لىتۋانىيە خىتاينىڭ ئىشەنچسىز ئۈسكۈنىلىرىنى چەكلەشنى پىلانلىدى

لىتۋانىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى مارگىرىس ئابۇكېۋىچيۇس (Margiris Abukevicius) 24-سېنتەبىر بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي ماركىسى بولغان شياۋمى شىركىتىنىڭ تېلېفونىنىڭ يوشۇرۇن تەكشۈرۈش ئىقتىدارى بارلىقى بايقالغاندىن كېيىن، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكىنىڭ دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ «ئىشەنچسىز» ئۈسكۈنىلەرنى سېتىۋېلىشىنى چەكلەيدىغان قانۇن لايىھەسى تۈزۈۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ 25-سېنتەبىردىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئالدىنقى ھەپتە لىتۋانىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكى دۆلەتلىك تور بىخەتەرلىك مەركىزى دوكلات ئېلان قىلىپ، شياۋمى شىركىتىنىڭ «Mi 10T» تىپلىق يان تېلېفونىنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى دۆلەتلىرىدە تەكشۈرۈش ئىقتىدارىنى تاقىۋەتكەنلىكىنى بىلدۈرگەنلىكىنى، ئەمما مەزكۇر تەكشۈرۈش ئىقتىدارىنى ھەر ۋاقىت يىراقتىن ئاچقىلى بولىدىغانلىقىنى ئېيتقان.

شياۋمى شىركىتىنىڭ باياناتچىسى چارشەنبە رويتېرس ئاگېنتلىقىغا بەرگەن باياناتىدا، شياۋمى ئۈسكۈنىسىنىڭ ئابۇنىتلارنىڭ ئالاقىسىنى تەكشۈرمەيدىغانلىقىنى ئېيتقان.

مارگىرىس ئابۇكېۋىچيۇس دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكىنىڭ نۆۋەتتە ھۆكۈمەت ئورگانلىرىنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفون قاتارلىق «ئىشەنچسىز» ئۈسكۈنىلەرنى سېتىۋېلىشىنى چەكلەش ئۈچۈن، قانۇن چىقىرىش ئالدىدا ئىكەنلىكىنى، بۇ قانۇن لايىھەسىنى يىل ئاخىرىدىن بۇرۇن پارلامېنتنىڭ مۇزاكىرىسىگە سۇنۇشنى ئويلىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

بۇ خەۋەر 986 قېتىم كۆرۈلدى
27/09/2021 09:39:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق