ياۋروپا ئىتتىپاقى خىتاينى كىشىلىك ھوقۇق سۆھبىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە چاقىردى

28-سېنتەبىر ئۆتكۈزۈلگەن «خىتاي-ياۋروپا يۇقىرى دەرىجىلىك ئىستراتېگىيەلىك دىيالوگى» يىغىنىدا ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ دىپلوماتىيە ۋە بىخەتەرلىك ئىستراتېگىيەسى ۋەكىلى جوسېپ بورېل خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يىغا كىشىلىك ھوقۇق ۋە تەيۋەن مەسىلىسىدىكى ئەندىشىسىنى بىلدۈرگەن.

گېرمانىيە ئاۋازىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، جوسېپ بورېل تۈنۈگۈن ئۆتكۈزۈلگەن سىنلىق يىغىندا خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يىغا كىشىلىك ھوقۇقنىڭ خىتاي-ياۋروپا مۇناسىۋىتىدىكى مۇھىم مەسىلە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن بولۇپ، تەيۋەن ۋە AUKUS شەرتنامىسىمۇ سۆھبەتتە تىلغا ئېلىنغان.

بورېل ياۋروپا ئىتتىپاقى-خىتاي يۇقىرى دەرىجىلىك ئىستراتېگىيەلىك سۆھبىتىنىڭ 11-ئايلانمىسىدا سۆز قىلىپ: «گەرچە ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا تالاش-تارتىش مەۋجۇت بولسىمۇ، ئەمما ئىككى تەرەپ بەزى مۇھىم ساھەلەردە داۋاملىق ئالاقە ئورنىتىشى كېرەك» دېگەن، شۇنداقلا ياۋروپا ھىندى-تىنچ ئوكيان ئىستراتېگىيەسىنىڭ سىغدۇرۇشچان ۋە ھەمكارلىق خاراكتېرىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن.

بورېل يەنە خىتاي ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىنى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە ئۇچرىشىپ تۇرۇشقا، «خىتاي-ياۋروپا كىشىلىك ھوقۇق دىيالوگى»نى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە چاقىرغان. ئۇ ئىككى تەرەپلىك كىشىلىك ھوقۇق مۇنبىرىنىڭ كەلگۈسى ئۈچ ئاي ئىچىدە ئۆتكۈزۈلۈشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «دىيالوگ ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى ئىختىلاپنى ھەل قىلىشنىڭ ئاچقۇچى» دېگەن.

بورېل تەيۋەن مەسىلىسىدە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ «بىر خىتاي» سىياسىتىدە داۋاملىق چىڭ تۇرىدىغانلىقىنى، تەيۋەننىڭ ئوخشاش پىكىردىكى مۇھىم ئىقتىسادىي شېرىك ئىكەنلىكىنى، ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە ئۇنىڭغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ تەيۋەن بىلەن ھەمكارلىقنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا قىزىقىدىغانلىقىنى، ئەمما تەيۋەننىڭ دۆلەتلىك ئورنىنى ئېتىراپ قىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

تەيۋەن مەركىزى خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە ياۋروپا ئىتتىپاقى تىلغا ئالغان «بىر خىتاي سىياسىتى»نىڭ خىتاي تەكىتلەۋاتقان «بىر خىتاي پىرىنسىپى»غا ئوخشىمايدىغانلىقى تەكىتلەنگەن، شۇنداقلا ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ سودا مۇناسىۋىتى، ئىلىم-پەن، مائارىپ ۋە مەدەنىيەت قاتارلىق ھەر قايسى ساھەلەردە تەيۋەن بىلەن تېخىمۇ قويۇق مۇناسىۋەتنى تەرەققىي قىلدۇرىدىغانلىقى ھەققىدىكى پەرەز قەيت قىلىنغان.

بوررېل سۆزىدە يەنە سىنلىق يىغىنىدا ۋاڭ يى بىلەن شەرقىي تۈركىستان ۋە خوڭكوڭنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىنى مۇزاكىرە قىلغانلىقىنى ئاشكارىلىغان. ئەمما خىتاي ئاخبارات ۋاسىتىلىرى خەۋەرلىرىدە بۇ ھەقتىكى مەزمۇنلارنى تىلغا ئالماي ئۆتۈپ كەتكەن.

بۇ خەۋەر 697 قېتىم كۆرۈلدى
29/09/2021 17:32:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق