ئامېرىكا بىلەن خىتاي يۇقىرى دەرىجىلىك ھەربىي سۆھبەت ئۆتكۈزدى

ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى چارشەنبە كۈنى ئامېرىكا ۋە خىتاي دۆلەت مۇداپىئە ئەمەلدارلىرىنىڭ بۇ ھەپتە بىر قاتار مۇداپىئە مەسىلىسى ھەققىدە سۆھبەتلەشكەنلىكىنى ئېيتقان.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى باياناتچىسىنىڭ ئېيتىشىچە، ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكىنىڭ مۇئاۋىن ياردەمچى مىنىستىرى مايكېل چەيس (Michael Chase) خىتاي مەركىزى ھەربىي ئىشلار كومىتېتى خەلقئارا ھەربىي ھەمكارلىق ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى خۇاڭ شۈپىڭ بىلەن سىنلىق سۆھبەت ئۆتكۈزگەن.

سۆھبەت جەريانىدا، ئىككى تەرەپ ئامېرىكا-خىتاي مۇداپىئە مۇناسىۋىتىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان بىر قاتار مەسىلىلەر توغرىسىدا ئوچۇق-ئاشكارا سۆھبەتلەشكەن بولۇپ، ئىككى تەرەپنىڭ راۋان ئالاقە يولىنى ساقلاپ قېلىشتا ئورتاق تونۇشقا كەلگەنلىكى تەكىتلەنگەن.

بىلدۈرۈلۈشىچە، ئىككى ھەپتە ئىلگىرى، ئامېرىكا ۋە ئەنگلىيە ئاۋسترالىيەنى يادرو سۇ ئاستى پاراخوتى بىلەن تەمىنلەش ئۈچۈن (AUKUS) بىخەتەرلىك ئىتتىپاقى قۇرۇلغانلىقىنى ئېلان قىلغان ۋە بۇ ئىتتىپاقنىڭ غەرب دۆلەتلىرىنىڭ خىتاينىڭ شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ۋە جەنۇبىي دېڭىزدىكى كۈچ تەڭپۇڭلۇقىنى تەڭشەش مەقسىتىدە قۇرۇلغانلىقى بىلدۈرۈلۈپ، خىتاينىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغانىدى.

مەلۇم بولۇشىچە، ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى خىتاي بىلەن بولغان سۆھبەتتە، ئامېرىكىنىڭ تىنچ ئوكيان رايونىدىكى ئىتتىپاقداشلىرى ۋە شېرىكلىرىنىڭ ئورتاق تونۇشىنى قوللاشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. بۇ سۆھبەت ئامېرىكا-خىتاي مۇداپىئە سىياسىتىنى ماسلاشتۇرۇش سۆھبىتىنىڭ 16-قېتىملىق يىغىنى بولۇپ، ئالدىنقى قېتىملىق سۆھبەت 2020-يىلى 1-ئاينىڭ 14-كۈنى ئۆتكۈزۈلگەنىدى.

بۇ خەۋەر 650 قېتىم كۆرۈلدى
30/09/2021 14:16:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق