خىتاينىڭ ئۇيغۇر بايلىرىنىڭ مال-مۈلكىنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلغانلىقى ھەققىدىكى ئىسپاتلار ئاشكارىلاندى

خىتاي رېجىمىنىڭ 2019-يىلدىن باشلاپ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر سودىگەرلىرىنىڭ غايەت زور سوممىدىكى مال-مۈلكىنى سودا تور بېكەتلىرىدە ئاشكارا ھالدا كىمئارتۇق قىلىپ سېتىۋەتكەنلىكى ئاشكارىلاندى.

ئامېرىكىدا پائالىيەت قىلىۋاتقان ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى ئالدىنقى ھەپتە بۇ توغرۇلۇق دوكلات ئېلان قىلغان بولۇپ، ۋال كوچىسى گېزىتى سوت ھۆججەتلىرى ۋە شىركەت خاتىرىسى ۋە ئالاقىدار تەكشۈرۈشلەر ئارقىلىق، دوكلاتتا كۆرسىتىلگەن ئىسپاتلارنى دەلىللەپ چىققان.

دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي شەرقىي تۈركىستاندا باستۇرۇش سىياسىتى يۈرگۈزۈپ، ئۇيغۇر قاتارلىق مىللەتلەرنى كەڭ كۆلەمدە تۇتقۇن قىلغان. بۇ جەرياندا مۇناسىۋەتلىك خىتاي ئورگانلىرى ھەرخىل تۆھمەتلەر بىلەن تۈرمە ياكى جازا لاگېرىغا سولانغان ئۇيغۇر سودىگەرلەرنىڭ نەچچە ئون مىليون دوللار قىممىتىدىكى مال-مۈلكىنى مۇسادىرە قىلىش ۋاسىتىسى بىلەن بۇلاڭ-تالاڭ قىلغان ۋە بۇ مال-مۈلۈكلەرنى كىمئارتۇق سودىسى ئارقىلىق سېتىۋەتكەن.

ئاشكارىلىنىشىچە، 2019-يىلدىن باشلاپ، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى سوت مەھكىمىسى خىتايدىكى سودا تور بېكەتلىرىدە كەم دېگەندە 21 ئۇيغۇر باينىڭ ئىگىدارچىلىقىدىكى ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى، ئۆي-مۈلۈك ۋە شىركەت پېيىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 150 دىن ئارتۇق مۈلۈكنى كىمئارتۇق قىلىپ ساتقان بولۇپ، ئومۇمىي قىممىتى 84 مىليون 800 مىڭ دوللارغا يېتىدىكەن.

دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، مەزكۇر ئۇيغۇر بايلىرى ياكى ئۇلارنىڭ ئائىلە ئەزالىرى خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن «دىنىي ئەسەبىي» ياكى «قانۇنسىز پائالىيەت بىلەن شۇغۇللاندى» دېگەندەك باھانىلەر بىلەن ئەيىبلىنىپ، تۇتقۇن قىلىنغان.

خىتاي رېجىمى شەرقىي تۈركىستاندا ئومۇميۈزلۈك تېررور سىياسىتى ئىجرا قىلىش داۋامىدا مۇتلەق كۆپ قىسىم دىنىي زاتلارنى، زىيالىيلارنى تۈرمىگە تاشلاپلا قالماي، يەنە تۈرلۈك تۆھمەتلەر بىلەن زور تۈركۈمدە بايلارنى تۇتقۇن قىلىپ، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى ئىقتىسادىي جەھەتتىن پۈتۈنلەي ۋەيران قىلىشقا ئۇرۇنۇپ كەلمەكتە.

نۆۋەتتە ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى» دائىرىلىرى مۇخبىرلارنىڭ بۇ ھەقتىكى سوئالىغا جاۋاب قايتۇرمىغان.

بۇ خەۋەر 881 قېتىم كۆرۈلدى
28/09/2021 16:10:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق