋۇتلىرىدىكى ئىشلەپچىقىرىشنى ئازايتىش قاتارلىق ئۇسۇللارنى قوللىنىۋاتقان بولسىمۇ، بۇ ھەقتىكى مەسىلە ۋە ئەندىشىلەر يەنىلا داۋاملاشماقتىكەن.

گېرمانىيە ئاۋازىنىڭ 1-ئۆكتەبىردىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتايدىكى توك يېتىشمەسلىك كىرىزىسى داۋاملىشىۋاتقان بولۇپ، لياۋنىڭ، خېيلۇڭجياڭ ۋە جىلىندىن ئىبارەت ئۈچ ئۆلكە توك چەكلىمىسىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان. توك يېتىشمەسلىك ئەھۋالى ئېغىر بولۇپ، توكقا چەكلىمە قويۇش تەدبىرلىرى ئالدىدا، بەزى زاۋۇتلار ئىشلەپچىقىرىشنى توختاتقان ياكى ئازايتقان. بەزى كىچىك شىركەتلەر دىزېل يېقىلغۇلۇق گېنېراتور ئارقىلىق ئىشلەپچىقىرىشقا ئۆتكەن.

بىلدۈرۈلۈشىچە، بىر قىسىم خىتايلار توكقا چەكلىمە قويۇش تەدبىرلىرىنىڭ ئۇلارنى دىزېل گېنېراتورى ئىجارە ئېلىپ، جىددىي تاقابىل تۇرۇشقا مەجبۇرلىغانلىقىنى، ئەمما ئۇلارنىڭ ئىجارە چىقىمنى كۆتۈرەلەيدىغانلىقىنى، ۋاقىت ئۇزارسا، تەننەرخ بەك يۇقىرى بولۇپ كېتىپ، تۇرمۇشىغا تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

ئۇلار يەنە مۇخبىرغا: «دۆلەت توكنى قىسقارتىشقا ئېھتىياجلىق بولغاچقا، بىز ھازىرچە دىزېل موتورى ئىشلىتىشنى ئويلاشتۇق. ئەمما ئۇزۇن مۇددەتنى نەزەرگە ئالغاندا، ئەگەر (توكنى قىسقارتىش) داۋاملاشسا، بىز چوقۇم باشقا چىقىش يولى تېپىشىمىز كېرەك» دېگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، خىتاينىڭ توكقا چەكلىمە قويۇش تەدبىرلىرى كۆمۈر يېتىشمەسلىكتىن كېلىپ چىققان. نۆۋەتتە خىتايدىكى توكنىڭ ئۈچتىن ئىككى قىسمىدىن كۆپرەكى كۆمۈردىن ھاسىل قىلىنىدىكەن. ئالدىنقى ھەپتىدىن باشلاپ، ئېلېكتىرونلۇق زاپچاس ئىشلەپچىقارغۇچىلاردىن تارتىپ كانچىلىق شىركەتلىرىگە بولغان يۈزدىن ئارتۇق شىركەت توك يېتىشمەسلىك سەۋەبلىك ئىشلەپچىقىرىشنى توختاتقان. شېنياڭدىكى بىر پولات زاپچاس زاۋۇتىنىڭ خىزمەتچىسى ئۆزلىرىنىڭ يېقىنقى بىر نەچچە كۈندە زاۋۇتنى ئاچمىغانلىقىنى ئېيتقان. ئۇلار گېنېراتور ئىجارە ئالمىغانلىقىنى، ئەمما توك ئۈزۈلۈپ قالسا، ئىجارە ئېلىشقا مەجبۇر بولىدىغانلىقىنى ئېيتقان. ئۇندىن باشقا قىش پەسلىدىمۇ خىتايدىكى توك يېتىشمەسلىك كىرىزىسى يەنە داۋاملىشىدىكەن.

بۇ خەۋەر 1122 قېتىم كۆرۈلدى
02/10/2021 14:19:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق