گېرمانىيەمۇ خىتاي يانفونلىرىغا قارىتا تەكشۈرۈشنى باشلىدى

گېرمانىيە فېدېراتىپ ئۇچۇر بىخەتەرلىك ئىشخانىسى (BSI) شياۋمى قاتارلىق خىتاي يانفونلىرىدىكى بىخەتەرلىك يوچۇقىغا ئالاقىدار ئەيىبلەشلەرگە قارىتا تەكشۈرۈش خىزمىتىنى باشلىغانلىقىنى ئاشكارىلىغان.

گېرمانىيە ئاۋازىنىڭ 25-سېنتەبىردىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، لىتۋانىيە دۆلەت بىخەتەرلىك مىنىستىرلىكى شياۋمى يانفونىنىڭ يوشۇرۇن تەكشۈرۈش ئىقتىدارى بارلىقىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن، گېرمانىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىكى قارمىقىدىكى فېدېراتسىيە ئۇچۇر بىخەتەرلىك ئىشخانىسىمۇ ئالاقىدار بىخەتەرلىك ئاگاھلاندۇرۇشى ئۈستىدە تەكشۈرۈشنى باشلىغان.

ئالدىنقى ھەپتە لىتۋانىيە ھۆكۈمىتى شياۋمى شىركىتىنىڭ ياۋروپادا ساتقان يانفونلىرىنىڭ «شىزاڭغا ئەركىنلىك»، «تەيۋەن مۇستەقىللىقى ياشىسۇن»، «دېموكراتىيە ھەرىكىتى» قاتارلىق ئاچقۇچلۇق سۆزلەرنى پەرقلەندۈرەلەيدىغانلىقىنى ۋە مۇناسىۋەتلىك مەزمۇنلارنى توسالايدىغانلىقىنى ئاشكارىلىغانىدى. ئۇندىن باشقا خۇاۋېي يانفونلىرىدىمۇ بۇنىڭغا ئوخشاش بىخەتەرلىك يوچۇقلىرى مەۋجۇت ئىكەن.

گېرمانىيە فېدېراتىپ ئۇچۇر بىخەتەرلىك ئىشخانىسى باياناتچىسىنىڭ كۆرسىتىشىچە، ھۆكۈمەت ئورگانلىرىنىڭ رەسمىي يانفون سېتىۋېلىش تىزىملىكىدە شياۋمى ياكى باشقا خىتاي ماركىلىرى يوق ئىكەن. ئەمما دۆلەت مەمۇرلىرىنىڭ شەخسىي سېتىۋالغان شياۋمى يانفونىنى مەمۇرىي خىزمەتلىرىنى بىر تەرەپ قىلىشقا ئىشلىتىشى مۇمكىنلىكىنى نەزەردىن ساقىت قىلىشقا بولمايدىكەن.

فىنلاندىيە ئۇچۇر بىخەتەرلىك شىركىتى «F-Secure»نىڭ گېرمانىيەدىكى بىخەتەرلىك مۇتەخەسسىسى رۇدىگېر تىروست(Rüdiger Trost)لىتۋانىيە ھۆكۈمىتى ئوتتۇرىغا قويغان ئەيىبلەشلەرگە ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىش كېرەكلىكىنى تەكىتلەپ: «مېنىڭچە خىتاينىڭ ئۆز ئەقلىي ئىقتىدارلىق تېلېفونلىرىدىكى سانلىق مەلۇماتلارنى بىۋاسىتە كونترول قىلىش ئىقتىدارى بولۇشى مۇمكىن. مەن خىتاينىڭ تېخنىكىلىق ۋاسىتىلىرى ئارقىلىق ئۇچۇرلارنى تەكشۈرىدىغانلىقىدىن ھېچقانداق گۇمان قىلمايمەن» دېگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، يەنە بىر ئۇچۇر بىخەتەرلىك شىركىتى «Eset»نىڭ باياناتچىسى تورستېن ئۇربانسكىمۇ(Thorsten Urbanski)خىتاينىڭ بارلىق ئەقلىي تېلېفونلىرىدا ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش ئۈسكۈنىسىنى ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرۇش بەرگەن. ئۇنىڭ قارىشىچە، ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفوندىكى يىراقتىن كونترول قىلىش ئەھۋالى ئەمەلىيەتتە بىر قانچە يىل ئىلگىرىلا ناھايىتى چوڭ بىخەتەرلىك خەۋپىگە ئايلانغان بولۇپ، يىراقتىن كونترول قىلىش ئارقىلىق ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ زور مىقداردىكى سانلىق مەلۇماتلىرى ئوغرىلىنىپ كەلگەن بولۇشى مۇمكىن ئىكەن.

بۇ خەۋەر 1024 قېتىم كۆرۈلدى
27/09/2021 10:19:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق