ئاقساراي باياناتچىسى 28-سېنتەبىردىكى باياناتىدا بايدېن ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىغا كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالى ھەققىدىكى ئەندىشىسىنى خىتايغا بىۋاسىتە بىلدۈرگەنلىكىنى ئېيتقان.
ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئاقساراي باياناتچىسى جېن ساكى تۈنۈگۈنكى مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى ماقۇللىغان «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» ھەققىدە توختىلىپ، بايدېن ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ قانۇن لايىھەسىنىڭ ئومۇمىي يۆنىلىشىنى قوللايدىغانلىقىنى ۋە بۇ قانۇن لايىھەسىنىڭ تەپسىلاتلىرىغا داۋاملىق قاراپ چىقىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.
جېن ساكى باياناتىدا پىرېزىدېنتنىڭ ئىلگىرى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىغا بولغان ئەندىشىسىنى خىتايغا بىۋاسىتە بىلدۈرگەنلىكىنى تەكىتلىگەن، شۇنداقلا بۇ قانۇن لايىھەسىگە قارىتا تېخى پوزىتسىيە بىلدۈرمىگەنلىكىنى، ئەمما بايدېن ھۆكۈمىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا كىشىلىك ھوقۇققا دەخلى-تەرۇز قىلغان ۋە جىنايەت ئۆتكۈزگەنلەرنىڭ جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتە قىلىش ئۈچۈن كونكرېت ئۇسۇل قوللانغانلىقىنى بىلدۈرگەن ۋە ماگنىتىسكى قانۇنىغا ئاساسەن يولغا قويۇلغان چەكلىمىلەر، پۇل-مۇئامىلە جازاسى، ئىمپورت-ئېكسپورتنى كونترول قىلىش، سودا جەھەتتە ئاگاھلاندۇرۇش ۋە G7 يىغىنىدا دۇنيادىكى بارلىق تەمىنلەش زەنجىرىدە مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنىڭ بولماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش توغرىسىدا ۋەدە بېرىش قاتارلىق مىساللارنى كۆرسىتىپ ئۆتكەن.
ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى 14-ئىيۇل «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى»نى ماقۇللىغانىدى. بۇ قانۇن لايىھەسىدە ئىمپورت قىلغۇچى شىركەتنىڭ چوقۇم شەرقىي تۈركىستاندىن ئىمپورت قىلىنغان تاۋارلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىلمىغانلىقىنى ئىسپاتلىشى كېرەكلىكى، بولمىسا «1930-يىلىدىكى تاموژنا بېجى قانۇنى»غا ئاساسەن ئىمپورتنىڭ چەكلىنىدىغانلىقى بەلگىلەنگەن. نۆۋەتتىكى قانۇن ماددىسىدا بولسا ئەگەر ئىمپورت قىلىنغان مالنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىلىدىغانلىقىغا ئائىت مۇۋاپىق دەلىل-ئىسپات بولسىلا، ئىمپورت قىلىش مەنئى قىلىنىدىكەن.
بىلدۈرۈلۈشىچە، كېڭەش پالاتاسى ئەزاسى ماركو رۇبىيو ۋە ئاۋام پالاتاسى ئەزاسى سىمىس سەيشەنبە مەجبۇرىي ئەمگەك مەسىلىسى ھەققىدە ئوچۇق خەت يېزىپ، بايدېن ھۆكۈمىتىدىكى مەلۇم شەخسنىڭ مەزكۇر قانۇن لايىھەسى مەسىلىسىدە پارلامېنت ئەزالىرىغا تەسىر كۆرسىتىۋاتقانلىقىنى ئېيتقان.