خىتاي پۇقراۋى شىركەتلىرى شەرقىي تۈركىستانغا قىزىقتۇرۇلماقتا

خىتاينىڭ 2021 ـ يىللىق ئاتالمىش «پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ جەنۇبىي شىنجاڭ سەپىرى» پائالىيىتى يىغىنى ئاقسۇدا ئېچىلغان بولۇپ، خىتاي دائىرىلىرى يىغىندا ئاتالمىش «شىنجاڭنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش» نامىدا ئىجرا قىلىۋاتقان رەزىل پىلانغا ئاساسەن خىتاي خۇسۇسى شىركەتلىرىنى شەرقىي تۈركىستاننىڭ جەنۇبىي رايونلىرىغا مەبلەغ سېلىشقا رىغبەتلەندۈرگەن.

خىتاي تەشۋىقات ئورگىنى تەڭرىتاغ تورىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، 28 ـ سېنتەبىر شەرقىي تۈكىستاننىڭ ئاقسۇدا ئاتالمىش «پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ جەنۇبىي شىنجاڭ سەپىرى» پائالىيىتى يىغىنى ئېچىلغان.

يىغىننى خىتاي سودا ـ سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى، دۆلەت يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىدارىسى، ئاتالمىش «ئاپتونوم رايونلۇق» پارتىيە كومىتېتى، ئاتالمىش «ئاپتونوم رايونلۇق» خەلق ھۆكۈمىتى بىرلىشىپ ئۆتكۈزگەن. يىغىندا ئاتالمىش «جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش» نامى بىلەن كەڭ پۇقراۋى كارخانىلاردىن ئاتالمىش «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش تارىخىي بۇرچنى زىممىسىگە» ئېلىپ، كەڭ- كۆلەمدە مەبلەغ سېلىش تەلەپ قىلىنغان.

مەلۇم بولۇشىچە، بۇ قېتىمقى پائالىيەتتە 81 تۈردە كېلىشىم ئىمزالانغان بولۇپ، ئېلېكتىرونلۇق مەھسۇلات، توقۇمىچىلىق، كىيىم ـ كېچەك، يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاش قاتارلىق تۈرلەرگە چېتىلىدىكەن. ئىمزالانغان كېلىشىمنىڭ ئومۇمىي سوممىسى 34 مىليارد 300 مىليون يۈەنگە يەتكەن بولۇپ، ئىمزالانغان كېلىشىم تۈرلىرى ئاتالمىش «نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش»دەپ دەۋا قىلىنغان.

خىتاي يېقىندىن بېرى كۆزگە كۆرۈنگەن ئۇيغۇر كارخانىچىلارنى ھەرخىل تۆھمەتلەر بىلەن تۈرمە ۋە لاگېرلارغا سولاش ۋاسىتىلىرى بىلەن ئۇلارنىڭ مال-مۈلكى ۋە پاي-چەكلىرىنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلىپ كىمئارتۇق قىلىپ ساتقان. شۇنىڭ بىلەن ماس قەدەمدە شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش ئارقىلىق پايدىلىنىۋاتقان خىتاي، مەجبۇرى ئەمگەكنىڭ كۆلىمىنى تېخىمۇ زورايتىش مەقسىتىدە، خىتاينىڭ خۇسۇسى كارخانىچىلىرىنى شەرقىي تۈركىستانغا مەبلەغ سېلىشقا رىغبەتلەندۈرمەكتە.

بۇ خەۋەر 852 قېتىم كۆرۈلدى
30/09/2021 14:33:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق