خىتاي كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدىكى تەنقىدلەرگە نومۇسسىزلارچە ئىنكاس بىلدۈردى

خىتاي بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىدە ئامېرىكا ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ خىتاي ھەققىدىكى تەنقىدلىرىگە قارىتا دىپلوماتىك ساھەدە ئاز كۆرۈلىدىغان تەرىقىدە نومۇسسىزلارچە جاۋاب بېرىپ، خەلقئارالىق ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان.

گېرمانىيە ئاۋازىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاينىڭ جەنۋەدىكى باش ئەلچىخانىسىنىڭ ۋەكىلى چېن شۈ 27-سېنتەبىر ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىدە سۆز قىلىپ، كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە خىتاينى تەنقىد قىلغۇچىلارنى «تېررورچى»، ئامېرىكىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت سادىر قىلغۇچى» دەپ ئاتىغان.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى 13-سېنتەبىردىن 8-ئۆكتەبىرگىچە كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ 48-قېتىملىق قەرەللىك يىغىنىنى ئۆتكۈزگەن بولۇپ، ئامېرىكا ۋە باشقا دۆلەتلەر ۋەكىللىرى شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇش مەسىلىسىدە خىتاينى ئەيىبلىگەن ھەمدە خىتاينىڭ خوڭكوڭدىكى دېموكراتىك نامايىشنى باستۇرغانلىقىنى تەنقىد قىلغان. ئەمما خىتاي بارلىق جىنايى قىلمىشلىرىغا تېنىپ، رېئاللىقنىڭ پۈتۈنلەي ئەكسىچە ئىكەنلىكىنى، شەرقىي تۈركىستاندىكى ۋە خوڭكوڭدىكى خەلقنىڭ بىخەتەر، بەختلىك ياشاۋاتقانلىقىنى دەۋا قىلغان.

چېن شۈ سۆزىدە يەنە ئامېرىكىنىڭ خىتايغا قاراتقان تەنقىدىنى «نومۇسسىزلىق» دەپ ئاتاپ: «ئامېرىكا سادىر قىلغان ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلەرنى ساناپ تۈگەتكىلى بولمايدۇ... ئامېرىكىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ھەققىدە سۆز قىلىش سالاھىيىتى يوق» دەپ بىلجىرلىغان. ئۇ يەنە كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىگە قاتناشقان، خىتايغا قارشى مەيداندىكى ھۆكۈمەتسىز تەشكىلاتلارنىڭ ۋەكىللىرىنى «زوراۋان تېررورچى»، «بۆلگۈنچى» دەپ ئاتىغان.

خىتاي ۋەكىلى چېن شۈ يىغىندا ۋېنېزۇئېلا ۋە بېلارۇسىيەنىڭ تەرىپىنى ئېلىپ، ئاتالمىش «كىشىلىك ھوقۇقنى سىياسىي مەقسەت ئۈچۈن قوللانماسلىق»نى تەكىتلىگەن بولسىمۇ، ئارقىدىنلا رۇسىيە، كۇبا، سىرىلانكا، ئىران، تاجىكىستان، ئېفىيوپىيە، زىمبابۋې قاتارلىقلار خىتاي بىلەن ئوخشاش كۆز قاراشتىكى 20 دۆلەت بىلەن بىرلىكتە ئورتاق سىياسىي چاقىرىق قىلغان.

بۇ خەۋەر 1225 قېتىم كۆرۈلدى
28/09/2021 14:32:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق