ئاۋسترالىيەنىڭ سابىق باش مىنىستىرى كېۋىن رۇد ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى خەۋپى مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى، تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ ئامېرىكا-خىتاي توقۇنۇشىدىكى ئاساسلىق نۇقتا ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
گېرمانىيە ئاۋازىنىڭ 27-سېنتەبىردىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئاۋسترالىيەنىڭ سابىق باش مىنىستىرى كېۋىن رۇد يېقىندا گېرمانىيە تاراتقۇلىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئاۋسترالىيە-خىتاي مۇناسىۋىتى، ئامېرىكا-خىتاي سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى، ھىندى-تىنچ ئوكيان ۋە تەيۋەن بوغۇزىنىڭ بىخەتەرلىك ۋەزىيىتى قاتارلىق مەسىلىلەرگە بولغان كۆز قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
2007- ۋە 2013-يىللىرى ئىككى قېتىم ئاۋسترالىيەنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بولغان كېۋىن رۇدنىڭ قارىشىچە، ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا يېڭى سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشىنىڭ يۈز بېرىشى مۇمكىن بولۇپلا قالماي، يەنە ئېھتىماللىقى يۇقىرى ئىكەن. ئامېرىكا ئۈچۈن ئېيتقاندا، خىتاي نۆۋەتتە سوۋېت ئىتتىپاقىغا قارىغاندا تېخىمۇ خەتەرلىك رەقىب ئىكەن.
ئۇنىڭ بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي ئىستراتېگىيەلىك قوراللار سەۋىيەسىدە يادرو قايتۇرما زەربە بېرىش ئىقتىدارىغا ئىگە بولغاندىن سىرت، بۈگۈنكى ئاسىيادىكى ئامېرىكا بىلەن خىتاينىڭ ھەربىي، ئىقتىسادىي ۋە تېخنىكا ساھەلىرىدىكى تىركىشىشى ئىلگىرىكى سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى مەزگىلىگە قارىغاندا مۇرەككەپ ئىكەن.
بىلدۈرۈلۈشىچە، يېڭى ھىندى-تىنچ ئوكيان بىخەتەرلىك ئىتتىپاقى (AUKUS) رامكىسى ئاستىدا ئەنگلىيە بىلەن ئامېرىكا ئاۋسترالىيەنىڭ يادرو ئېنېرگىيەلىك سۇ ئاستى پاراخوتى قۇرۇشىغا ياردەم بېرىش پىلانى خەلقئارانىڭ دىققىتىنى قوزغىغان. سابىق باش مىنىستىر كېۋىن رۇد بۇ تۈرگە بولغان گۇمان بىلەن قارايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ: «بۇ قارارنىڭ ئىستراتېگىيەلىك مەنتىقىسىگە تازا قانائەت ھاسىل قىلالمىدىم» دېگەن. ئۇنىڭ كۆرسىتىشىچە، ئاۋسترالىيەنىڭ ئۆزىنىڭ پۇقراۋى يادرو سانائىتى يوق ئىكەن. ئەگەر يېڭى سۇ ئاستى پاراخوتىنى ئامېرىكا قوغداشقا ئېھتىياجلىق بولسا، ئۇنداقتا بۇ سۇ ئاستى پاراخوتىنىڭ شەكىللىنىشى ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ ھەرىكەت قىسمىغا ئايلىنىشى كېرەك ئىكەن.
يېقىنقى مەزگىللەردە ياۋروپا دۆلەتلىرى ھىندى-تىنچ ئوكيان رايونىدىكى مەۋجۇتلۇقىنى كۈچەيتىشكە باشلىغان بولۇپ، ئەنگلىيە ۋە فىرانسىيەدىن كېيىن، گېرمانىيەمۇ بۇ رايونغا ئۇرۇش پاراخوتى ئەۋەتكەن. كېۋىن رۇدنىڭ قارىشىچە، غەرب دۆلەتلىرى خىتاينىڭ قەد كۆتۈرۈشى ئېلىپ كەلگەن خىرىسلارغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، ئورتاق ھەربىي، دىپلوماتىك ۋە ئىقتىسادىي ئىستراتېگىيەنى تەرەققىي قىلدۇرۇشى كېرەك ئىكەن.
كېۋىن رۇد يەنە ئۈنۈملۈك قاراۋۇل مېخانىزمى ئورنىتىپ، ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋىتىنىڭ كونتروللۇقىنى يوقىتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئۆزئارا قوبۇل قىلىشقا بولىدىغان ئىستراتېگىيەلىك رامكىنى بېكىتىپ، كىرىزىس، توقۇنۇش، ھەتتا ئۇرۇش پارتلاشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن.