29-سېنتەبىر خىتاي دائىرىلىرى ئاتالمىش «بىر خىتاي» پىرىنسىپى سەپسەتىسى بىلەن تەيۋەننىڭ ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىدىكى كۆپ تەرەپلىك ئەركىن سودا مېخانىزمى بولغان «تىنچ ئوكياندىن ھالقىغان شېرىكلىك مۇناسىۋىتى كېلىشىمى» (CPTPP) غا ئەزا بولۇشىنىڭ ئالدىنى ئالىدىغانلىقىنى بايان قىلغان. بۇنىڭغا تەيۋەن ئىجرائىيە ئورگىنى چوڭ قۇرۇقلۇق ئىشلىرى كومىتېتى دەرھال نارازىلىق باياناتى ئېلان قىلىپ، ھېچقانداق دۆلەت ياكى ھېچكىمنىڭ تەيۋەننىڭ ھازىرقى خەلقئارا ھوقۇقىغا ئارىلىشىش ھوقۇقى يوقلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، چارشەنبە ئۆتكۈزۈلگەن قەرەللىك مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، تەيۋەننىڭ (CPTPP) غا قاتنىشىش ئىلتىماسى ھەققىدە توختالغان خىتايدىكى تەيۋەن ئىشلىرى ئىشخانىسىنىڭ باياناتچىسى جۇ فېڭلىيەن تەيۋەننىڭ رايونلۇق ئىقتىسادى ھەمكارلىق مىخانىزىمىغا قاتنىشىشىنىڭ ئالدىنقى شەرتى چوقۇم «بىر خىتاي» پىرىنسىپى ئاساسىدا بولۇشى كېرەكلىكىنى، «بىر خىتاي» پىرىنسىپىغا ئاساسەن، تەيۋەن مۇناسىپ ئىسىم ۋە سالاھىيەت بىلەن دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا قاتناشسا بولىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
مەلۇم بولۇشىچە، تەيۋەن 22-سېنتەبىر (CPTPP) غا قاتنىشىشنى رەسمىي ئىلتىماس قىلغان بولۇپ، تەيۋەن ئىجرائىيە ئورگان ئەزاسى، ئىقتىساد ۋە سودا سۆھبىتى ئىشخانىسىنىڭ باش سۆھبەت ۋەكىلى دېڭ جېنجوڭ 23-سېنتەبىر تاراتقۇلارغا تەيۋەننىڭ «تەيۋەن، پېڭخۇ، جىنما شەخسىي تاموژنا بېجى رايونى» نامىغا ئەزا بولۇشنى ئىلتىماس قىلغانلىقىنى دەلىللىگەن. تەيۋەن بۇ نام بىلەن دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا كىرگەندىن بۇيان. بۇ ئىسىم خەلقئارادا ئۇزۇن يىل قوللىنىلىپ كەلگەن.
دېڭ جېنجۇڭ گەرچە تەيۋەن ئىگىلىك ھوقۇقلۇق ۋە مۇستەقىل دۆلەت بولسىمۇ، ئىقتىسادىي ۋە سودا كېلىشىمىگە قاتناشقاندا ھەمىشە «تەيۋەن، پېڭخۇ، جىنما ۋە يەككە تاموژنا بېجى رايونى» دېگەن ئىسىمنى قوللىنىپ كەلگەنلىكىنى، بۇ ئىسىممۇ تالاش-تارتىش قوزغىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ يەنە بۇ نامدا (CPTPP) غا قاتنىشىشنى ئىلتىماس قىلىش مەسىلىسىنى قايتا ئويلىشىش ئارقىلىق قارار قىلغانلىقىنى تەكىتلىگەن.