دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا 72 يىللىق ئاسارەتكە قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

بۈگۈن خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستانغا تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەنلىكىنىڭ 72 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا، جۈملىدىن تۈركىيەنىڭ ئىستانبۇل، ئەنقەرە، كونيا، قەھرىمانماراش ۋە كاستامونۇ شەھەرلىرىدە خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىشغالىيىتىگە ۋە جىنايەتلىرىگە قارشى نامايىش ۋە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى.

تۈركىيەنىڭ ھەرقايسى شەھەرلىرىدە بىر تۇتاش ئۆتكۈزۈلگەن نامايىش ۋە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىنى خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى تەشكىللىگەن بولۇپ، خىتاينىڭ ئىستانبۇلدىكى باش كونسۇلخانىسى ئالدىدا ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشقا مىڭدىن ئارتۇق كىشى ئىشتىراك قىلدى. نامايىشچىلار شەرقىي تۈركىستان بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرگەن ھالدا «خىتاي، جازا لاگېرلارنى تاقا»، «خىتاي، شەرقىي تۈركىستاندىن چىقىپ كەت»، «خىتاي، ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى توختات!»دېگەندەك شوئارلارنى توۋلاشتى.

بۈگۈنكى نامايىشتا نامايىشچىلارنىڭ خىتاي كونسۇلخانىسى جايلاشقان كوچىغا كىرىشكە رۇخسەت قىلىنمىغان بولۇپ، ساھىل بويىدىلا نامايىش قىلىشقا مەجبۇر بولدى. شۇنداقتىمۇ نامايىشچىلار ئارىلىقتا ساقچى تەرەپكە ئۆزىنى ئېتىپ، خىتاي كونسۇلخانىسى ئالدىغا بېرىشقا ئۇرۇندى. بۇ جەرياندا قاتناش توسۇلۇپ قالغان بولغاچقا، ساقچىلار ئادەم كۈچىنى ئىشقا سېلىپ، نامايىشچىلارنى ئەسلىدىكى نامايىش ئورنىغا قايتۇردى.

نامايىش ئالدى بىلەن تۈركىيە ۋە شەرقىي تۈركىستاننىڭ دۆلەت مارشىنى ئوقۇش بىلەن باشلاندى. ئارقىدىن خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان بايانات ئوقۇپ ئۆتتى. ئۇ باياناتىدا خىتاي كوممۇنىست رېجىمىنىڭ 72 يىلدىن بېرى شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى يوقىتىش ئۈچۈن ھەرخىل ۋاسىتىلەرنى قوللىنىپ كەلگەنلىكىنى، سەككىز مىليون خەلقنى جازا لاگېرىغا سولاپ، تۈرلۈك جىنايەتلىرىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئېتىقادىنى يوقىتىش، خىتايلاشتۇرۇش ئۈچۈن ئون نەچچە مىڭ مەسچىتنى چېقىپ تۈزلىۋەتكەنلىكىنى، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى قىرغىن قىلىپلا قالماي، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ نورمال تەرتىپىگىمۇ بۇزغۇنچىلىق قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى، شۇنداقلا ئىسلام دۇنياسىنى شەرقىي تۈركىستان خەلقى تەرەپتە تۇرۇپ، خىتاينىڭ جىنايەتلىرىنى توختىتىشقا، بولۇپمۇ تۈركىيەنى خىتايغا قارشى تېخىمۇ كۈچلۈك ئاۋاز چىقىرىشقا چاقىردى.

يىغىلىشقا شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى رەئىس ۋەكىلى مەھمۇدجان داموللام ئەرەبچە بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە «تېررورچى، ئەسەبىي» دېگەن تۆھمەتلەرنى ئارتىپ، خەلقئارا جەمئىيەتنى ئالداشقا ئۇرۇنغانلىقىنى، بولۇپمۇ ئەرەب ۋە ئىسلام ئەللىرىنى يالغان تەشۋىقاتى ئارقىلىق كۆز بوياپ كەلگەنلىكىنى تەكىتلىدى ۋە ئىسلام ئەللىرىنى خىتاينىڭ ئالدامچىلىقىغا ئىشەنمەسلىككە، خىتاينىڭ ماللىرىنى بايقۇت قىلىشقا چاقىردى.

ئارقىدىن شەرقىي تۈركىستان ۋەقفى باش كاتىپى ئابدۇللاھ ئوغۇز ئەپەندى سۆز قىلىپ، شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىغا ھەمدەمدە بولغان، دەۋانى قوللىغان بارلىق دۆلەت، تەشكىلاتلارغا ۋە خەلققە رەھمەت ئېيتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

د ئۇ ق ۋەقفى رەئىسى ئابدۇرېشىت ئابدۇخەمىت ئەپەندى سۆز قىلىپ، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى قىرغىن قىلىپلا قالماي، دۇنياغا تەھدىت بولۇۋاتقانلىقىنى، ئىنسانىيەتنىڭ ئۆز بۇرچىنى ئادا قىلىپ، خىتاينىڭ تەھدىتىگە قارشى تۇرۇشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.

ئارقىدىن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ قازاقىستان ۋەكىلى سەدىردىن ئايۇپ ئەپەندى سۆز قىلىپ، قازاقىستان خەلقىنىڭ سالىمىنى يەتكۈزدى ھەمدە خەلقنى شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىدا ئۈمىدسىزلەنمەسلىككە چاقىردى.

مەزكۇر نامايىشقا يەنە تۈركىيەدىكى بىر قىسىم پارتىيەلەرنىڭ ۋەكىللىرىمۇ قاتناشقان بولۇپ، ئىيى پارتىيەسىنىڭ ئىستانبۇلدىكى پارلامېنت ئەزاسى كۈرشات جەيلان ئەپەندى، ھۆر داۋا پارتىيەسىنىڭ ئىستانبۇل شۆبە ۋەكىلى شارافەددىن گۈلەي ئەپەندى سۆز قىلدى. ئۇلار سۆزىدە خىتاينى ئىنسان قېلىپىدىن چىققان جىنايەتلىرىنى توختىتىشقا، تۈركىيە ھۆكۈمىتىنى شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىغا ئىگە بولۇشقا چاقىردى.

ئارقىدىن ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ۋەقفىدىن دوكتور بۇرھان ئۇلۇغيول ئەپەندى ئىنگلىز تىلدا بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ جازا لاگېرى تەسىس قىلىش، ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈش جىنايەتلىرىنى سادىر قىلىۋاتقانلىقىنى، بۇلارنىڭ خەلقئارالىق نىزاملارغا ئېنىق خىلاپ ئىكەنلىكىنى بايان قىلىپ ئۆتتى.

ئاخىرىدا شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى ئەزاسى ئاتاۋۇللاھ خەلپەتھاجىم سۆز قىلىپ، خەلقنى زۇلۇمغا قارشى تۇرۇشقا چاقىردى ھەمدە ئاللاھتىن شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە نۇسرەت ئاتا قىلىشىنى تىلەپ دۇئا قىلدى.

نامايىش جەريانىدا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ باش كاتىپى ئابدۇلئەھەد ئابدۇراھمان ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، خىتايغا قارشى مۇجادىلىدىكى ئاخىرقى نىشاننىڭ شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەقىللىقى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.

ئۇندىن باشقا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ قازاقىستان ۋەكىلى سەدىردىن ئايۇپ ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بىر تەرەپتىن خىتايغا قارشى بىر كىشىلىك مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىش، يەنە بىر تەرەپتىن قازاقىستاندىكى شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ خىتاينىڭ زۇلۇمىنى ھەرگىز ئۇنتۇپ قالمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈش مەقسىتىدە مەزكۇر نامايىش ئۈچۈن ئاتايىتەن قازاقىستاندىن كەلگەنلىكىنى ئېيتتى.

ئەنقەرەدە ئۆتكۈزۈلگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ ئەنقەرە ۋەكىلى ئابدۇلھەمىد پامىر ئەپەندى خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى جىنايەتلىرى ھەققىدە بايانات ئېلان قىلدى. ئارقىدىن كېلەچەك پارتىيەسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى سەلچۇق ئۆزتاغ ئەپەندى سۆز قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ ھەرۋاقىت شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ يېنىدا ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى، شۇنداقلا خىتاينىڭ جىنايەتلىرىنى توختىتىشقا چاقىردى.

ئەنقەرەدىكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىلىشى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ژۇرنالىست مىركامىل قەشقەرىي زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئەنقەرەدىكى بۈگۈنكى پائالىيەتنىڭ پىلان بويىچە مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلگەنلىكىنى، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئاۋازىنى ۋە خىتاينىڭ جىنايەتلىرىنى تۈرك دۇنياسىغا ئاڭلىتىشتىن ئىبارەت بۇ مەقسەتنىڭ ئەمەلگە ئاشقانلىقىنى بىلدۈردى.

تۈركىيەنىڭ كونيا شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشتا سۇتۇق بۇغراخان ئىلىم ۋە مەدەنىيەت ۋەقفىنىڭ كونيا شۆبىسى رەئىسى ئابدۇلئەھەد ئۇدۇن ئەپەندى بايانات ئوقۇپ ئۆتتى. شۇنداقلا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، كونيادىكى خىتايغا قارشى پائالىيەتنىڭ كونيادا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ، كونيا خەلقىنىڭ، شۇنداقلا يەرلىك تەشكىلاتلارنىڭ قوللىشى بىلەن مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلگەنلىكىنى، خىتاينىڭ ئىشغالىيىتى ۋە جىنايەتلىرىنىڭ تونۇشتۇرۇلغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇندىن باشقا تۈركىيەنىڭ كاستامونۇ، قەھرىمانماراش شەھىرىدىمۇ جۈمە نامىزىدىن كېيىن بىر تۈركۈم ئۇيغۇرلارنىڭ، جۈملىدىن ئوقۇغۇچىلارنىڭ قاتنىشىشى بىلەن خىتاينىڭ جىنايەتلىرىگە قارشى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى.

بۈگۈن ئاۋسترالىيەنىڭ ئادېلەيد شەھىرىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارمۇ ئاۋسترالىيە شەرقىي تۈركىستان جەمئىيىتىنىڭ يېتەكچىلىكىدە خىتايغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزدى ھەمدە بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ ئىشغالىيىتىگە ۋە 72 يىلدىن بېرى شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە ئىجرا قىلىۋاتقان تېررور سىياسىتى ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىگە غەزەپ-نەپرىتىنى بىلدۈردى، شۇنداقلا خەلقئارا جەمئىيەتنى شەرقىي تۈركىستان خەلقى تەرىپىدە تۇرۇپ، خىتايغا بېسىم قىلىشقا چاقىردى.

شۇنداقلا يەنە گېرمانىيەنىڭ بېرلىن شەھىرىدىكى خىتاي كونسۇلخانىسىغا يېقىن جايدا ئۇيغۇر، تىبەت، موڭغۇللاردىن تەشكىللەنگەن بىر گۇرۇپپا كىشىلەر خىتاينىڭ جىنايەتلىرىگە قارشى نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزدى.

بۈگۈن ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلگەن خىتايغا قارشى نامايىش ئەلجەزىرە قانىلىدا نەق مەيدان تارقىتىلغاندىن سىرت، تۈركىيەدىكى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدىمۇ كۈنتەرتىپكە كەلدى. جۈملىدىن تۈركىيەدىكى مىللىيەت گېزىتى، ت ر ت خەۋەر، سۆزچى گېزىتى، خەۋەرلەر تورى، دۇرۇس خەۋەر ئاگېنتلىقى قاتارلىق خەۋەر تور بەتلىرىدە ئوخشىمىغان ماۋزۇلاردا خەۋەر قىلىندى.

بۈگۈنكى نامايىش يەنە ئىستىقلال تېلېۋىزىيەمىزنىڭ يۇتيۇب ۋە فېيسبۇك سەھىپىلىرىدە نەق مەيدان تارقىتىلغان بولۇپ، بىر نەچچە شەھەردىكى نامايىشنى تەڭلا تارقىتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، تەكلىپلىك مېھمان بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈش، شۇنىڭ بىلەن بىرگە نەق مەيداندىكى مۇخبىرلىرىمىز ئارقىلىق، نامايىش مەيدانىدىكى بىر قىسىم شەخسلەرنى زىيارەت قىلىش قاتارلىق ئالاھىدىلىكلەر بىرلەشكەن تەرىقىدە سۈپەتلىك ۋە مۇۋەپپەقىيەتلىك بىر پىروگرامما سۇنۇلدى. بۇ ئىستىقلال تېلېۋىزىيەسى ئۈچۈن يېڭى بىر قەدەم بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

بۇ خەۋەر 1396 قېتىم كۆرۈلدى
01/10/2021 20:11:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق