خىتاي شەرقىي تۈركىستاننىڭ بايلىقىنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلىشتا تۆمۈريولدىن ئالاھىدە پايدىلانغان

خىتاي يېقىنقى بىر نەچچە يىلدىن بېرى شەرقىي تۈركىستاندا تېررور سىياسىتى ئىجرا قىلىش بىلەن بىرگە، شەرقىي تۈركىستاننىڭ تەبىئىي بايلىقىنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلىشنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ كەلگەن بولۇپ، ئالدىنقى بەش يىلدا شەرقىي تۈركىستاننىڭ تۆمۈريول يۈك تىرانسپورتىنىڭ ئېشىش نىسبىتى ئىزچىل ئەڭ يۇقىرى ئورۇندا تۇرغان.

خىتاي تەشۋىقات ئورگىنى تەڭرىتاغ تورىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاينىڭ ئاتالمىش «13-بەش يىل» پىلانى مەزگىلىدە، شەرقىي تۈركىستاندىكى تۆمۈريول قاتنىشى ئارقىلىق جەمئىي توشۇلغان يۈك 618 مىليون توننا بولۇپ، يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن %23.2 ئېشىپ، ئىزچىل خىتاي ئۆلكىلىرىنى بېسىپ چۈشكەن. جۈملىدىن بۇ يىل بېشىدىن ھازىرغىچە توشۇلغان يۈك 133 مىليون 500 مىڭ توننا بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %5.5 ئاشقان.

تىرانسپورت ئېھتىياجىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئېشىشى سەۋەبلىك، شەرقىي تۈركىستاندىكى تۆمۈريول تارماقلىرى بىر تەرەپتىن سودىسىنى داۋام قىلسا، يەنە بىر تەرەپتىن تۆمۈر يولنى داۋاملىق كېڭەيتىپ ياسىغان. بۇلاردىن سىرت، خىتاي دائىرىلىرى بىر قىسىم دۆلەتلەرنىڭ بېسىمى ۋە جازاسىغا قارىماي تۈرلۈك تەشۋىقات ۋە تەمىنات ۋاسىتىلىرى ئارقىلىق، خىتاي كارخانىلىرىنى شەرقىي تۈركىستانغا مەبلەغ سېلىشقا قىزىقتۇرغان بولۇپ، 2016-يىلىدىن بۇيان شەرقىي تۈركىستاندىكى 133 چوڭ تىپتىكى كارخانا بىلەن جەمئىي 547 مىليون توننا يۈك توشۇش كېلىشىمى ئىمزالانغان.

خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي دائىرىلىرى شەرقىي تۈركىستاندىكى كۆمۈر، مېتال رۇدىسى، پاختا قاتارلىقلارنى خىتايغا توشۇشقا ئالاھىدە كۈچىگەن. بۇنىڭ ئىچىدە كۆمۈر تۆمۈريول يۈك تىرانسپورتىنىڭ %50نى ئىگىلەيدىغان بولۇپ، شەرقىي تۈركىستاننىڭ كۆمۈر بايلىقى تۆمۈريول ئارقىلىق 21 خىتاي ئۆلكىسىگە توشۇلغان.

ئۇندىن باشقا شەرقىي تۈركىستاندىن ياۋروپا ۋە ئوتتۇرا ئاسىياغا قاتنايدىغان نۆۋەتچى پويىزىنىڭ سانىمۇ ئۈزلۈكسىز ئاشقان بولۇپ، يېقىنقى بەش يىل ئىچىدە نۆۋەتچى پويىزىدىن 4779ى قاتنىغان.

كۆزەتكۈچىلەر خىتاي ئاخبارات ئورگانلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى قاتناش ئۇل ئەسلىھەلىرىنىڭ زور دەرىجىدە تەرەققىي قىلغانلىقىنى كۈچەپ تەشۋىق قىلىۋاتقانلىقىنى، ئەمەلىيەتتە بۇ تۈردىكى تەرەققىياتلارنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى بايلىقلارنى تېخىمۇ كۈچەيتىلگەن دەرىجىدە بۇلاڭ-تالاش قىلىش ئۈچۈن پىلانلانغانلىقىنى، خىتاينىڭ يۇقىرىقى خەۋىرىنىڭ بۇ نۇقتىنى ئىسپاتلاپ بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.

بۇ خەۋەر 687 قېتىم كۆرۈلدى
29/09/2021 12:01:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق