كىتاب ئوقۇشتا كىتابلارنى قاشالاش توغرا ئەمەس

كىتاب ئوقۇشتا كىتابلارنى قاشالاش توغرا ئەمەس 

مۇھەممەت يۈسۈپ، ئالماس ھاجى

 

بىزدە «بۆلۈنگەننى بۆرە يەيدۇ» دېگەن ئاتا سۆزى بولسىمۇ، لېكىن تارىختىن بېرى تۈرلۈك سەۋەبلەر بىلەن بۆلۈنۈپ، پارچىلىنىپ زىيان تارتىپ كەلدۇق. بۇ ئاچچىق ساۋاقلارنى ھازىرغىچە قوبۇل قىلمايۋاتىمىز. ھەممىدىن يامان بولغىنى بىزنىڭ ئۇقۇمۇشلۇقلىرىمىز ئۆزلىرىنى «ئۆلىما (دىنىي ئالىم)»، «زىيالىي (پەننىي ئالىم)» دەپ ئاتاپ ۋە ئاۋامنى ئۇلارنى شۇنداق ئاتاشقا كۆندۈرۈپ، ئىككى سەپ ھاسىل قىلدى. شۇ سەۋەبتىن مەكتەپلەر دىنىي مەكتەپ، پەننىي مەكتەپ دەپ ئىككىگە ئايرىلدى. دىننى ئوقۇغانلار ئىلىم-پەن ئۆگەنمەيدىغان، پەننى ئوقۇغانلار دىننى ئۆگەنمەيدىغان ھالەت شەكىللەندى (ئايرىملىرى بۇنىڭ سىرتىدا). بۇنىڭ بىلەن كىتابلارنى قاشالاپ، دىنىي كىتابلارنى ئوقۇيدىغانلار ئىلىم-پەنگە ئائىت كىتابلارنى، ھەتتا تارىخ، مەدەنىيەتكە ئائىت كىتابلارنىمۇ ئوقۇمايدىغان، پەننى ئوقۇغانلار دىنىي كىتابلارنى ئوقۇمايدىغان ھالەت شەكىللەندى (ئايرىملىرى بۇنىڭ سىرتىدا). بۇ ھال بىزنىڭ «مەدەنىيەتلىك نادان»، «ئىلىملىك قالاق» بولۇپ قىلىشىمىزغا سەۋەب بولۇپ، نۇرغۇن پاجىئەلىك قىلمىشلارنى ئوتتۇرىغا چىقاردى، تارىخىي بەختسىزلىكىمىزنىڭ ۋە بەزى مەغلۇبىيەتلىرىمىزنىڭ سەۋەبلىرىنىڭ بىرى بولۇپ كەلدى ۋە ھازىرمۇ شۇنداق بولماقتا.

شەكسىزكى، ئوقۇش، ئۆگىنىش ئىسلام دىنىنىڭ يادروسى ۋە ئەڭ ئالدىنقى چاقىرىقى. شۇڭا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ئەڭ دەسلەپ كەلگەن ۋەھيى «ئوقۇ» دېگەن ئەمىر بىلەن باشلانغان. ئاللاھ تائالا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا «ئوقۇ» دېگەندە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قولىدا ئوقۇيدىغان بىر نەرسە يوق ئىدى. بۇنىڭغا ئاساسەن دەيمىزكى، ئاللاھ تائالانىڭ «ئوقۇ» دېگەن ئەمرى دىن ۋە دۇنيالىقىڭ ئۈچۈن مەنپەئەتلىك بولغان ھەر قانداق ئىلىمنى ئوقۇغىن، ئۆگەنگىن ۋە بىلگىن دېگەنلىكتۇر.

«ياراتقان رەببىڭنىڭ ئىسمى بىلەن ئوقۇ» دېگەن بۇ ئەمىر ئىماننى غايە قىلغان ۋە ئاللاھ تائالانىڭ بارلىقىنى، بىرلىكىنى، چەكسىز قۇدرىتىنى ۋە گۈزەل سەنئەتلىرىنى بىلىپ ئىمان ئېيتىش بىلەن تاكامۇللىشىدىغان ئىلىمنى كۆرسىتىدۇ. چۈنكى ئىماندىن خالىي قالغان ۋە ئىمان بىلەن قوراللانمىغان ھەر قانداق ئىلىم بالايى ئاپەت بولۇپ، بۇنداق ئىلىم ئىنساننى زوراۋانلىققا، ئاجىزلارنى ئېزىشكە، باشقىلارنىڭ ھېسابىغا چوڭىيىشقا ۋە نۇرغۇنلىغان يولسىزلىقلارغا ئېلىپ بارىدۇ. بۇنداق ئىلىم ئۆز يولىدا ئىشلىتىلمىگەن ۋە ئۆز غايىسىدىن چەتنەپ كەتكەن ئىلىمدۇر. بىز دىنىمىز ۋە دۇنيالىقىمىز ئۈچۈن مەنپەئەتلىك بولغان بارلىق ئىلىملەرنى ئۆگەنسەك، ئاللاھ تائالانىڭ «ئوقۇ» دېگەن ئەمرىگە ئىتائەت قىلغان بولىمىز. مەلۇمكى، ئاللاھ تائالانىڭ ئىككى كىتابى بولۇپ، بىرى قۇرئان كەرىم، يەنە بىرى كائىناتتۇر.

 خۇددى ئىلگىرىكى مۇسۇلمانلار دىنىي ئىلىم بىلەن دۇنيالىق ئىلىمنى بىللە ئېلىپ بارغاندەك، ھەربىر مۇسۇلماننىڭ دىنىي ئىلىملەرنى ئۆگىنىش بىلەن دۇنيالىق ئىلىملەرنىمۇ ئۆگىنىشى تولىمۇ زۆرۈر. دۇنيالىق ئىلىملەردە مۇتەخەسسىس بولۇش دىندا ئالىم بولۇشقا زىت كەلمەيدۇ، دىنىي ئىلىم بىلەن شۇغۇللىنىش باھانىسى بىلەن دۇنيالىق ئىلىملەردىن يۈز ئۆرۈشكە بولمايدۇ. شۇنىڭدەك دۇنيالىق ئىلىملەرگىلا بېرىلىپ كېتىپ، دىنىي ئىلىملەرنى تەرك ئېتىشكە بولمايدۇ.

ئىسلامنىڭ ئالتۇن دەۋرلىرىدە ياشىغان مۇسۇلمانلار ئىسلام دىنىدا پەرز قىلىنغان ئىلىمنى ئاخىرەتلىك ئىلىم ۋە دۇنيالىق ئىلىم دەپ ئايرىمايتتى. ئۇلار ئۈچۈن ئىنسانىيەتكە، خۇسۇسەن مۇسۇلمانلارغا مەنپەئەتلىك بولغان بارلىق ئىلىملەر مۇھىم ئىدى، ھەممىسىگە كۆڭۈل بۆلەتتى. ئىسلام دۇنياسىدا ئىبنى رۇشدى، خارەزىمىي، ئىبنى ھەيسەم، فارابىي، ئىبىن سىنا قاتارلىق ئالىملارنىڭ ھەربىرى مېدىتسىنا، جۇغراپىيە، خىمىيە، ماتېماتىكا، بىيولوگىيە، ئاسترونومىيە قاتارلىق پەنلەرگە تۇنجى بولۇپ ئۇل سالغان كىشىلەر بولۇپ تارىخقا قەيت قىلىنغان ئىدى.

 ئەپسۇسكى، 16-ئەسىردىن كېيىن مۇسۇلمانلار ئەقىدە ۋە ئەخلاق جەھەتتىن چىرىكلىشىشكە باشلىۋېدى، تۈرلۈك خۇراپاتلىق، يوقسۇللۇق ۋە موھتاجلىق ئۇلارنى قورشىۋالدى، ئۇلار مەسجىدتىن يۈز ئۆرۈپ خانىقاغا يۈزلىنىدىغان، ئىبادەتنى ئاللاھ تائالاغا قىلماي، ئاتالمىش ئەۋلىيالارغا قىلىدىغان، تەپسىر، ھەدىس ئىلىملىرىنى ئوقۇشنىڭ ئورنىغا تەرىقەتچىلىك، ئىلمىي مەنتىق، ئىلمى پەلسەپە، ئايىغى چىقمايدىغان فىقھىي جېدەللەرنى ئەۋزەل كۆرگەندىن كېيىن، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ دۇنياغا سەردارلىق ۋەزىپىسىنى، ئىلىم-پەندىكى تەرەققىيات دەۋرىنى باشقىلارغا ئۆتكۈزۈپ بېرىپ، بىچارىلەرگە ئايلىنىپ قالدى.

ئۇلار تەركىدۇنيالىق تەرغىباتىنىڭ زەھىرى بىلەن ھوشسىزلىنىپ قالغاندىن كېيىن ئىلىم-پەندىكى تەرەققىيات دەۋرى باشقىلارنىڭ قولىغا ئۆتۈپ كەتتى. مۇسۇلمانلار ئىسلامنىڭ قۇرۇق جازىسىنى كۆتۈرۈۋېلىپ، تېشى پارلاق، ئىچى قۇرۇق ئۆمۈر ئۆتكۈزدى. بۇرۇن ئىبىن سىنا، فارابىيلارنى يېتىشتۈرگەن مەدرىسىلەر كېيىنچە قارا قورساقلارنى، جانباقارلارنى يېتىشتۈرۈپ چىقىشقا باشلىدى. مەدرىسىلەردە ماتېماتىكا، ئاسترونومىيە دېگەندەك ئىلىملەرنىڭ ئۆتۈلۈشى مەقسەتلىك ھالدا دەھرىيلەشكەنلىك دەپ تەشۋىق قىلىندى، ئىلىم-پەنگە يۈزلەنگەن كىشىلەرگە جەدىدىچى دەپ قالپاق كىيگۈزۈپ، ئەل-جامائەتنىڭ كۆزىگە سەت كۆرسەتتى. ھەتتا ئۇلۇغ بەگدەك ئالىملارنى ئاسترونومىيە ئىلمىگە كۆڭۈل بۆلۈپ ئۆزىگە رەسەتخانا ياساتقانلىقى ئۈچۈن، ئۇنى مۇرتەد دەپ ھۆكۈم قىلىپ، ئۆز ئوغلىنىڭ قولى بىلەن ئۆلتۈرگۈزدى. ئابدۇقادىر داموللامنى بولسا جەدىد دېگەن قالپاقنى كىيگۈزۈپ، بىر خائىننىڭ قولى بىلەن ئۆلتۈرگۈزدى.

دىن بىلەن پەن بىر-بىرىگە زىت قىلىپ كۆرسىتىلگەن مۇشۇنداق ۋەزىيەتتە دىنىي ئىلىم ۋە دۇنيالىق ئىلىم دېگەن ئايرىمچىلىق رەسمىي ئوتتۇرىغا چىقتى. ئاخىرەتلىكنى دېگەنلەر مەدرىسىگە، دۇنيالىقنى دېگەنلەر پەننىي مەكتەپكە بارىدىغان بولدى. دىندا ئوقۇغانلار ئۆلىما ئاتالدى، پەندە ئوقۇغانلار زىيالىي ئاتالدى. ئۆلىما بىلەن زىيالىي ئوتتۇرىسىغا ناھايىتى قېلىن قاشالار سوقۇلدى، ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى مۇساپە يىراقلاشتۇرۇۋېتىلدى.

قۇرئان كەرىم ئىنسانلارغا ئىلىم-پەندىن مەلۇم نۇقتىلاردا يىپ ئۇچى بېرىپ، ئۇلارنىڭ ئىزدىنىش يولىنى ئېچىپ بەرگەن بولۇپ، قۇرئان كەرىم ئايەتلىرى ئۈستىدە تەپەككۇر قىلىدىغان بولساق، قۇرئان كەرىمنىڭ كۆپلىگەن تەبىئىي پەن ئىلىملىرىدىن خەۋەر بەرگەنلىكىنى كۆرىمىز. ﴿أَلَمْ تَرَ أَنَّ اللَّهَ أَنزَلَ مِنَ السَّمَاءِ مَاءً فَأَخْرَجْنَا بِهِ ثَمَرَاتٍ مُّخْتَلِفًا أَلْوَانُهَا ۚ وَمِنَ الْجِبَالِ جُدَدٌ بِيضٌ وَحُمْرٌ مُّخْتَلِفٌ أَلْوَانُهَا وَغَرَابِيبُ سُودٌ. وَمِنَ النَّاسِ وَالدَّوَابِّ وَالْأَنْعَامِ مُخْتَلِفٌ أَلْوَانُهُ كَذَٰلِكَ ۗ إِنَّمَا يَخْشَى اللَّهَ مِنْ عِبَادِهِ الْعُلَمَاءُ ۗ إِنَّ اللَّهَ عَزِيزٌ غَفُورٌ﴾ «كۆرمەمسەنكى، ئاللاھ ھەقىقەتەن بۇلۇتتىن يامغۇر ياغدۇردى. ئۇنىڭ بىلەن تۈرلۈك، رەڭگارەڭ مېۋىلەرنى چىقاردۇق. تاغلاردىن ئاق، قىزىل، ھەر خىل رەڭلىك ۋە قاپقارا يوللار(قىلدى). شۇنىڭدەك ئىنسانلارنى، ھايۋانلارنى ۋە چارۋىلارنىمۇ رەڭگارەڭ قىلىپ ياراتتى، ئاللاھنىڭ بەندىلىرى ئىچىدە ئاللاھتىن پەقەت ئالىملارلا قورقىدۇ. شەكسىزكى، ئاللاھ غالىبتۇر، ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر». بۇ ئايەتتە ئۆسۈملۈكلەرگە، ھايۋاناتلارغا مۇناسىۋەتلىك ئىلىملەرگە، پىسخولوگىيە ۋە گېئولوگىيە قاتارلىقلارغا ئىشارەت قىلىنغان. ئاللاھ تائالانىڭ بۇ بايانلاردىن كېيىنلا «ئاللاھنىڭ بەندىلىرى ئىچىدە ئاللاھتىن پەقەت ئالىملارلا قورقىدۇ» دېگەن سۆزى ھەر قايسى ئىلىم ساھەلىرىدىكى ئالىملارنىڭ ھەممىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. چۈنكى دىنىي ئالىم ئۆزىنىڭ مەدرىسىدە، ئىمام مېھرابتا ئاللاھ تائالانىڭ كاتتىلىقىنى ۋە ئۇلۇغلۇقىنى ھېس قىلىدۇ ۋە ئاللاھ تائالادىن قورقىدۇ. بىيولوگىيە ئالىمى ئۆزىنىڭ تەجرىبىخانىسىدا، ئاسترونومىيە ئالىمى ئۆزىنىڭ رەسەتخانىسىدا ئاللاھ تائالانىڭ ئۇلۇغلۇقىنى ھېس قىلىدۇ ۋە ئاللاھ تائالادىن قورقىدۇ. دېمەك، بۇ ئايەت بارلىق ئىلىم ئەھلىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

ئىلىم-پەن دىنغا دۈشمەن ئەمەس، ئۇنىڭغا زىتمۇ ئەمەس، بەلكى ئىلىم-پەن ئەقىللىك كىشىلەرنى ئىمانغا باشلايدىغان بىر يولباشچىدۇر. ئىلىم دېڭىزىغا شۇڭغۇپ ئۇنىڭدىن بەھرىمەن بولغان كۆپلىگەن ئالىملارنىڭ بۇ سىرلىق كائىناتنىڭ ئارقىسىدا ئۇنى ھىمايە قىلىپ ۋە باشقۇرۇپ تۇرىدىغان بىر ئىلاھىي قۇدرەتنىڭ بارلىقىغا ۋە ئۇنىڭدىكى ھەر نەرسىنىڭ مەلۇم قانۇنىيەتكە ئىگە، پۇختا يارىتىلغان سەنئەت ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىپ، ئاللاھ تائالانىڭ دىنىغا قايتقانلىقى ئەجەبلىنەرلىك ئەمەس. چۈنكى ئىلىم ھەر قاچان ئاللاھقا باشلىماي قالمايدۇ.

دىنسىزلىق ئېتىقادى بىلەن تەبىئەت، ئاسترونومىيە، بىيولوگىيە، فىزىكا ۋە باشقا ئىلىم پەن ساھەلىرىگە قەدەم قويۇپ، بۇ ئىلىم-پەنلەر سايىسىدا ھەقىقەتنى تونۇپ ھىدايەت تاپقاندىن كېيىن، ئاللاھ تائالانىڭ بارلىقىغا ئىلمىي يوسۇندا يېتەرلىك دەلىللەرنى كەلتۈرگەن ۋە بۇ دەلىللىرى ئارقىلىق ئىلىم-پەندىن يۈزەكى مەلۇماتلىق بولۇپ، ئىلىمنى دىنغا قارشى قورال قىلماقچى بولغانلارغا قارشى كۈچلۈك رەددىيەلەرنى بېرىپ كەلگەن تەبىئىي پەن ئالىملىرىمۇ ناھايىتى كۆپ. گېرمانىيەلىك شائىر ۋە يازغۇچى ھىلمۇت ھۇگىل مۇنداق دەيدۇ: «ئىلىم ساھەلىرى كېڭەيگەنسېرى تەڭداشسىز قۇدرەتلىك، يەككە-يېگانە ياراتقۇچىنىڭ بارلىقىغا بولغان كۈچلۈك ئىلمىي دەلىللەر كۆپەيمەكتە. بىيولوگىيە، فىزىكا، تەبىئەت، ئاسترونومىيە ئالىملىرى ئۆزئارا ھەمكارلىشىپ ئىلىم مۇنبىرىنى تىكىلمەكتە. بۇ شۇنىڭ بىلە بىرگە ئاللاھنىڭ ئۇلۇغلۇقىنىڭ مۇنبىرىدۇر».

خۇددى ئىلگىرىكى مۇسۇلمانلار دىنىي ئىلىم بىلەن دۇنيالىق ئىلىمنى بىللە ئېلىپ بارغاندەك، ھەربىر مۇسۇلماننىڭ دىنىي ئىلىملەرنى ئۆگىنىشى بىلەن دۇنيالىق ئىلىملەرنىمۇ ئۆگىنىشى تولىمۇ زۆرۈر. دۇنيالىق ئىلىملەردە مۇتەخەسسىس بولۇش دىندا ئالىم بولۇشقا زىت كەلمەيدۇ، دىنىي ئىلىم بىلەن شۇغۇللىنىش باھانىسى بىلەن دۇنيالىق ئىلىملەردىن يۈز ئۆرۈشكە بولمايدۇ، شۇنىڭدەك دۇنيالىق ئىلىملەرگىلا بېرىلىپ كېتىپ دىنىي ئىلىملەرنى تەرك ئېتىشكە بولمايدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ «ئى ئاللاھ! ئىشىمنىڭ تۈگۈنى بولغان دىنىمنى مەن ئۈچۈن ياخشىلاپ بەرگىن، تۇرمۇشۇمنىڭ كاپالىتى بولغان دۇنيالىقىمنى ياخشىلاپ بەرگىن» دېگەن دۇئاسى ھەققىدە تەپەككۇر قىلغان ئادەم دىن ۋە دۇنيالىق ھەر ئىككىسىنى تەلەپ قىلىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى چۈشىنىدۇ.

 خۇلاسە كالام، ئۆلىمالىرىمىز بىلەن زىيالىيلىرىمىز ئۆزئارا ئىتتىپاق بولۇپ، مۇستەقىللىق كۈرەش سېپىمىزدە يىمىرىلمەس بىرلىك سەپ تۈزۈپ،خەلقىمىزگە ئۈلگە ۋە يولباشچى بولۇشى لازىم. ئۆلىما ۋە زىيالىيلىرىمىزدا بىرلىك، ئىتتىپاقلىق، ھەمكارلىق بولمىسا، مۇستەقىللىق كۈرىشىمىزدە ھەقىقىي بىرلىكنى، ئىتتىپاقلىقنى، ھەمكارلىقنى ئىشقا ئاشۇرغىلى، ئاخىرقى غەلىبىنى قولغا كەلتۈرگىلى بولمايدۇ. بۇ، مۇستەقىللىق كۈرىشىمىزدىكى ئەڭ مۇھىم مەسىلە. تارىخىي غەۋغالاردىن زىيالىيلىرىمىز ئارىسىدا شەكىللەنگەن ۋە ئۇلارنى ئىككىگە بۆلگەن بۇ قاشانى ئاغدۇرۇپ تاشلىمىساق، مۇستەقىللىق كۈرىشىمىزدە، ھايات يوللىرىمىزدا دائىم پەيدا بولۇپ تۇرىدىغان توسالغۇلاردىن قۇتۇلالمايمىز.

بۇ ھالدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن كىتاب بىزنىڭ ئەڭ ياخشى ياردەمچىمىز بولالايدۇ. شۇڭا كىتابلارنى دىنىي كىتاب، پەننىي كىتاب دەپ قاشاغا ئايرىپ، دىندا ئوقۇغانلار ئىلىم-پەنگە ئىتىبارسىز قارايدىغان، پەندە ئوقۇغانلار دىننى ئۆگەنمەيدىغان ھالەتكە خاتىمە بېرىش كېرەك. بالىلىرىمىزنى قۇرئان كۇرسىغا بەرگەندە مەكتەپتىن ئايرىماسلىقىمىز، مەكتەپتە ئوقۇغاندا دىنىي بىلىملەرنى ئۆگىتىشكە سەل قارىماسلىقىمىز لازىم. شۇ مەنىدىن ئېيتقاندا كىتاب ئوقۇشتا كىتابلارنى دىنىي كىتاب، پەننىي كىتاب دەپ تۈرلەرگە ئايرىش مۇمكىن. لېكىن، كىتابلار ئارىسىغا ئاتلاپ ئۆتۈش مۇمكىن بولمايدىغان قاشالارنى قۇرۇشقا بولمايدۇ.

 

 2021-يىلى 21-سېنتەبىر، ئىستانبۇل

بۇ خەۋەر 2647 قېتىم كۆرۈلدى
27/09/2021 00:52:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق