خىتاي بىلەن تالىباننىڭ ئىقتىسادىي ھەمكارلىقىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇن لايىھەسى ئوتتۇرىغا قويۇلدى

ئامېرىكا جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ 22 نەپەر كېڭەش پالاتا ئەزاسى 28-سېنتەبىر كۈنى تالىباننى قوللىغان بارلىق چەتئەل ھۆكۈمەتلىرىگە جازا يۈرگۈزۈشنى تەلەپ قىلىدىغان قانۇن لايىھەسىنى ئوتتۇرىغا قويغان. خىتاي ھازىرغا قەدەر ئافغانىستاندىكى تالىباننى قوللايدىغان ئاز ساندىكى ئاساسلىق چەتئەل كۈچلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، بۇ قانۇن لايىھەسى خىتايغا روشەن تەسىر قىلىدىكەن. بۇنىڭدىن بىر قانچە كۈن ئىلگىرى، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى 20 دۆلەت گۇرۇھى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى يىغىنىدا خەلقئارا جەمئىيەتنى ئافغانىستاندىكى تالىبانلارغا قارىتىلغان جازانى بىكار قىلىشقا چاقىرغانىدى.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، «ئافغانىستاننىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، نازارەت قىلىش ۋە جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈش قانۇنى» دەپ ئاتالغان بۇ قانۇن لايىھەسى جىم رىچ (Jim Risch, R-ID) تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولۇپ، بۇ قانۇن لايىھەسى تالىبان تەرىپىدىن تەيىنلەنگەن ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق ئافغانىستان باش ئەلچىسى ۋە ئافغانىستاننىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدىكى دائىمىي ۋەكىلىنى ئېتىراپ قىلماسلىقنى تەلەپ قىلغان. بۇ قانۇن لايىھەسى يەنە ئامېرىكىدىن ئافغانىستاندىكى تالىباننى قوللايدىغان ھەر قانداق چەتئەل ئورگانلىرىنى ئەتراپلىق تەكشۈرۈشنى تەلەپ قىلغان. بۇ قانۇن لايىھەسىدە يەنە، ئامېرىكا پىرېزىدېنتىدىن رۇسىيە، خىتاي ۋە تالىبانلارنىڭ جەنۇبىي ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىگە ئېلىپ كېلىدىغان بىخەتەرلىك ۋە ئىقتىسادىي خىرىسلىرى، خىتاي بىلەن چېگرالىنىدىغان جەنۇبىي ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى ئوتتۇرىسىدىكى چېگرا ماجىراسى ۋە خىتاينىڭ پۈتكۈل رايوندىكى قۇرۇقلۇق ۋە دېڭىز پورتلىرى، ھەربىي ھەرىكەتلىرى ۋە ئەسلىھەلىرى، قاتناش ئۇل-ئەسلىھەلىرى ۋە ئېنېرگىيە تۈرلىرىگە سالغان مەبلەغلىرى ھەققىدە تەپسىلىي دوكلات تەييارلاش تەلەپ قىلىنغان.

ئۇندىن باشقا بۇ قانۇن لايىھەسى يەنە، ئامېرىكىنىڭ ئافغانىستاندىكى تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش خىزمىتىنى داۋاملاشتۇرۇش، تالىبانلارنىڭ تېررورلۇق ۋە كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى جازالاش ۋە  ئافغانىستاننى چەتئەل ياردىمى بىلەن تەمىنلەشنى چەكلەش ئىستراتېگىيەسى بىلەن تەمىنلەيدىكەن. بۇ قانۇن لايىھەسىدە يەنە، ئامېرىكا بىلەن ھىندىستاننىڭ ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىش مەقسەت قىلىنغان مەزمۇنلار بار بولۇپ، ئاقسارايدىن ئامېرىكىنىڭ ھىندىستان بىلەن دىپلوماتىيە، ئىقتىساد ۋە مۇداپىئە ئىشلىرىدا ھەمكارلىشالايدىغان نۇقتىلارنى ئېنىقلاپ چىقىش تەلەپ قىلىنغان.

مەلۇم بولۇشىچە، ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا ۋە جەنۇبىي ئاسىيا ۋەزىيىتىنى كۆزەتكۈچىلەر خىتاينىڭ تالىبانلار بىلەن ھەمكارلىشىش ئارقىلىق ئافغانىستاننىڭ كەم ئۇچرايدىغان تەبىئىي بايلىقىغا ئېرىشىۋېلىشىدىن ئەندىشە قىلغان. مۆلچەرلىنىشىچە، ئافغانىستاننىڭ ئاز ئۇچرايدىغان نادىر تۇپراق زاپىسىنىڭ قىممىتى 1 تىرىليون 300 مىليارد دوللار بولۇپ، CNBC نىڭ 8-ئاينىڭ 17-كۈنىدىكى دوكلاتىغا قارىغاندا، بەزى تەھلىلچىلەر خىتاينىڭ تالىبانلار بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتىكى مۇھىم مەقسىتى تالىبانلار بىلەن ئافغانىستاندىكى ئاز ئۇچرايدىغان تۇپراقنى تېپىش ۋە ئېچىشتا ھەمكارلىشىدىغان يول ئىزدەش دەپ قارىغان. بۇ خىتاينىڭ رايوندىكى زوراۋانلىق ئورنىنى كۈچەيتىشتە ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەن.

نادىر تۇپراق كۆپىنچە زامانىۋى ئېلىكترونلۇق مەھسۇلاتلار ۋە ھەربىي ئۈسكۈنىلەرنىڭ ئاساسلىق خام ماددىلىرىدىن بىرىدۇر.

بۇ خەۋەر 660 قېتىم كۆرۈلدى
30/09/2021 14:09:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق