خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى بۈگۈن رەسمىي ھېسابىدا بايانات ئېلان قىلىپ، تۈركىيەدە ياشاۋاتقان بارلىق شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ تۈركىيە گىراژدانلىقىغا ئېرىشىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.
ئىگىلىشىمىزچە، خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى تۈركىيەدە ياشاۋاتقان شەرقىي تۈركىستانلىق مۇھاجىرلارنىڭ تۈرلۈك قىيىنچىلىقلىرىنى كۆزدە تۇتۇپ، تۈركىيەنىڭ ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىكى بىلەن كۆرۈشكەن ۋە تۈركىيەدىكى شەرقىي تۈركىستانلىقلارغا ئومۇميۈزلۈك گىراژدانلىق سالاھىيىتى بېرىش تەلىپىنى سۇنغان.
تۈركىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىكى بۇ ھەقتىكى تەلەپلەرگە ئاساسەن رەسمىي قارار ماقۇللىغان بولۇپ، قارارغا ئاساسەن تۈركىيەدە ئىقامەت بىلەن تۇرۇۋاتقان بارلىق شەرقىي تۈركىستانلىقلارغا ئىستىسنائىي تەرىقىدە تۈركىيە گىراژدانلىقى بېرىلىدىكەن. ئالاقىدار ئىش بېجىرىش 30-سېنتەبىردىن تارتىپ باشلىنىدىكەن.
بىلدۈرۈلۈشىچە، تۈركىيەدە ئىقامەت بىلەن تۇرۇۋاتقان بارلىق شەرقىي تۈركىستانلىقلارغا تۈركىيەگە كىرگەن ۋاقىت تەرتىپى بويىچە قىسقا ئۇچۇر يوللىنىدىغان بولۇپ، ئۇچۇر تاپشۇرۇۋالغانلار بېكىتىلگەن ۋاقىت ۋە ئورۇنغا ئاساسەن گىراژدانلىققا ئىلتىماس سۇنسا بولىدۇ. ئۇندىن باشقا تۈركىيەدە ئۇزۇن مۇددەتلىك ئىقامەت بىلەن تۇرغان ۋاقتى بەش يىلدىن ئاشقانلار ئۇچۇر كېلىشىنى ساقلىماستىنلا بىۋاسىتە بېرىپ، گىراژدانلىققا ئىلتىماس سۇنسا بولىدىكەن.
تەشكىلاتلار بىرلىكى باياناتىدا تۈركىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىكىگە مىننەتدارلىقىنى بىلدۈردى، شۇنداقلا ئۇچۇر تاپشۇرۇۋالغۇچىلارنىڭ ئۆزى بىۋاسىتە بېرىپ ئىلتىماس سۇنۇشى كېرەكلىكىنى، ھېچقانداق ۋاسىتىچىگە ئېھتىياج چۈشمەيدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ ئۆتتى.