خىتاي شەرقىي تۈركىستانغا ئالاقىدار يەنە بىر «ئاق تاشلىق كىتاب» ئېلان قىلدى

خىتاي شەرقىي تۈركىستاندىكى مىللەتلەرنىڭ نوپۇسى ۋە يېقىنقى ئەھۋالى ھەققىدە ئاتالمىش «شىنجاڭنىڭ نوپۇس تەرەققىياتى» ماۋزۇلۇق ئاق تاشلىق كىتاب ئېلان قىلىپ، يەنە بىر قېتىم خەلقئارا جەمئىيەتنى ئالداشقا ئۇرۇندى.

خىتاي خەلق تورىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي ئاخبارات ئىشخانىسى 27-سېنتەبىر ئاتالمىش «شىنجاڭدىكى نوپۇس تەرەققىياتى» ماۋزۇلۇق ئاق تاشلىق كىتاب ئېلان قىلغان. خىتاي يېقىنقى يىللاردا ئىچىدە شەرقىي تۈركىستانغا ئالاقىدار بىر نەچچە «ئاق تاشلىق كىتاب» ئېلان قىلغان بولۇپ، بۇ قېتىملىقى ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى يىغىنى ئېچىلىۋاتقان مەزگىلگە توغرا كەلگەن.

خىتاي بۇ قېتىم ئېلان قىلغان ئاق تاشلىق كىتابتا شەرقىي تۈركىستان نوپۇسىنىڭ ئۆتمۈشى، تەرەققىياتى، نۆۋەتتىكى ئەھۋالى ۋە كەلگۈسى يۈزلىنىشى قاتارلىق نۇقتىلار بويىچە توختالغاندىن سىرت، خىتاينىڭ نوپۇس يوقىتىش جىنايىتى ھەققىدىكى ئەيىبلەشلەرگە قارشى ئايرىم باب ئاجراتقان.

مەزكۇر ئاق تاشلىق كىتابتا بۇرۇنقىدەكلا «شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ بارلىق قانۇنىي ھوقۇقلىرىنىڭ كاپالەتكە ئىگە ئىكەنلىكى، نوپۇسنىڭ ئۈزلۈكسىز ئېشىۋاتقانلىقى، تۇرمۇش سەۋىيەسىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلۈۋاتقانلىقى، خەلقنىڭ بەختلىك ياشاۋاتقانلىقى»غا ئوخشاش قېلىپلاشقان يالغان سۆز-ئىبارىلەر بىلەن تولغان.

خىتاي ئاق تاشلىق كىتابتا شەرقىي تۈركىستاندىكى نوپۇس يوقىتىش، مەجبۇرىي تۇغۇت چەكلەش جىنايىتىنى ئىنكار قىلىشقا ئالاھىدە كۈچىگەن بولۇپ، كۆپلىگەن سانلىق مەلۇماتلارنى كۆرسىتىپ ئۆتكەن. ئەمما كىشىنىڭ دىققىتىنى تارتىدىغىنى شۇكى، ئاق تاشلىق كىتابتا شەرقىي تۈركىستاندىكى تۇغۇلۇش نىسبىتى ۋە تەبىئىي كۆپىيىش نىسبىتى ھەققىدە ھېچقانداق سانلىق مەلۇمات بېرىلمىگەن.

ھالبۇكى، ئاۋسترالىيە ئىستراتېگىيەلىك سىياسەت تەتقىقات مەركىزى (ASPI) بۇ يىل ماي ئېيىدا يېڭى دوكلات ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ نوپۇس چەكلەش سىياسىتى سەۋەبلىك، شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ تۇغۇلۇش نىسبىتىنىڭ يېقىنقى بىر نەچچە يىل ئىچىدە شىددەت بىلەن تۆۋەنلىگەنلىكىنى ئاشكارىلىغانىدى ۋە مۇتەخەسسىسلەر 70 نەچچە يىلدىن بۇيان، مەلۇم رايوننىڭ تۇغۇلۇش نىسبىتىدە بۇنداق مىسلى كۆرۈلمىگەن دەرىجىدە تۆۋەنلەش ئەھۋالى كۆرۈلمىگەنلىكىنى، بۇنىڭ سۇرىيەدىكى ئىچكى ئۇرۇش، رىۋاندا ۋە كامبودژا ئىرقىي قىرغىنچىلىقى مەزگىلىدىكى نوپۇس تۆۋەنلەشتىنمۇ ئېشىپ كەتكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغانىدى.

خىتاي ئاق تاشلىق كىتابتا يەنە ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسنىڭ 70 يىل بۇرۇنقىغا سېلىشتۇرغاندا زور دەرىجىدە كۆپەيگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان بولسىمۇ، ئەمما خىتاي ئاققۇنلىرى ئىگىلىگەن نىسبەتنىڭ ھەسسىلەپ ئېشىپ، شەرقىي تۈركىستان نوپۇسىنىڭ يېرىمىنى ئىگىلىگەنلىكىدەك رېئاللىقنى تىلغا ئېلىشتىن ئۆزىنى قاچۇرغان.

ئاق تاشلىق كىتابتا يەنە خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش، بالىلارنى ئائىلىسىدىن ئايرىۋېتىپ بالىلار لاگېرىغا قاماش، مەجبۇرىي تۇغماس قىلىۋېتىش، مىللىي مەدەنىيەتنى يوقىتىش قاتارلىق جىنايەتلىرىنى پۈتۈنلەي ئىنكار قىلغان.

خىتاي رېجىمى بۇ قېتىممۇ يالغان سانلىق مەلۇماتلار ئارقىلىق كۆز بوياشقا ئۇرۇنغان بولۇپ،  بۇندىن ئىلگىرى مۇتەخەسسىسلەر خىتاينىڭ سانلىق مەلۇماتلارنى بۇرمىلاپ چۈشەندۈرۈش، يوشۇرۇش ئارقىلىق كۆز بويامچىلىق قىلىشقا ئۇرۇنغانلىقىنى كۆپ قېتىم تەنقىد قىلغانىدى.

كۆزەتكۈچىلەر خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان تېررور سىياسىتى سەۋەبلىك خەلقئارا جەمئىيەتتە قاتتىق بېسىمغا دۇچ كەلگەنلىكىنى، يېقىندىن بېرى ساختا تەشۋىقاتىنى تېخىمۇ كۈچەيتىپ، جىنايەتلىرىنى يوشۇرۇشقا، ئىنكار قىلىشقا ئۇرۇنغانلىقىنى، بۇ ئاق تاشلىق كىتاب ئارقىلىق خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كۆزىنى بوياش مەقسىتىگە يېتەلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

بۇ خەۋەر 705 قېتىم كۆرۈلدى
28/09/2021 15:41:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق