خىتاي يالغان گۇۋاھلىق ئارقىلىق ب د ت دا كۆز بوياشقا ئۇرۇندى

خىتاي ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ 48-نۆۋەتلىك يىغىنىغا ئاتالمىش «شىنجاڭ ۋەكىللىرى»نى پىلانلىق تەشكىللەپ، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى سۈرگۈن قىلىش قاتارلىق مەسىلىلەردە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كۆزىنى بوياشقا ئۇرۇنغان.

خىتاي ئالدىنقى ھەپتە ئۆتكۈزۈلگەن ب د ت نىڭ 48-نۆۋەتلىك كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى يىغىنىغا شەرقىي تۈركىستاننىڭ قىزىلسۇ ئوبلاستىدىن تاللانغان تاجىك ئايال كېرمان بىلەن ئاقسۇدىن كەلگەن تۇرسۇن ئىسىملىك بىر ئۇيغۇر ئىشچىنى ئاتالمىش «ۋەكىل» سۈپىتىدە يالغان گۇۋاھلىق بېرىشكە ئورۇنلاشتۇرغان.

ب د ت يىغىنىدا مەزكۇر ئاتالمىش «ۋەكىللەر»: «مۇھىت شۇنچە ناچار ئورۇنلاردا ھۆكۈمەت ياردەم  قىلىپ يورۇق ئۆيلەرگە كۆچۈردى. ھەر خىل پاراۋانلىقلار بىلەن تەمىنلىدى، دىنىي ئېتىقادىمىزغا كاپالەتلىك قىلىندى...» دەپ يالغان گۇۋاھلىق بەرگەن.

خىتاي رېجىمى يېقىنقى بىر نەچچە يىلدىن بېرى ئۇيغۇرلارنى كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىپ، مىليونلىغان ئۇيغۇر، قازاق ۋە باشقا يەرلىك خەلقنى جازا لاگېرىغا قامىغاندىن كېيىن، لاگېر سىرتىدىكى خەلقنى ئاتالمىش «يېزا ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش»، «نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش» نامىدا خىتاي ئۆلكىلىرىگە ياكى شەرقىي تۈركىستاننىڭ باشقا رايونلىرىغا سۈرگۈن قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلمەكتە.

كۆزەتكۈچىلەر خىتاي رېجىمىنىڭ خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ قاتتىق نارازىلىقىغا قارىماي شەرقىي تۈركىستاندا تېررور سىياسەتلىرىنى ئىزچىل ئىجرا قىلىۋاتقانلىقىنى، ئۆزىنىڭ جىنايى قىلمىشلىرىنى  يوشۇرۇش مەقسىتىدە، خەلقئارالىق يىغىنلارنىمۇ يالغان تەشۋىقات ئورنى سۈپىتىدە قوللىنىپ، يالغان گۇۋاھلىق بېرىش ھەرىكىتىنى كۈچەيتكەنلىكىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

بۇ خەۋەر 835 قېتىم كۆرۈلدى
27/09/2021 15:58:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق