ئامېرىكا تەتقىقات ئورگىنى: خىتاينىڭ يۇقىرى ئۆسۈملۈك قەرزى كىشىنى ئەندىشىگە سالىدۇ

ئامېرىكا تەتقىقات ئورگىنى «ياردەم سانلىق مەلۇماتلىرى»دىكى تەتقىقاتچىلارنىڭ بايقىشىچە، خىتاي رېجىمى دۆلەتلىك بانكىلار ئارقىلىق كۆپلىگەن دۆلەتلەرگە خەتىرى زور ۋە ئۆسۈمى يۇقىرى تەرىقىدە قەرز بەرگەن بولۇپ، سوممىسى كىشىنى چۆچۈتكۈدەك دەرىجىدە زور ئىكەن.

ب ب س نىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي دۇنيادىكى نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىغا نەچچە مىليارد دوللار سەرپ قىلغان بولۇپ، بۇ سومما ئامېرىكا ۋە باشقا ئاساسلىق دۆلەتلەر سەرپ قىلغان ئومۇمىي سوممىسىنىڭ ئىككى ھەسسىسىگە تەڭ كېلىدىكەن.

نۆۋەتتە خىتاينىڭ 165 دۆلەتتە جەمئىي 13427 ئۇل ئەسلىھە تۈرى بار بولۇپ، بۇ تۈرگە سېلىنغان مەبلەغنىڭ ئومۇمىي قىممىتى 843 مىليارد 100 مىليون دوللار ئىكەن. بۇ مەبلەغلەرنىڭ كۆپىنچىسى شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان «بىر بەلباغ، بىر يول» سودا پىلانى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، تاجىكىستاننىڭ ھازىرغا قەدەر خىتايغا 1 مىليارد 163 مىليون 800 مىڭ دوللار قەرزى بار ئىكەن. ئۇندىن باشقا نۇرغۇنلىغان نامرات دۆلەتلەر ياۋروپا ئىتتىپاقى، ياپونىيە ۋە ھىندىستان بىلەن قاتناش، ئېنېرگىيە ۋە رەقەملەشكەن ئالاقە جەھەتتىكى ماسلىشىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن، ياۋرو-ئاسىيا ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالىغان. ياپونىيە بىلەن ھىندىستان خىتاينىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» سودا پىلانىدىن پايدىلىنىپ، نامرات دۆلەتلەرنى ئېغىر قەرز يۈكى ئارقىلىق كونترول قىلىشىدىن ئەندىشە قىلماقتىكەن.

بۇ خەۋەر 720 قېتىم كۆرۈلدى
02/10/2021 12:33:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق