ئامېرىكا سودا مىنىستىرى: خىتاي ئاۋىياتسىيە شىركەتلىرىنىڭ بوئېن ئايروپىلانى سېتىۋېلىشىنى چەكلىدى

ئامېرىكا سودا مىنىستىرى خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۆز ئاۋىياتسىيە شىركەتلىرىنى بوئېن ئايروپىلانى سېتىۋېلىشتىن توسقانلىقىنى ئاشكارىلىغان.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ 29-سېنتەبىردىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا سودا مىنىستىرى گىنا رايموندو(Gina Raimondo)سەيشەنبە مۇخبىرلارغا خىتاينىڭ دۆلەت ئىچى ئاۋىياتسىيە شىركەتلىرىنى ئامېرىكىدا ئىشلەپچىقىرىلغان نەچچە ئون مىليارد دوللار قىممىتىدىكى بوئېن BA.N تىپلىق ئايروپىلانلىرىنى سېتىۋېلىشتىن چەكلىگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

رايموندو سۆزىنىڭ ئاخىرىدا يەنە خىتاينىڭ ئالدىنقى ھۆكۈمەت بىلەن 2020-يىلى ھاسىل قىلغان سودا كېلىشىمىنىڭ بىر قىسىمى سۈپىتىدە، ئامېرىكا مەھسۇلاتلىرىنى سېتىۋېلىش ۋەدىسىگە ئەمەل قىلمىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ باياناتچىسى خۇا چۈنيىڭ چارشەنبىدىكى قەرەللىك مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا ئامېرىكا سودا مىنىستىرىنىڭ سۆزىگە نارازىلىق بىلدۈرۈپ: «خىتاي دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ كۆپ تەرەپلىك سودا مېخانىزمىنى قوللايدۇ ھەمدە ئامېرىكىنىڭ بازار قائىدىسىگە ئەمەل قىلىپ، خىتاي بىلەن روبىرو مېڭىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ» دېگەن.

بۇ خەۋەر 706 قېتىم كۆرۈلدى
30/09/2021 11:57:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق