يېڭى قورچاق رەئىس ئەركىن تۇنىياز ئۇيغۇر تارىخىنى بۇرمىلاشتا ئاكتىپ رول ئوينىغان

خىتاي بۇ ھەپتە نۇرغۇن شەرقىي تۈركىستاندىكى بىر قىسىم يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرىنى ئالماشتۇرغان بولۇپ، بۇلار ئىچىدە ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت»نىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىرنىڭ ئورنىغا قورچاق ئەمەلدار ئەركىن تۇنىيازنى ئالماشتۇرغان.

خىتاي خەۋەر مەنبەلىرىدە ئاشكارىلىنىشىچە، 59 ياشلىق ئەركىن تۇنىياز ئۇزۇن يىللاردىن بېرى شەرقىي تۈركىستاندا خىتايغا ھەمكارلىشىپ ئىشلەۋاتقان ئەڭ سادىق قورچاق ئەمەلدارنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇ ئىلگىرى يەنە ماقالە، يازمىلىرىدا ئۇيغۇرلارنىڭ تۈركىي مىللەتلەرگە تەۋە ئەمەس، بەلكى ئاتالمىش «جۇڭخۇا مىللىتى»گە تەۋە ئىكەنلىكىنى كۆپ قېتىم ئوتتۇرىغا قويغان.

ئەركىن تۇنىياز ئىلگىرى خوتەن ۋىلايەتلىك تەشكىلات بۆلۈمى ۋە خوتەن ۋىلايەتلىك كومىتېتىدا خىزمەت قىلغان. 2014-يىلدىن باشلاپ ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق ھۆكۈمەت»نىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بولغان.

ئۇ 2018-يىلى ئاتالمىش «شىنجاڭ گېزىتى»دە «ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىنى توغرا تونۇيلى» تېمىسىدا ماقالە ئېلان قىلغان. ماقالىدە ئۇيغۇرلارنىڭ تۈركىي مىللەتلەرگە تەۋە ئەمەسلىكىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەجدادلىرى بىلەن تۈركلەرنىڭ قۇل ۋە قۇلدار مۇناسىۋەتتە بولغانلىقىنى، ئۇيغۇر كادىرلار ۋە زىيالىيلارنىڭ ئاتالمىش «جۇڭخۇا مىللەتلىرى ئورتاق گەۋدىسى» چۈشەنچىسىدە ئېغىپ كەتكەنلىكىنى جار سالغان.

ئۇ مەزكۇر ماقالىسىدە يەنە: «ئۇيغۇرلار تۈركلەر بىلەن ئۇزاق مۇددەت بىر يەردە ياشىغان بولسىمۇ، بىراق ئۇيغۇرلار تۈرك ئەمەس. ئۇيغۇرلارنى تۈرك مىللىتىگە چېتىش پانتۈركىزمچىلىكلەرنىڭ ھەمدە بۆلگۈنچىلەرنىڭ تەشۋىقاتى» دەپ بىلجىرلىغان. ئۇ بۇ قېتىم يېڭىدىن مۇۋەققەت رەئىسلىككە سايلانغاندىن كېيىن، خىتاي ئاخبارات ئورگانلىرى ئۇنى تونۇشتۇرغاندا ئۇنىڭ مەزكۇر ماقالىسىنى ئالاھىدە تونۇشتۇرۇپ خەۋەر قىلغان.

نۆۋەتتە خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىدە مۇھىم رول ئوينىغان شۆھرەت زاكىرنىڭ نېمە ئۈچۈن ئالماشتۇرۇۋېتىلگەنلىكى ۋە ئۇنىڭ كېيىنكى تەقدىرى ھەققىدە تۈرلۈك پەرەزلەر ئوتتۇرىغا قويۇلماقتا.

بۇ خەۋەر 1961 قېتىم كۆرۈلدى
02/10/2021 12:41:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق