ئامېرىكا بىلەن فىلىپپىننىڭ مۇداپىئە شەرتنامىسى خىتاينى ئەندىشىگە سالدى

فىلىپپىن دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئامېرىكا بىلەن فىلىپپىن ھەربىي ئەمەلدارلىرى «ئورتاق مۇداپىئە شەرتنامىسى» توغرىسىدا دەسلەپكى قەدەمدە سۆھبەت ئۆتكۈزگەن بولۇپ، ئىككى تەرەپنىڭ ھەرىكىتى خىتاينى ئەندىشىگە سالغان.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، فىلىپپىن دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى دېلفىن لورېنزانانىڭ(Delfin Lorenzana)پەيشەنبە تور مۇنبىرىدە سىنلىق سۆز قىلىپ: «ئىككى تەرەپنىڭ ھەربىي ئەمەلدارلىرى دەسلەپكى يىغىن ئېچىپ، كەلگۈسىدە قانداق ئىلگىرىلەش توغرىسىدا بىردەكلىك ھاسىل قىلدى» دېگەن.

ئۇ سۆزىدە يەنە: «گەرچە ئامېرىكا ئورتاق مۇداپىئە شەرتنامىسىگە تۈزىتىش كىرگۈزۈشنى قارشى ئالغان بولسىمۇ، ئەمما بىر دۆلەت بۇنى قارشى ئالمىدى. ئورتاق مۇداپىئە شەرتنامىسىگە تۈزىتىش كىرگۈزۈش ئويىنى تۇنجى قېتىم ئوتتۇرىغا قويغىنىمدا، خىتاينىڭ سابىق باش ئەلچىسى كېلىپ، ئورتاق مۇداپىئە شەرتنامىسىگە چېقىلماي، ھازىرقى ھالىتىنى ساقلاش كېرەكلىكىنى ئېيتتى» دېگەنلەرنى بىلدۈرگەن.

لورېنزانانىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئورتاق مۇداپىئە شەرتنامىسىنى كۈچەيتىش ئېنىق ھالدا خىتاي مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن ئەمەس بولۇپ، خىتاي رايوندا سۈنئىي ئاراللارغا ئورۇنلاشتۇرغان ۋە ھېچقانداق ھەل قىلىش چارىسىغا ئالدىرىمىغان.

لورېنزانا يەنە: «شەرتنامىگە تۈزىتىش كىرگۈزۈش ئارقىلىق نۆۋەتتىكى رايون بىخەتەرلىك ئەندىشىسىنى بىر تەرەپ قىلىش توغرىسىدا تەكلىپلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى. بۇنىڭ ئىچىدە خىتاي ھەربىي ئورگانلارنىڭ ئورنىغا خەلق ئەسكەرلىرىنى ئىشقا سېلىپ، تالاش-تارتىشتىكى دېڭىزدا يەر ئىگىلىدى» دېگەن.

بىلدۈرۈلۈشىچە، 1951-يىلى ئىمزالانغان ئامېرىكا-فىلىپپىن ئورتاق مۇداپىئە شەرتنامىسىدا قارشى تەرەپ ھۇجۇمغا ئۇچرىغان ئەھۋالدا، ئۇ تەرەپكە ياردەم قىلىنىدىغانلىقى ۋەدە قىلىنغان. ئامېرىكا ئەمەلدارلىرى فىلىپپىن تەرەپكە كۆپ قېتىم كاپالەت بېرىپ: «ئەگەر فىلىپپىن ئەسكەرلىرى، پاراخوت ۋە ئايروپىلانلىرى تالاش-تارتىشتىكى جەنۇبىي دېڭىزىدا خىتاينىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىسا، ئامېرىكا شەرتنامىدىكى مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىدۇ» دېگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ئامېرىكىنى رايوندىكى دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى «سۆھبەت ئارقىلىق تىنچ ھەل قىلىش» ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىۋاتقان ئاسىيا تالاش-تارتىشىغا ئارىلاشماسلىق ھەققىدە ئاگاھلاندۇرغان. ئامېرىكا تەرەپ بولسا رايون ماجىرالىرىنى تىنچ يول بىلەن ھەل قىلىش ۋە ئەركىن يول باشلاش ۋە ئۇچۇشقا كاپالەت قىلىش مەسىلىسىنىڭ دۆلەت مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن ئىكەنلىكىنى بايان قىلغان.

بۇ خەۋەر 620 قېتىم كۆرۈلدى
02/10/2021 14:10:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق