ئەردوغان پارلامېنت يىغىنىدا ئۇيغۇرلار ھەققىدە توختالدى

تۈركىيە پىرېزىدېنتى رەجەپ تاييىب ئەردوغان بۈگۈن تۈركىيە پارلامېنتىنىڭ (بۈيۈك مىللەت مەجلىسى) 27-نۆۋەتلىك 5-قانۇن چىقىرىش يىلىنىڭ باشلىنىشى مۇناسىۋىتى بىلەن تۈركىيە پارلامېنتى ئومۇمىي كېڭىشىگە خىتاب قىلدى.

بۈگۈنكى مەجلىسنىڭ ئېچىلىشىغا ھاكىمىيەت بېشىدىكى ۋە ئۆكتىچى بارلىق پارتىيەلەرنىڭ پارلامېنت ئەزالىرى قاتناشقان بولۇپ، تۈركىيە پارلامېنتى رەئىسى مۇستافا شەنتوپ رىياسەتچىلىك قىلدى.

ئەردوغان سۆزىدە يېڭى ئاساسىي قانۇن، تېررورىزم، ئىقتىساد، دىپلوماتىيە، رايونلۇق ۋە خەلقئارالىق مەسىلىلەر ھەققىدە تەپسىلىي توختالغاندىن سىرت، ئىشغال ۋە زۇلۇم ئاستىدىكى دۆلەتلەرنىمۇ تىلغا ئېلىپ ئۆتۈپ، ئۇلارنىڭ يوللۇق دەۋاسىنى قوللاپ كېلىۋاتقانلىقىنى ۋە قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ سۆزىدە يەنە ئۇيغۇرلار ھەققىدىمۇ توختالغان بولۇپ: «قىرىمدىكى قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ھوقۇقىنى ئۇكرائىنانىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكى ئاساسىدا قوغدىغىنىمىزدەك، خىتاينىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكىنى ئاساس قىلغان ھالدا، ئۇيغۇر تۈركلىرىنىڭ ئىنسانىي ھەقلىرىدىن ئەڭ زور دەرىجىدە بەھرىمەن بولۇشىغا دىققەت قىلىمىز» دېگەنلەرنى بىلدۈردى.

ئۇ سۆزىنىڭ داۋامىدا يەنە: «پەلەستىن ۋە قۇددۇستىن كەشمىرگىچە، روھىنگا مۇسۇلمانلىرىدىن ئافرىقىدا بىخەتەرلىك ۋە نامراتلىق خەتىرى ئاستىدا ياشاۋاتقانلارغىچە بولغان بارلىق كىشىگە قەلب ئىشىكىمىزنى ئوچۇق تۇتىمىز. قەيەردە بىر مەزلۇم ۋە بېشىغا كۈن چۈشكەن كىشى بولسا، داۋاملىق ئۇنىڭغا يېنىدا بولىمىز ۋە بولۇپ كەلدۇق» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

ئەردوغان 21- سېنتەبىر ب د ت ئومۇمىي كېڭەش يىغىنىدا قىلغان سۆزىدىمۇ ئۇيغۇرلار ھەققىدە توختىلىپ: «خىتاينىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكىنى چىقىش قىلغان ئاساستا، مۇسۇلمان ئۇيغۇر تۈركلىرىنىڭ تۈپ ھوقۇقلىرىنىڭ قوغدىلىشى ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ كۈچ چىقىرىلىشى كېرەك، دەپ قارايمىز» دېگەنىدى.

ئەردوغاننىڭ بۈگۈنكى پارلامېنت يىغىنىدا ئۇيغۇرلار ھەققىدە قايتا توختىلىشى، شۇنداقلا ھەر قېتىمقىنىڭ ئەكسىچە ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى پەلەستىن ۋە روھىنگا مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئالدىدا تىلغا ئېلىشى دىققەت قوزغىدى.

بۇ خەۋەر 981 قېتىم كۆرۈلدى
01/10/2021 20:32:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق