كانادا خۇاۋېي ھەققىدىكى قارارىنى پات يېقىندا ئېلان قىلماقچى

كانادا باش مىنىستىرى جاستىن تىرۇدو خۇاۋېي شىركىتىنىڭ 5G ئۈسكۈنىلىرىنى چەكلەش-چەكلىمەسلىك ھەققىدىكى قارارنىڭ كەلگۈسى بىر نەچچە ھەپتە ئىچىدە بېكىتىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا خۇاۋېي شىركىتىنىڭ ئۇچۇر بىخەتەرلىكىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىش ئېھتىماللىقىنى كۆزدە تۇتۇپ، «بەش كۆز ئىتتىپاقى»دىكى ئەزا دۆلەتلەرگە خۇاۋېي شىركىتىنىڭ 5G تورى ئۈسكۈنىلىرىنى ئىشلەتمەسلىك توغرىسىدا بېسىم ئىشلىتىپ كەلگەن بولۇپ، مەزكۇر ئىتتىپاقنىڭ ئەزاسى بولغان كانادامۇ بۇ ھەقتە ئېنىق قارار چىقىرىشقا مەجبۇر بولغان.

بىلدۈرۈلۈشىچە، نۆۋەتتە كانادا ھۆكۈمىتى ئىستىخبارات ئورگىنىنىڭ بۇ ھەقتىكى دوكلاتىنى ساقلاۋاتقان بولۇپ، تىرۇدو مۇخبىرلارغا: «بىز ئوخشىمىغان تاللاشلارنى ئويلىشىۋاتىمىز ۋە ئىزدىنىۋاتىمىز. ئەمما كەلگۈسى بىر نەچچە ھەپتە ئىچىدە قارار ئېلان قىلىشىمىز ئېنىق» دېگەن.

«بەش كۆز ئىتتىپاقى» ئامېرىكا، ئەنگلىيە، كانادا، ئاۋسترالىيە ۋە يېڭى زېللاندىيەدىن تەشكىل تاپقان بولۇپ، كېلىشىمگە ئاساسەن ئىتتىپاققا ئەزا دۆلەتلەر ئىستىخبارات ئۇچۇرلىرىنى ئۆزئارا ئورتاقلىشىدىكەن. بۇ سەۋەبلىك ئامېرىكا ھەرقانداق بىر ئەزا دۆلەت خۇاۋېينىڭ ئۈسكۈنىلىرىنى ئىشلەتكەن تەقدىردە، ئۇچۇر بىخەتەرلىكىگە زور خەۋپ ئېلىپ كېلىشىدىن ئەنسىرىگەن.

خەۋەردە تەھلىل قىلىنىشىچە، يېڭى ھۆكۈمەت قۇرۇلۇشتىن بۇرۇن كانادانىڭ خۇاۋېي ھەققىدە قارار چىقىرىش ئېھتىماللىقى تۆۋەن ئىكەن. تىرۇدونىڭ بىلدۈرۈشىچە، كانادانىڭ يېڭى كابىنېتى كېلەر ئايدا ئېلان قىلىنىدىكەن.

بۇ خەۋەر 805 قېتىم كۆرۈلدى
29/09/2021 16:32:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق