كانادادا ئۇيغۇر مەسچىتىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى

26-سېنتەبىر كانادانىڭ تورونتو شەھىرىدىكى ئۇيغۇرلار جەم بولۇپ، ئۇزۇندىن بېرى كۈتۈۋاتقان ئۇيغۇر مەسچىتىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىنى ئۆتكۈزدى.

مۇراسىمدا شەرقىي تۈركىستان دۆلەت شېئىرى ئوقۇلۇپ، مەسچىت قورۇسىدا شەرقىي تۈركىستان بايرىقى چىقىرىلغان بولۇپ، كىچىك قارىيلار قۇرئان كەرىم تىلاۋەت قىلغاندىن سىرت، يەنە ئۇيغۇر بالىلار شېئىر دېكلاماتسىيە قىلغان. مۇراسىمدا مەسچىتكە «ئۇيغۇر ئىسلام ۋە مەدەنىيەت مەركىزى» دەپ نام بېرىلگەن. كانادادا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار، پائالىيەتچىلەر، تەشكىلات ۋەكىللىرىدىن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى قاتارلىقلار ئېچىلىش مۇراسىمىغا ئىشتىراك قىلغان.

شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ كانادادىكى ۋەكىلى، مەزكۇر مەسچىتنىڭ ئىمامى ئىبراھىم داموللام بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، كانادادا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار ئۇچۇن بىر يەرگە جەم بولىدىغان مەسچىتنىڭ بولماسلىقىدىن ئىبارەت مۇھىم مەسىلىنى ھەل قىلىش مەقسىتىدە، 2018-يىلى رامىزان ئېيىنىڭ 17-كۈنى بەش كىشىلىك بىر ھەيئەت تەشكىللەنگەن. ئارقىدىن ھەيئەتتىكى ئابدۇسالام ئەپەندى، شەۋكەت ئىمام ئەپەندىلەرنىڭ كېڭەيتىشى بىلەن 18 كىشىلىك يېڭى بىر ھەيئەت قۇرۇلغان. ھەيئەتنىڭ كانادادىكى، شۇنداقلا دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇرلارغا چاقىرىق قىلىشى نەتىجىسىدە، مەسچىت سېتىۋېلىشقا سەرپ قىلىنىدىغان 610 مىڭ كانادا دوللىرى (4 مىليون 300 مىڭ لىرا) ئاخىرى ھەل بولغان.

ئىبراھىم داموللام بـۇ جەرياندا بـاشـتىن-ئاخىرى ھـارمـاي-تـالماي خـىزمـەت قىلغان پـۈتـۈن سـەپـداشـلىرىـغا، كـانـادادىـكى بارلىق ئۇيغۇرلارغا، شۇنداقلا مـاددىي ۋە مـەنـىۋى يـاردەمـدە بـولـغان شەرقىي تۈركىستان ئۇيغۇر كانادا جەمئىيىتى، خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى، شـەرقـىي تـۈركىسـتان ئۆلىمالار بىرلىكى، دۇنـيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى، ئـاۋسـترالـىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى، شـۇنـداقـلا ئىسمى تىلغا ئېلىنماي قالغان بارلىق تــەشـكىلات ۋە شەخسلەرگە ئالاھىدە مىننەتدارلىقىنى بىلدۈرىدىغانلىقىنى، ئۇلارغا ئاللاھتىن كاتتا ئەجىر تىلەيدىغانلىقىنى، مەزكۇر مەسچىتنىڭ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ھۆرلۈكى ۋە مۇستەقىللىقىغا ۋەسىلە بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ سۆزىدە يەنە بۇ مەسچىتنىڭ ھــېچقانداق تــەشـكىلات يـاكـى شـەخـسنىڭ مـۈلـكى ئـەمـەسلىكىنى، مـۇھـاجـىرەتـتىكى، خــۇســۇسـەن كـانـادادىـكى ئــۇيــغۇرلارنىڭ ئورتاق مــۈلــكى ئىكەنلىكىنى، شـۇ غايە-مەقسەت تۈرتكىسىدە سـېتىۋېـلىنغانلىقىنى تەكىتلىدى.

مەلۇم بولۇشىچە، «كارمېل تېغى» (Mount Carmel) دەپ ئاتىلىپ كەلگەن، ئۇيغۇر مەسچىتىگە ئۆزگەرتىلگەن مەزكۇر چېركاۋ 1873-يىلى سېلىنغان بولۇپ، 148 يىللىق تارىخقا ئىگە ئىكەن. چېركاۋنىڭ سابىق پوپى بۇ ھەقتە توختىلىپ، چېركاۋنىڭ سېتىۋېتىلگەندىن كېيىنمۇ (باشقا دىننىڭ بولسىمۇ) يەنىلا بىر ئىبادەت ئورنى قىلىپ ئىشلىتىلگەنلىكىدىن ئىنتايىن خۇرسەن بولغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر مەسچىتى بۇ يىل رامىزان ئېيىدىن بۇرۇن ئىبادەت ۋە پائالىيەتكە ئېچىۋېتىلىدىكەن. مەسچىت كانادادىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىبادەت ۋە پائالىيەت مەركىزى قىلىنغاندىن سىرت، يەنە ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىگە قۇرئان كەرىم ئۆگىتىش، ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ۋە ئۆرپ-ئادىتى جەھەتتىن تەربىيەلەش ئورنى سۈپىتىدە ئىشلىتىلىدىكەن.

ئۇيغۇر مەسچىتىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلۈشى بىلەن، «كانادادىكى بىر چېركاۋنىڭ ئۇيغۇر مەسچىتىگە ئۆزگەرتىلگەنلىكى»دىن ئىبارەت بۇ خەۋەر ئەلجەزىرە، ت ر ت ئاۋاز، ئانادولۇ ئاگېنتلىقى، تۈركىيەنىڭ دىيانەت (دىنىي ئىشلار نازارىتى) قانىلى قاتارلىق نوپۇزلۇق ئاخبارات ئورگانلىرى تەرىپىدىن ئالاھىدە خەۋەر قىلىندى.

دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارمۇ ئىجتىمائىي تاراتقۇلار ئارقىلىق ئۇيغۇر مەسچىتىنىڭ ئېچىلغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلەشتى، شۇنداقلا مەزكۇر مەسچىتنىڭ ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز ئېتىقادىغا، مىللىي مەدەنىيىتىگە بولغان سۆيگۈسىنى، پىداكارلىقىنى، شۇنداقلا تارىختىن بېرى داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن جامائەتچىلىك روھىنى نامايان قىلغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى.

بۇ خەۋەر 1294 قېتىم كۆرۈلدى
27/09/2021 15:38:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق