پاكىستان بىلەن تالىبان خىتاي-پاكىستان ئىقتىسادىي كارىدورىغا قاتنىشىش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلدى

پاكىستاننىڭ ئافغانىستاندا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى مەنسۇر ئەھمەد خاننىڭ دۈشەنبە رويتېرس ئاگېنتلىقىغا بىلدۈرۈشىچە، پاكىستان تالىبانلار بىلەن ئافغانىستاننىڭ خىتاي-پاكىستان ئىقتىسادىي كارىدورى (CPEC) ئۇل ئەسلىھە تۈرىگە قاتنىشىش مەسىلىسى ھەققىدە سۆھبەتلەشكەن.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، مەنسۇر ئەھمەد خان مۇخبىرغا: «رايوندىكى مۇناسىۋەتلەرنى راۋانلاشتۇرۇش بىزنىڭ ئافغانىستان رەھبەرلىرى بىلەن بولغان مۇزاكىرىمىزنىڭ مۇھىم بىر قىسىمى، شۇنداقلا بىزنىڭ ئافغانىستان بىلەن بولغان ئىقتىسادىي ئالاقىمىزنى ھەرىكەتلەندۈرىدىغان يول» دېگەن.

مەنسۇر سۆزىدە يەنە خىتاي-پاكىستان ئىقتىسادىي كارىدورىنىڭ بۇ مۇھىم تۈرىنىڭ ئافغانىستان بىلەن پاكىستان ئارىسىدىكى ئۇل ئەسلىھە ۋە ئېنېرگىيە ئۇلىنىشى، جەنۇبىي ئاسىيا بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ ئالاقىسى ئۈچۈن ياخشى پۇرسەت ھەم يوشۇرۇن كۈچ بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقىنى، تالىبان رەھبەرلىكىدىكى ھۆكۈمەت بىلەن ئافغانىستان ئىقتىسادىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ باشقا ئۇسۇللىرىنى مۇزاكىرە قىلغانلىقىنى ئېيتقان.

مەنسۇر مۇخبىرغا يەنە پاكىستاننىڭ خەلقئارا جەمئىيەت بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىپ، بانكا سىستېمىسىدىكى خەلقئارالىق چەكلىمىلەرنى بوشىتىشنى ئويلىشىۋاتقانلىقىنى، پاكىستاننىڭ ئافغانىستاندىكى پۇل-مۇئامىلە ئورگانلىرىنىڭ بىر قانچە باشقۇرغۇچىسىنىڭ يېقىندا كابۇلنى زىيارەت قىلىپ، خەلقئارا چەكلىمىلەر توختىغاندىن كېيىن يەرلىك ۋەزىيەتنىڭ ياخشىلىنىش-ياخشىلانماسلىقى ھەققىدە ئەھۋال ئىگىلىگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

نۆۋەتتە ئامېرىكا ۋە باشقا غەرب دۆلەتلىرى تالىبانلار كىشىلىك ھوقۇقنى، بولۇپمۇ ئاياللارنىڭ ھوقۇقىنى قوغداشقا ۋەدە بەرگەنگە قەدەر تالىباننى مەبلەغ بىلەن تەمىنلەشنى خالىمايدىغانلىقىنى ئىپادىلىگەن. ئافغانىستاننىڭ قوشنىسى بولغان پاكىستان نەچچە ئون يىلدىن بۇيان مىليونلىغان ئافغانىستانلىق مۇساپىرنى كۈتۈۋالغان بولۇپ، ئافغانىستاندا ئىقتىسادىي كىرىزىس كۆرۈلۈشىنى خالىمايدىكەن. پاكىستان باش مىنىستىرى ۋە باشقا ئەمەلدارلار خەلقئارا جەمئىيەتنى تالىبان ھاكىمىيىتىنى يېتىم قالدۇرماسلىققا چاقىرغان ھەمدە ئافغانىستاننىڭ ئىقتىسادىنىڭ يىمىرىلىشى ۋە مۇساپىرلار ئېقىمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ياردەم بېرىش كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

مەنسۇر تالىبان ھۆكۈمىتىنى ئېتىراپ قىلىش مەسىلىسىدە: «پاكىستان خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ بىر قىسىمى، تالىباننى رەسمىي ئېتىراپ قىلىش مەسىلىسى كېيىن مۇزاكىرە قىلىنىدۇ» دېگەن.

بۇ خەۋەر 723 قېتىم كۆرۈلدى
29/09/2021 09:52:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق